باش بەت  خەلقئارا خەۋەرلەر  دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى كومپىيۇتېر  ITخەۋەرلىرى رەسىملەر 


  • ھايانكەشلەر بەس-بەستەIpad2سېتىۋېلىشماقتا - [ITخەۋەرلىرى]

    2011-03-17

    سىنا تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى2011-يىلى 17-مارتتىكى خەۋىرى:iPad 2ئالدىنقى ھەپتە تارقىتىلغاندىن كىيىن ھەر خىل يولدىكى ھايانكەشلەرنىڭ تالىشىپ سېتىۋېلىشىغا دۇچ كەلدى،بىر ئاسىيادىن كەلگەن ھايانكەشلەر گۇرۇپپىسى نەزىرىنى نيۇ يوركتىكى 5-نۇمۇرلۇق كوچىغا جايلاشقان ئالما مەھسۇلاتلېرى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا قاراتتى،ئۇلار ھەرخىل ئاماللار ئارقىلىق دۇكانغا كىرىپ مال سېتىۋېلىپ،ئارقىدىن يەنە يۇقۇرى باھا بىلەن باشقىلارغا ساتتى ۋە ياكى جۇڭگوغا ئەۋەتىپ ساتتى. بۇ خىل ئەھۋال تۆنۈگۈن تېخىمۇ بەك ئەۋج ئالغان بۇلۇپ،بۇ ئاسىيالىق ھايانكەشلەر گۇرۇپپىسى ئادەم ياللاپ ئۆچرەتتە تۇرغۇزۇپ iPad 2 سېتىۋېلىشتى،شۇ كۈنى نيۇيورك5-نۇمۇرلۇق كوچىدىكى ئالما دۇكىنى ئالدىدا ئۈچرەتتە تۇرغان ئادەم200دىن ئېشىپ كەتكەن بۇلۇپ،دۇكان ئېچىلىپ بىر نەچچە مىنوتقىچە بارلىقiPad 2سېتىلىپ تۈگىگەن. ھايانكەشلەرنىڭ قۇلىدىكى iPad 2نىڭ باھاسى ئادەتتە دۇكاندىكىسىدىن2ھەسسىگىچە يۇقۇرى بۇلۇپ،ھايانكەشلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى:«بىز بۈگۈن سېتىۋالغانiPad 2نىڭ ھەممىسىنى جۇڭگوغا ئەۋەتىۋەتتۇق»دىگەن. نۆۋەتتە iPad 2جۇڭگودا تېخى رەسمىي تارقىتىلمىغان بۇلۇپ،ھايانكەشلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار جۇڭگوغا ئېلىپ بارغان ماللېرىنى1700ئامرىكا دوللېرى(تەخمىنەن11171يۈەن خەلق پۇلى)دىن ساتىدىكەن.بۇ گۇرۇپپىنىڭ كاتتىۋېشىنىڭ بىلدۈرىشىچە بۇ باھاغا ئۇ تېخى رازى ئەمەس بۇلۇپ،2000دوللاردىن ساتالىسا كۆڭلىدىكىدەك بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھازىر iPad 2نىڭ ئامرىكىدىكى پارچە سېتىلىش ئەڭ يۇقۇرى باھاسى 829ئامرىكا دوللىرى بۇلۇپ،ئالما دۇكىنىدىكى خادىملارمۇ ھايانكەشلەردىن بىزاركەن،ئەمما بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئامالى يوقكەن.ئالما شىركىتىمۇ بۇ ئەھۋالغا قارىتا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

    中国黄牛党

    [url=http://tech.sina.com.cn/it/2011-03-17/10555298513.shtml]http://tech.sina.com.cn/it/2011-03-17/10555298513.shtml[/url]

    分享到: