فوتوگرافلار سەمىگە:

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 7799   يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-30 09:52:59

فوتوگرافلار سەمىگە:

       تۇنجى نۆۋەتلىك «جەلپكار شىنجاڭ  ـــ رەڭگارەڭ دۇنيا» مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى مۇكاپاتىغا ئەسەر قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تەھرىراتىمىز ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ يىللىق 2 - سانىدا ئېلان قىلغانىدى. ھەر ساھەدىكى فوتوگرافلار بۇنىڭغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سەرخىل فوتو سۈرەتلىرىنى بىزگە ئەۋەتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم فوتوگرافلار تەھرىراتىمىز ئۇقتۇرۇشتا ئالاھىدە تەكىتلىگەن «ھەر بىر فوتو سۈرەتكە چوقۇم سۈرەت ئاپتورىنىڭ ئىسمى يېزىلىشى كېرەك» دېگەن تەلەپكە ئېتىبار بەرمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق فوتوگرافلارنىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئەۋەتكەندە چوقۇم سۈرەت ھۆججىتىگە ئاپتورنىڭ ئىسمىنى يېزىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. ئىلگىرى ئاپتور ئىسمى يېزىلماي بىزگە يوللانغان فوتو سۈرەتلەرنى ئاپتورلار قايتا ئەۋەتىشى كېرەك. ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى