«ئانا تىل رادىيوسى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىم» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە مۇسابىقىسىدا 13 پارچە ئۇيغۇرچە ماقالە مۇكاپاتلاندى
«ئانا تىل رادىيوسى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىم» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە مۇسابىقىسىدا 13 پارچە ئۇيغۇرچە ماقالە مۇكاپاتلاندى
مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر چاستوتىسى 1950 – يىلىدىن بۇيان ھەر بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە ھەمراھ بولۇپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ كەلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى بىلەن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر پىروگرامما مەركىزى ھەمكارلاشقان، «ئانا تىل رادىيوسى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىم» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 10 - ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
بۇ يىل 5 - ئايدا باشلانغان بۇ قېتىمقى ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە خەنزۇچە، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە چاۋشيەنچىدىن ئىبارەت 6 خىل تىل - يېزىقتا ماقالە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىمىز ھەر قايسى جايلاردىكى ئاپتورلار ئەۋەتكەن ماقالىلەر ئىچىدىن 22 پارچىنى تاللاپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى. باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، 13 پارچە ماقالە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماقالىلەر «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ھەرخىل تىل - يېزىقتىكى نۇسخىلىرىدا، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر چاستوتىسىدا ۋە تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىدۇ.
ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماقالە:
«رادىيودىن قاناتلانغان ئارزۇ»، ئاپتورى: يۈسۈپ ئابدۇراخمان
1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماقالە:
«قەلبىمدىكى ئاۋاز»، ئاپتورى: ئۆمەرجان سىدىق
2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماقالىلەر:
«ئانا تىلدىكى مەركەز رادىيوسىغا باغلانغان كۆڭۈل رىشتىمدىن خاتىرىلەر»، ئاپتورى: مۇھەممەدسالىھ مەتروزى
«رادىيو ھاياتىمنى ئۆرگەرتتى»، ئاپتورى: قەھرىمان تۆمۈر
3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماقالىلەر:
«ئانا تىلىمدا سايرىغان بۇلبۇل»، ئاپتورى: ئەركىن ئەبەيدۇللا
«مېنىڭ ياخشى سىردىشىم»، ئاپتورى: ئابلىكىم كېرەم
«ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو چاستوتىسى ماڭا ياخشى ئۇستاز ۋە دوست»، ئاپتورى: مۇساجان تۇردى
«رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ماقالىلەر:
«رادىيودىن تۇتاشقان ئوت»، ئاپتورى: سابىرجان سېيت
«ئانا تىل رادىيوسى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىم»، ئاپتورى: ئابباس ئۆمەر
«ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيوسى ئۇستازىم ۋە قەدىناس دوستۇم»، ئاپتورى: ئىمىنجان ئۆمەر
«ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيوسى -- ياخشى ئۇستازىم ۋە قەدىناس دوستۇم»، ئاپتورى: دوستۇم مۇساجان ياسىن
«ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيوسى -- ياخشى ئۇستازىم ۋە قەدىناس دوستۇم»، ئاپتورى: ئۆمەرجان مۇھەممىدى سەردار
«قەلبىمدىكى ياڭراق كۈي»، ئاپتورى: غۇنچەم سەمەت