لو لىمىڭ جۇڭگو 2014 – يىل 6 – نۆۋەتلىك كۆپ مەنبەلىك ئىگىلىك بويىچە سېتىۋېلىش ساھەسىدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 9709   يوللانغان ۋاقتى: 2014-09-11 09:02:02

 لو لىمىڭ جۇڭگو 2014 – يىل 6 – نۆۋەتلىك كۆپ مەنبەلىك ئىگىلىك بويىچە سېتىۋېلىش ساھەسىدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى


 
  8 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ بېيجىڭدا جۇڭگو 2014 – يىللىق 6 – قېتىملىق كۆپ مەنبەلىك ئىگىلىك بويىچە سېتىۋېلىش ساھەسىدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەم ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، شۇنداقلا دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. يىغىندىن بۇرۇن، لو لىمىڭ سېتىۋېلىش ساھەسىدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى.
  
سۈرەتتە: لو لىمىڭ جۇڭـگو 2014 – يىللىق 6 – قېتىـملىق كۆپ مەنبەلىك ئىگىلىك بويىچە سېتىۋېلىش ساھەسىدىكى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلماقتا
  
  
سۈرەتتە: لـو لىـمىڭ سېتىۋېلىش ساھـەسىدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى
  
  لو لىمىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ــــ بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، 55 ئاز سانلىق مىللەت بار. تەبىئىي، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر كۆپ مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يار – يۆلەك بولۇش جەھەتتە بىر قاتار سىياسەت – تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى مۇكەممەل مېخانىزمنى تۇرغۇزۇپ، مەخسۇس تۈر پىلانلىرىنى تۈزۈپ، مەبلەغ سىياسىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىدا، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە، ئېكولوگىيەلىك شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە گۈللەنگەن مەنزىرىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. 
  لو لىمىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، «خەلقئارا سودا ماشىنىلىرى شىركىتى» قاتارلىق دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك سېتىۋېلىش سۇپىلىرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشىگە باشلامچىلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان مۇنەۋۋەر كارخانىچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى بازار پۇرسىتى ھەمدە تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەمدە بولۇپ، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەم ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپىلەرنى قوشتى. دۆلەت ھالقىغان ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا، «كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات چۈشى ئارقىلىق، ئورتاق ئۇتۇق قازىنىشتىن ئىبارەت» ئورتاق غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
  لو لىمىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: 6 – نۆۋەتلىك كۆپ مەنبەلىك ئىگىلىك بويىچە سېتىۋېلىش ساھەسىدىكى باشلىقلار يىغىنىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى داۋاملاشتۇرۇلۇشى، كۆپ مەنبەلىك ئىگىلىك بويىچە سېتىۋېلىش خىزمەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈشى؛ يېتەكلەش ئورتاق تەتقىق قىلىپ بېكىتىلىپ، كۆپ مەنبەلىك ئىگىلىك بويىچە سېتىۋېلىشتىكى تەمىنلەش ۋە تەلەپلەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچۇرلىرىدا ماس قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلۈشى؛ تەجرىبىلەر داۋاملىق يەكۈنلىنىپ، كۆپ مەنبەلىك ئىگىلىك بويىچە سېتىۋېلىش تۈزۈلمىسى يەنىمۇ ياخشىلىنىشى؛ كۆپ دائىرىلىك ھەمكارلىق يەنىمۇ ئېچىلىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كۆپ مەنبەلىك ئىگىلىك بويىچە سېتىۋېلىش خىزمەتلىرىگە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىش بىلەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كارخانىلارنى خەلقئارا بازارلارغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
  بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشچىلىقىدا، جۇڭگو مىللەتلەر تاشقى ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن چاقىرىلدى. جۇڭگو كۆپ مەنبەلىك ئىگىلىك بويىچە سېتىۋېلىش ساھەسىدىكى باشلىقلار يىغىنى ــــ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەھكىمىسى بىلەن جۇڭگو مىللەتلەر تاشقى ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ 2008 - يىلىدىكى تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، دۆلەت ھالقىغان «DELL شىركىتى»، «MOTOROLA شىركىتى»، «思科 شىركىتى»، «ئىنتېل شىركىتى»، «IBM شىركىتى»، «كوكا - كولا شىركىتى»، «江森 ئاپتوماتىك تىزگىنلەش شىركىتى»، «ئامېرىكا بىرلەشمە تېخنىكا شىركىتى»، «تيەنجىن تيەنشېلى گۇرۇھى» قاتارلىق ئون شىركەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئورتاق باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كارخانىلىرى كەسپىي تەرەققىيات تۈرى قىلىپ بېكىتىلگەن. جۇڭگو مىللەتلەر تاشقى ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بۇ تۈرنى ئىجرا قىلىدىغان ئاپپارات ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈرنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىكى بەش يىللىق پىلانىغا ئاساسەن، ئىجرائىيە ئاپپاراتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كارخانىلىرى ئۈچۈن ھەر يىلى بىر قېتىم چوڭ تىپتىكى جامائەت پاراۋانلىقى – سېتىۋېلىش يىللىق يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشى بەلگىلەنگەن، بۇنىڭدا جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىشى ۋە ئۇلار بىلەن كېڭىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ئادىل بولغان بازار پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.