باش بەت  خەلقئارا خەۋەرلەر  دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى كومپىيۇتېر  ITخەۋەرلىرى رەسىملەر 


  • ئەقلىفونلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى ئېلان قىلىندى - [ITخەۋەرلىرى]

    2011-03-18

    سۇمرۇغ تورى بېيجىڭ ۋاقتى2011-يىلى18-مارت خەۋىرى: J.D. Power(1968-يىلى قۇرۇلغان دۇنيا خاركتىرلىق سودا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان،خېرىدارلارنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسى،مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى قاتارلىقلارغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان شىركەت.) يېقىندا ئىستىمالچىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون(ئەقلىفون)لارغا قارىتا رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئېلان قىلغان.نەتىجىدە ئايفون بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن،قارا بۆلجۈرگەن ھەممىنىڭ كەينىگە تىزىلغان.

     

    ئۈستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ تەپسىلىي رەت تەرتىپى.ئايفون ئۆز ئارتۇقچىلىقلېرىغا ئاساسەن بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان،موتورولا ۋە HTCئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان،بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدىكىAndroidسېستىمىسىنى ئىشلەتكەن يۇقىرىقى ئىككى ماركىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىش دەرىجىسى ناھايىتى ياخشى بولغان.

    ئىگىلىنىشىچە قارا بۆلجۈرگەن ئەقلىفونلېرىنىڭ ھەممىنىڭ كەينىگە تىزىلىشىدا يانفون لاھىيلەشتە بەزى جايلېرىنى بەك ياخشى قىلىپ كېتەلمىگەنلىكى سەۋەب بولغان بولۇپ،بۇ ئىستىمالچىلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى چۈشۈرىۋەتكەن. Palmيانفونلىرى تۆتىنچى ئورۇندا تىزىلغان بۇلۇپHPشىركىتىPalmنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئىستىمالچىلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىدە مۇئەييەن ئىلگىرلەش بولغان،نوكىيابەشىنچى ئورۇندا،سامسۇڭ ئالتىنچى ئورۇندا تۇرغان.

     

    http://tech.ifeng.com/telecom/detail_2011_03/18/5235827_0.shtml

    分享到:

    • 评论

    • مەنمۇ ئالمىنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى دەپ قارايمەن.