«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا ئېلخەت ئارقىلىق ماقالە - ئەسەر يوللايدىغان ئاپتورلار سەمىگە:

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1906   يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-30 09:48:47

«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا ئېلخەت ئارقىلىق ماقالە - ئەسەر يوللايدىغان ئاپتورلار سەمىگە:

 

1. ئاپتورلار ئەسەر يوللىغاندا،  ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ ھەقسىز خەت تىزىش دېتالى بولغان «ئەلكاتىپ» دېتالىدا تىزىپ يوللىسا ھەمدە ھۆججەت شەكلىنى ۋورد (word) يۇمشاق دېتالىنىڭ  2003 ــ 97 شەكلىدە ساقلاپ يوللىسا، ھەرقانداق نەشردىكى ۋورد يۇمشاق دېتالىدا نورمال ئېچىلىدۇ. ۋۇردتىن باشقا يۇمشاق دېتاللاردا تىزىلغان ۋە ھۆججەت شەكلى ۋورد 2003 ــ 97 بولمىغان ھۆججەتلەرنىڭ ئېچىلىشى نورمال بولمىغانلىقتىن، كۆرۈپ بېكىتىشكە مۇمكىن بولمىدى.
2. ئاپتورلار ماقالە - ئەسەر يوللىغاندا، ھۆججەت نامىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى»دا يېزىلىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا يېزىلغان ياكى ھۆججەت نامى يېزىلمىغان ماقالە - ئەسەرلەرنىڭ توردىن چۈشۈرۈلۈشى نورمال بولماي، ئاسانلا خاتالىق چىقىپ، كۆرۈپ بېكىتىشكە قولايسىزلىقلار كەلتۈرۈۋاتىدۇ.
3. ئاپتورلار يوللايدىغان ماقالە  - ئەسەرنىڭ نامىنى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا يازغاندا، بەزى سەزگۈر، ئاچقۇچلۇق سۆزلەردىن ساقلىنىشى (مەسىلەن، مىللەت ناملىرى، يەر - جاي ناملىرى قاتارلىق) كېرەك. ماقالە - ئەسەر نامىنى ئامال بار ئۆزىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى بىلەن يازسا ئېلخەتنىڭ نورمال يوللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بىر قىسىم ئاپتورلار بىزگە تېلېفون قىلىپ، يوللىغان ماقالە - ئەسەرلىرىنىڭ قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. بۇ، دەل يۇقىرىدىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان.
4. ئاپتورلار ماقالە  - ئەسەر يوللىغاندا، ئەسەرلىرىگە ئىسىم - فامىلىسى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى يازماي يوللايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇچۇرلار تولۇق بولمىغان بۇنداق ماقالە - ئەسەرلەر  باش مۇھەررىرنىڭ كۆرۈپ بېكىتىشگە يوللانمايدۇ. شۇڭا، ئاپتورلىرىمىزنىڭ ماقالە - ئەسەر يوللىغاندا يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى سورايمىز.
5. تەھرىراتىمىزدا مەخسۇس ئادەم توردىن كەلگەن ماقالە - ئەسەرلەرنى توردىن چۈشۈرۈپ، باش مۇھەررىرنىڭ كۆرۈپ بېكىتىشىگە يوللايدۇ. باش مۇھەررىر كۆرۈپ چىققان ماقالە - ئەسەرلەر ئايرىم تىزىملىنىپ، «ماقالە - ئەسەر ئامبىرى»دا ساقلىنىدۇ ۋە تۈركۈملەر بويىچە ژۇرنىلىمىزنىڭ «سەلتەنەت» تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ. يوللىغان ماقالە - ئەسەرلەرنىڭ تاپشۇرۇۋېلىنىش، ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئاپتورلىرىمىز (
www.seltenet.com)دىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ، تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈش ئەسلا ھاجەت ئەمەس.


مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى
ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى