-
باھاسى مۇۋاپىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى تونۇشتۇرۇش(1)Sony EricssonW958c - [ITخەۋەرلىرى] 2009-02-16
يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ يانفوننىڭ ئىقتىدارىغا بولغان تەلىپى بارغانسېرى يۇقۇرىلاپ بارماقتا،شۇنىڭ بىلەن ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى سېتىۋېلىشقا باشلىماقتا،تۆۋەندە بىرقىسىم باھاسى مۇۋاپىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن.ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلار ئۈچۈن پايدىلىنىش بۇلۇپ قالار.
سونىي ئېرىكسوننىڭ W958cتىپلىق يانفونى 索尼爱立信 W958c
پايدىلىنىش باھاسى:1388يۈەن
بۇ يانفون يېڭى بازارغا سېلىنغان ۋاقىتلاردا باھاسى خېلىلا قىممەت ئىدى،ئەمما ھازىر چۈشۈپ مىڭ يۈەندىن ئازراقلا يۇقۇرى بۇلۇپ قالدى.بۇ يانفوننىڭ ئىقتىدارى جەھەتتىن ئويلاشقاندا ئۇمومىي ئىقتىدارى ياخشى،2.6دىيوملۇقQVGAئىنىقلىقىدىكى سېزىشچان ئېكران ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ئاستىدا يەنە نۇمۇر تاختىسىمۇ ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ سونىي ئېرىكسوننىڭ Wتۈركىمىدىكى يانفونلار ئىچىدە ئەڭ نوچىسى ھېسابلىنىدۇ.
W958cسونىي ئېرىكسون
نىڭ سىرتقى شەكلىW958cسونىي ئېرىكسون
ئەمەلىيەتتە سونىي ئېرىكسوننىڭ W958تىپلىق بۇ يانفونى UIQ 3.0مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلەتكەن بۇلۇپ،ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان.ئىشلەتكۈچىلەر سېزىشچان ئېكران ۋە ياكى ئەنئەنىۋى بولغان كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ.مەزكور يانفوندا يەنە Wتۈركۈمىدىكى باشقا كۆڭۈل ئېچىش يانفونلېرىغا ئوخشاشمايدىغان بەزى ئىقتىدارلار قوشۇلغان،Officeھۆججەت باشقۇرۇش،سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش ۋە تورغا چىقىش قاتارلىقلاردا بۇ يانفوننىڭ زور ئارتۇقچىلىقلېرى بار.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ يانفون كەسپىي مۇزىكىلىق يانفون بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى ئىلغار قويغۇچ قاچىلانغان بۇلۇپ،نۇرغۇنلىغان فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى بىمالال ئوقىيالايدۇ.ئېنفىرا قىزىل نۇر ۋە كۆك چىشلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى قوللايدۇ. USBئېغىزى ئارقىلىق كومپىيۇتېردىن بىۋاستە ھۆججەت كۆچۈرگىلى بۇلىدۇ.يانفون بىلەن بىللە يەنە تىڭشىغۇچ قوشۇپ بېرىلىدۇ،تىڭشىغۇچ بىلەن يانفوننى ئۇلىغۇچى سىمدا باشقۇرۇش كۇنۇپكىلېرى بار بۇلۇپ،يانفوننى باسماي تۇرۇپلا ناخشىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئاڭلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدۇ.
سونىي ئېرىكسون W958نىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلېرى
W958
يانفون تىپى
GSM900/1800/1900
يانفوننىڭ چاستوتا بۆلىكى
106*54*15
ھەجىمى
240*320پېكسىللىقQVGAئىنىقلىقىدىكى سېزىشچان ئېكران
ئېكران
UIQ 3.0
مەشغۇلات سېستىمىسى
كامىراسى يوق
كامىرا
كۆك چىشنى قوللايدۇ
كۆك چىش
سىغىم كېڭەيتىش كارتىسىنى قوللىمايدۇ.
سىغىم كېڭەيتىش كارتىسى
W958
يانفون تىپى
GSM900/1800/1900
يانفوننىڭ چاستوتا بۆلىكى
106*54*15
ھەجىمى
سىغىم كارتىسى قوللىمىغىنى بىلەن يانفون ئۆزىنىڭMB62لىق ئىچكى سىغىمى ۋە 4GBلىق ھۆججەت ساقلاش بوشلۇقى بار.MB 62+ 4GBئىچكى سىغىمى بار
سونىي ئېرىكسون W958نىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلېرىگە باھا
ئارتۇقچىلىقلېرى
كەمچىلىكلېرى
1.نەپىس سىرتقى كۆرۈنىشى
2.ئىقتىدارى يۇقۇرىWalkmanقويغۇچىغا ئىگە بۇلىشى
3.سېزىشچان ئېكران ۋە كۇنۇپكىلىق مەشغۇلاتنى قوللىشى
4.گىگا بايتلىق ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سەپلىنىشى
1.كۇنۇپكىلېرى سەل كىچىك بولغانلىقتىن خەت كىرگۈزۈش ئازراق تەس.
2.سېستىمىسىنىڭ ئىنكاسى سەل ئاستا
收藏到:Del.icio.us