باش بەت  خەلقئارا خەۋەرلەر  دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى كومپىيۇتېر  ITخەۋەرلىرى رەسىملەر 


  • كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئۇيغۇرچە3Gمەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. - [ITخەۋەرلىرى]

    2009-05-11

    جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئازسانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن 3Gمەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.تۈنجى پۈتۈن ئۇيغۇرچىلىق TDئۆزىكى لاھىيىسى مەيدانغا كەلدى.

    C114نىڭ5-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،5-ئاينىڭ17-كۈنى دۇنيا تىلىگراف كۈنىدە جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ3Gتورىنى رەسمىي ھالدا يولغان قۇيىشى بىلەن(باشقا ئىككى شىركەت بۇندىن بۇرۇن يولغا قۇيۇپ بولغان)ئۈچ چوڭ شىركەتنىڭ 3Gبازىرىدىكى رىقابىتى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرىلىدىكەن،ھازىر يولغا قۇيۇلۇپ بولغان دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل ئەقلىي مۈلۈك ھۇقوقىغا ئىگە بولغان جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئىشلىتىۋاتقانTD-SCDMAماركىسى ئۆزىنىڭ يېڭى بولغان يەنە بىر مەھسۇلات لاھىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بۇلۇپ،ئۇ بولسىمۇ دەل دۆلەت ئىچىدىكى تۈنجى پۈتۈن ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغانTD-SCDMAبىلەنGSMنى تەڭ قوللايدىغان سىمسىز ئالاقە ئۆزىكى لاھىيىسى ئىكەن.

    ئېگىلىنىشىچە بۇ ئۈزەك ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بولغان TD-SCDMAۋەGSMنى قوللايدىغانTDسىمسىز مۇقىم تىلىفونىداGSMتورى بىلەنTD-SCDMAتورى ئارىسىدا يۇچۇقسىز ئاپتۇماتىك ئالماشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدىكەن.ھاۋارىيىدىن ئالدىن مەلومات،يانفون گىزىتى،رەڭلىك ئۇچۇر،تېز خەۋەرلەر، MP3قويغۇچ،يانفون ئالاقىلىشىش دەپتىرى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بۇ ئۈزەك ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئىشلىتىشكە بۇلىدىكەن.

    دۆلىتىمىزدىكى بارلىق3Gمەھسۇلاتلېرى ئىچىدە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى تۈنجى بۇلۇپ ئازسانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن3Gمەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان شىركەت بۇلۇپ،بۇ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن قوشقان بىر تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.

    بۇ خىلTD-SCDMAبىلەنGSMنى قوش قوللايدىغان سىمسىز ئالاقە ئۆزىكى لاھىيىسىنى شاڭخەي رۈيخې ئالاقە تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ چىياڭگو پەنتېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ چىققان بۇلۇپ،بۇ مەھسۇلاتقا ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە شىنجاڭ چىياڭگو شىركىتى يېڭىدىن مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىگە پۈتۈنلەي ماس كېلىدىغان تىيەنيى ناملىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىلگەن.

    ئۇيغۇرچە قوللايدىغان بۇ ئۆزەك مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن تىلىفون ياساش شىركەتلېرى ناھايىتى تېزلا بۇخىل ئۆزەكنى ئىشلىتىپ TDسىمسىز مۇقىم تىلىفونىنى ياساپ چىقىپ،كەڭ ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنى قۇلايلىق ھالدا3Gنى ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشى مومكىن ئىكەن.

    سىمسىز مۇقىم تىلىفون بولسا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ يانفون،كىچىك تورغا چىقىش كومپىيۇتېرى ۋە سىمسىز تور كارتىسى قاتارلىقلاردىن باشقا بولغان يەنە بىر خىل مۇھىم مەھسۇلاتىنىڭ بىرى بۇلۇپ،ئائىلە ئىشلەتكۈچىلېرى بازىرىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ باشقا ئىككى ئۇچۇر-ئالاقە شىركىتىنىڭ مۇقىم تىلىفون كەسپىگە رىقابەتلىشىدىغان يېڭى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.ئېگىلىنىشىچە بۇ قېتىم ئۇيغۇرچە TDمەھسۇلاتى بازارغا چىققاندىن كىيىن بۇيىل9-ئايلاردا زاڭزۇچەTDمەھسۇلاتى بازارغا سېلىنىدىكەن.

     

    مەنبە: http://tech.163.com/09/0511/09/5918N40T000915BE.html

    分享到: