باش بەت  خەلقئارا خەۋەرلەر  دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى كومپىيۇتېر  ITخەۋەرلىرى رەسىملەر 


  • ئالما يانفونىنىڭ يېڭى سېستىمىسى iPhone OS 3.0مەيدانغا كەلدى. - [ITخەۋەرلىرى]

    2009-03-18

    شۇجاي ۋاقتى17-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا(بېيجىڭ ۋاقتى18-مارت يېرىم كېچە سائەت بىردە)ئالما شىركىتى ئامرىكىدىكى باش شىتابىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ،ئالما يانفونىنىڭ يېڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سېستىمىسى بولغان iPhone OS 3.0نى تەتقىق قىلىپ پۈتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.ھەمدە بۇ سېستىمىدا مەشغۇلات قىلىپ تاماشىبىلارغا كۆرسەتتى.بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىدا100دىن ئارتۇق ئىقتىدار كۆپەيتىلگەن بۇلۇپ،بۇرۇنقى سېستىمىدىكى ئىشلەتكۈچىلەرنى رازى قىلالمىغان كۆچۈرۈپ،چاپلاش مەشغۇلاتى،كۆك چىشP2Pئۇلىنىش ئىقتىدارى،MMSرەڭلىك ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق ئىقتىدارلار ھازىرلاندى،بۇ ئىقتىدارلار ئىشلەتكۈچىلەرنى تامامەن رازى قىلالايدۇ.ئۇندىن باشقا بۇ سېستىمىدا ھازىرلانغان يۇمشاق دېتال ئېچىش بوغچىسى(SDK)،پىروگگرامما يازغۇچىلار ئۈچۈن1000دىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتال ئېغىزى بىلەن تەمىنلىگەن بۇلۇپ،پىروگگرامما يازغۇچىلارنىڭ ئالما يانفونى ئۈچۈن يۇمشاق دىتال ياسىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بەردى.

    ئالما شىركىتى يىغىندا iPhone OS 3.0نىڭ بۇ يىل يازدا رەسمىي تارقىتىلىدىغانلىقىنى،كونكىرت ۋاقتىنىڭ تېخى ئىنىق بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. iPhoneئىشلەتكۈچىلېرى ھەقسىز ھالدا ئىلگىرىكى سېستىمىنى بۇ سېستىمىغا يېڭىلاشقا بۇلىدىكەن،iPod touchئىشلەتكۈچىلىرى9.95ئامرىكا دوللىرى ھەق تۆلەپ ئالماشتۇرالايدىكەن.يىغىندا يەنە ئالما شىركىتى App Storeئەڭ يېڭى كەسىپ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، App Storeنىڭ ئەمەلىي ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان يۇمشاق دىتاللېرى25000دىن ئاشقان بۇلۇپ،چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى800مىليون قېتىمغا يەتكەن.

    iPhone OS 3.0تىكى يېڭى كۆپەيتىلگەن ئىقتىدارلار:

    1.     كېسىش/كۆچۈرۈش/چاپلاش

    مەشغۇلات ئۇسولى:بارماق ئارقىلىق يېزىقنى قوش چەكسىلا ئاپتۇماتىك ھالدا تاللىنىدىكەن ھەمدە ئوڭ سول ئىككى تەرىپىدە كۆرسەتكۈچ بەلگە چىقىدىكەن،بارماقنى خالىغانچە يۆتكەپ ئۆزىمىز خالىغان جايغا ئېلىپ كەلگەندىن كىيىن ئۈستى تەرىپىدە كېسىش،كۆچۈرۈش ۋە چاپلاش قاتارلىق بەلگىلەر كۆرۈنىدىكەن.خالىغان بىرىنى باسساق كۆزلىگەن مەخسەتكە يەتكىلى بۇلىدىكەن.ئەڭ مۇھىمى بۇ ئىقتىدارنى يانفوندىكى بارلىق پىروگگىراممىلاردا ئىشلەتكىلى بۇلىدىكەن.

     

    2.     MMSرەڭلىك ئۇچۇر ئىقتىدارى

     

    iPhone OS 3.0تا رەڭلىك قىسقا ئۇچۇر ئىقتىدارى كۆپەيتىلگەن بۇلۇپ،ئىشلەتكۈچىلەر قىسقا ئۇچۇرغا رەسىم،ئاۋاز،ئالاقىلاشقۇچى ئادەم ئۇچۇرى ۋە جۇغراپىيىلىك ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلېرىنى كىرگۈزەلەيدىكەن،ئەمما بىرىنچى ئەۋلادiPhoneنىڭ سېستىمىسىنى مەزكور نەشىرىگە يېڭىلىسىڭىزمۇ بۇ ئىقتىدارنى قوللىمايدىكەن.

     

    3.     كۆك چىش ئارقىلىق سىترولۇق ئاۋاز ئۈسكۈنىلېرىگە ئۇلاش ئىقتىدارى

    بۇ سېستما ئارقىلىقiPhone 3GۋەiPod Touchنى كۆك چىش ئارقىلىق ستىرولۇق تىڭشىغۇچ ياكى ئاۋاز ياڭراتقۇ بىلەن ئۇلاشقا بۇلىدىكەن،ئەمما بىرىنچى ئەۋلادiPhoneدا يەنىلا ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن.

     

    4.     P2Pئۇلىنىشى

    بۇ ئىقتىدار ئارقىلىقiPhoneئىشلەتكۈچىلەر كۆك چىش ئارقىلىق يانفوندىكى ئۇيۇنلارنى بىر-بىرى بىلەن ئۇلاپ ئوينىيالايدىكەن.

     

    5.     توغرىسىغا كۇنۇپكا تاختىسى قوشۇلغان.

    يانفوننى توغرىسىغا تۇتۇپ تور بەتلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭىزدا ۋە ياكى باشقا دىتاللارنى ئىشلەتكىنىڭىزدە توغرا يۆلىنىشتە ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان مەۋھۈم كۇنۇپكا تاختىسى قوشۇلغان.

     

    6.     ئىزدەش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن

    يانفوندىكى ناخشىلارنى،يۇمشاق دىتاللارنى ۋە خاتىرىلەرنى ئاسانلا ئىزدەپ تاپالايسىز،يانفوندىكى ئېلخەتلەرنى ۋە ياكى توردىكى سىز يازغان ئېلخەتلەرنىمۇ ئىزدىگىلى بۇلىدۇ.

     

    تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز ئەسلى مەنبەسىگە كىرىڭ.http://tech.163.com/mobile/09/0318/09/54M7QVTD0011179O.html

    分享到:

    • 评论

    • ئەمدى مۇشۇ ھازىرقىسىنى ئىشلىتىۋىرەي .كىرەك بولسا شاققىدە ئىنكاس يازاي
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
      نورۇز بايرىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن .
      ئىدىقۇت بلوگى回复TAWLAN说:
      ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىغانلىقىمدىن خىجىلمەن.رەھمەت سىزگە!
      2009-04-16 18:40:58