-
يۇقۇرى ئىنىقلىقتىكى ئىلىكتىرونلۇق رەسىم رامكىسى مەيدانغا كەلدى. - [ITخەۋەرلىرى] 2009-03-16
ياۋرۇپادىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەت AgfaPhotoيېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقارغان AF5105MS(10دىيوملۇق)،ۋە AF5135MS(13دىيوملۇق)ئىلىكتىرونلۇق رەسىم رامكىسىنىڭ ئىنىقلىقى1280 x 800بۇلۇپ،ھازىرقى بازارغا سېلىنغان ئىلىكتىرونلۇق رەسىم رامكىلېرىنىڭ ئەڭ ئالدى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئىلىكتىرونلۇق رەسىم رامكىسىنىڭ قېلىنلىقى22مىللىمىتىر بۇلۇپ،ئۇنىڭغا سەپلەنگەن ئاۋاز ياڭراتقۇ ئارقىلىق مۇزىكا قويۇشقا بۇلىدىكەن،ئۇندىن باشقا يەنە كالىندار،قۇڭغۇراقلىق سائەت قاتارلىق ئىقتىدارلېرى بار بۇلۇپ، USBئېغىزى ئارقىلىق كومپىيۇتېردىكى ئۇچۇرلارنى كۆچۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكەن.سىرتقى قېپى ئاق رەڭلىك ۋە قارا رەڭلىك ئىككى خىل بۇلۇپ،ئىچكى سىغىمى256MBكېلىدىكەن.ئەمما ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىگە قاراپ SD、XD、CF、MMS、MSۋە ياكى SDHCكارتىلېرىنى سېتىۋېلىپ سىغىمىنى چوڭايتسا بۇلىدىكەن. ھازىرچە سېتىلىش باھاسى ئىنىق ئەمەس.
评论