باش بەت  خەلقئارا خەۋەرلەر  دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى كومپىيۇتېر  ITخەۋەرلىرى رەسىملەر 


  • ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كىم كونتىرول قىلالايدۇ؟ - [ئىچكى خەۋەرلەر]

    2008-03-18

    بىر نەچچە يىلدىن بۇيان،دۆلەت ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر«ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كونتىرول قىلىش»ئۈچۈن نۇرغۇن پىرىنسىپ ۋە سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئەمما باشتىن-ئاياغ«ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش»ۋەزىيىتىنى كونتىرول قىلالمىدى.بۇنىڭ ئاساسى سەۋەبى بولسا ئەمىلىيەتكە ھەقىقىي ماس كىلىدىغان پىرىنسىپ،سىياسەتلەرنىڭ يوقلىغىدىلا ئەمەس بەلكى،«شۇ جايدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار»،«يۇرت قورۇقچىلىقى» ئېقىمى ھەمدە«ناچار خىزمەت نەتىجىسى»قاتارلىق ئامىللاردىن كۆرۈشكە بۇلىدۇ.تۆۋەندە ئۆي باھاسىنى ئۆسۈشىنى كونتىرول قىلىش توغرىسىدا بىر قانچە تەكلىپ بېرىمەن.   
    بىرىنچى:ھەردەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئادەتتىكى تاۋار ئۆي سېلىش يېرىدىن كېلىدىغان كىرىمنى مالىيە كىرىمنى ئاشۇرىدىغان ئاساسلىق ۋاستە قىلىۋالماسلىقى لازىم.ئالىي دەرىجىلىك تاۋار ئۆي سېلىش يېرى،سانائەت زاۋۇتلىرىنى سېلىش يېرى،چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى قۇرۇلۇشلار ئىشلىتىدىغان يەرلەردىن كېلىدىغان كىرىمنى مالىيە مەنبەسىنى ئاشۇرۇشتىكى ياردەمچى ۋاستە قىلسا بۇلىدۇ.   
    ئىككىنچى:ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئەرزان قۇلاي ئۆيلەرنىڭ،قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆيلىرىنىڭ ھەمدە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئېچىش كارخانىلېرىنىڭ مەبلەغ چىقىرىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشىغا،مەسئول بۇلۇپ سېتىشىغا ۋە ئىجارىگە بېرىشىگە ھاۋالە قىلماسلىقى لازىم.چوقۇم ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلالايدىغان،ئىقتىدارلىق جامائەت تۈرلېرىنى باشقۇرۇش شىركەتلىرىگە ھاۋالە قىلىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشى كېرەك بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر سېتىش ۋە ئىجارىگە بېرىش خىزمەتلىرىگە جەزمەن ئۆزلىرى مەسئول بۇلىشى لازىم.
    ئۈچۈنچى:دۆلەت تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىمىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى لازىم:بىرىنچىدىن بارلىق ئىككىنچى قېتىم تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ ئۆي سېتىۋىلىش ئۈچۈن تۈنجى قېتىمدا تۆلەيدىغان پۇل سوممىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش كېرەك،بۇنىڭدىن باشقا يەنە بانكىدىن ئالغان قەرزىنىڭ ئۆسۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش ۋە قەرىزنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۇزارتىش كېرەك.ئىككىنچىدىن بارلىق ئىككىنچى قېتىم ئۆي ساتقانلارنىڭ ئۆي سېتىش باھاسىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆينى سېتىۋالغان باھا بىلەن ئوخشاش قىلىش ھەمدە ئۆي سېتىش سودا بېجى ۋە تاپاۋەت بېجىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك.  
    يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەنلەرنى دۆلەت ۋە ھەرقايسى دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرەلىسە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كونتىرول قىلغىلى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە«پۇل پاخاللىشىش»نىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.ئەكسىچە قەغەز يۈزىدە قۇرۇق گەپ سېتىپ،ئەمەلىي ھەركەت قوللانمىسا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتىنى ھەرگىزمۇ كونتىرول قىلغىلى بولمايدۇ.  
    ھەرقايسى خەنزۇچە مۇنبەرلەردە خېلى مودا بولغان تېما ئىكەن،قارىسام گەپلىرى خېلى ئورۇنلۇقكەن،شۇڭا مۇنبىرىمىزگە يوللىدىم. مەنبە:http://bbs.news.163.com/bbs/shishi/48511650.html

    收藏到:Del.icio.us