باش بەت  خەلقئارا خەۋەرلەر  دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى كومپىيۇتېر  ITخەۋەرلىرى رەسىملەر 


  • قەغەزدىن ياسالغان كومپىيۇتېر ماشىنا قېپى - [ITخەۋەرلىرى]

    2009-03-30

    يېشىل مەھسۇلات تېخنىكىسى ھازىر پەيدىنپەي كارخانىلارنىڭ دىققىتىگە ئېرىشمەكتە،ئۇلار ھەر بىر قېتىم بىر خىل يېشىل مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغاندا كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدۇ،بۇ تېمىدا كۆپچىلىككە تونۇشتۇرىدىغىنىمىز نىيۇيورك يېشىل مەھسۇلات كۆرگەزمىسىدە ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەن لاھىيە قەغەزدە ياسالغان كومپىيۇتېر ئاساسىي ماشىنىسىنىڭ قېپى.

    بۇخىل قەغەزدە ياسالغانRecomputerدەپ نام قويۇلغان ئاساسىي ماشىنا قېپىنىBrenden Macalusoناملىق لاھىيلىگۈچى تەرىپىدىن لاھىيلىگەن بۇلۇپ،ئىچىگە ھەقىقىي كومپىيۇتېرنىڭ ئىچكى زاپچاسلېرى قويۇلغان،M-ATXماركىلىق ئاساسىي تاختا،مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ،ئىچكى ساقلىغۇچ،توك مەنبەسى،قاتتىق دېسكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئورنىتىلغان،بۇ ماشىنا قېپى يەنەدىئامىتىرى8سانتىمىتىرلىق شامالدۇرغۇچ بىلەن4دانەUSBئېغىزىنى قوللايدۇ.

    بۇ لاھىيىنىڭ تۈزۈلىشى4باسقۇچتىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ،كېسىش،چاپلاش،بېسىش،تۈپلەش قاتارلىق باسقۇچلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە چاپلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن شىلىم يېشىل بولغان زەھەرسىز شىلىم بۇلۇپ،بۇخىل ماتىرىيالىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بۇلىدىغان ماشىنا قېپىنى ياساش بەكمۇ قۇلايلىق.

    ئەمما خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ خىل ماشىنا قېپىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىدىن گۇمان قىلماقتا،ئەمما لاھىيلىگۈچىBrendenبىلدۈرۈپ مۇنداق دىگەن:سۇلياۋدىن ياسالغان ماشىنا قېپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا قەغەزنىڭ ئېرىش نوقتىسى تەخمىنەن258℃-427℃ئەتراپىدا بۇلۇپ،ئەمما سۇلياۋنىڭ ئاران120℃ئەتراپىدا ئىكەن،شۇڭا قەغەزدىن ياسالغان ماشىنا قېپى سۇلياۋدىن ياسالغىنىغا قارىغاندا ئاسان شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمەيدىكەن.

    تەھرىردىن: Brendenنىڭ سۇلياۋ بىلەن قەغەزنى سېلىشتۇرغىنى بەك قىزىق بوپتۇ،ھازىر كومپىيۇتېرنىڭ ئاساسىي ماشىنا قېپى ئاساسىي جەھەتتىن پۇلات ۋە ئاليومىنلارنىڭ قېتىشمىسىدىن ياسىلىدىغان تۇرسا،چىدامچانلىقى جەھەتتە قەغەز قاپ ئىنىقلا ئاليومىن ياكى پۇلات قاپقا يەتمەيدۇ،ئەمما ياخشى يېرى مۇھىتنى ھەقىقەتەن ئاسرايدۇ.

     

     

     

     

     

     

     

     

    分享到:

    • 评论

    • مەن دىققەت قىلماپتىمەن ! كەچۈرۈڭ ھازىرلا تۈزتۈپ قۇياي !
      ئىدىقۇت بلوگى回复sitniyaz说:
      تۈزۈتىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت!
      2009-04-17 09:53:44