مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشىلاشتا چېگرا رايونلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم
يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: 10464 يوللانغان ۋاقتى: 2014-08-30 14:52:48
ۋاڭ جېڭۋېي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:
مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشىلاشتا چېگرا رايونلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم
7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن)نىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنىنى ئېچىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، گېنېرال مايور شۈ يەننى دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايونلارنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئاساسلىقى چېگرا رايونلارغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى 22 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيەسىنىڭ 19 مىڭ كىلومېتىر قىسمىنى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چېگرا رايونلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش بىلەن چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى مۇستەھكەملەشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز چېگرا رايونلىرىنىڭ پولات ئىستىھكامىنى تېخىمۇ پۇختا قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم.

ۋاڭ جېڭۋېي پارتگۇرۇپپىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە
گېنېرال مايور شۈ يەن دۆلىتىمىزنىڭ ئۆتكەن سۇلالىلەرنىڭ چېگرا رايونلارنى ئىدارە قىلىشتىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى مۇساپىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، قەدىمكىلەرنىڭ چېگرا رايونلارنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى قانداق ئۆگىنىش، ئۇنىڭدىن قانداق ئەقىل – پاراسەت تېپىش، قانداق ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۈلگە ئېلىش بىلەن، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەمدە چېگرا رايونلار خىزمىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ياخشىلاش توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

شۈ يەن دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەرمەكتە
ۋاڭ جېڭۋېي ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار تاكتىكىلىق چوڭ - چوڭ قارارلارنى ھەمدە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ھەمدە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتىنى جىددىي رەۋىشتە شەرھلەپ، مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇشۇنداق مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇش مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چېگرا رايونلارنىڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش، شۇنداقلا مىللەتلەر خىزمىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق تەكىتلىدى: ئەزەلدىن تارتىپلا چېگرا رايونلار مەسىلىسى بىلەن مىللەتلەر مەسىلىسى باشتىن – ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولۇپ كەلدى. چېگرا رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوغداشتا، بىرىنچىدىن، چېگرا رايونلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئاساسىي ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ياخشى ئىشلىنىشى كېرەك. بۇ يىللاردا، دۆلىتىمىز كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىش بىلەن، كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تاش يول قورۇلۇشىنى راۋانلاشتۇرۇش، تۆمۈر يوللىرىنى رېمونت قىلىش، ئايرودۇرۇم قۇرۇش جەھەتلەردىكى ھەر خىل قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا يېڭىچە قىياپەتنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ يىل، چىڭخەي – شىزاڭ تۆمۈر يولىنى ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ؛ لەنجۇ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى يەنە خېشى كارىدورى، چىڭخەي كۆل ياقىلىرى، تەڭرىتاغ بويلىرىنى كېسىپ ئۆتۈش ئالدىدا تۇرىدۇ، بۇ، بىر تۇتاش مۇھىم پىلاننى ھىمايە قىلىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم پۇرسەتتۇر. ئىككىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، چېگرا رايونلاردىكى ھەر مىللەت خەلقى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش شارائىتىغا ئىگە قىلىندى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى «2020 – يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىغا يېتىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۆتكەن يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەننىڭ شياڭشى تۇجيازۇ – مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولغاندا: «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ يادروسى ـــــ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشتە» دەپ تەكىتلىدى؛ بۇ يىلنىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈننەندىكى دۇلۇڭ مىللىتىدىن بولغان يۇرتداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش گۈزەل ئارزۇسىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىدىكى قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى مۇڭغۇلغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولغاندا، ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونلىرىنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇش شارائىتىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى. 4 – ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشتە بولغاندا، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىن بولۇشنى ئەھمىيەت بېرىش نۇقتىسى ھەم كۈچ چۈشۈش نۇقتىسى قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىناق، گۈللەنگەن، باياشات، مەدەنىي تەرەققىي قىلغان، كىشىلەر خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم كۆرسەتمە ۋە ھۆكۈملەر ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ھەم ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى ھەمدە غەيرىتىگە ناھايىتى چوڭ ئىلھام بولدى. چېگرا رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئوبدان يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش لازىم. ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلانغاندىلا، ئاندىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۈچىنچىدىن، كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قەلب ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ـــــ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە چېگرا رايونلارنىڭ تىنچ – ئامان بولۇشىدىكى ئاساس. كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قەلب ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ـــــ پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. بۈگۈنكى كۈندە، تەرەققىيات ياكى مۇقىملىقتا بولسۇن ۋەياكى ئىتتىپاقلىقتا بولسۇن، ھەممىسىدە مۇشۇ ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، ھەممىسىدە كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز، ھەممە ئىشنى كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى چۆرىدىگەن ئاساستا قىلىشىمىز، ھەممە ئىشتا كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتالىدۇقمۇ – يوق، كىشىلەر مايىل بولدىمۇ – يوق، دېگەننى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم قىلىشىمىز لازىم. «كىشىلەرنىڭ كۆڭلى مەندە» دەيدىغان ئىدىيە بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي مەنىدىكى پولات ئىستىھكام بارلىققا كېلىدۇ، چېگرا رايونلار ئەبەدىي ئەمىن بولىدۇ. تۆتىنچىدىن، چېگرا رايون مەسىلىلىرىگە بولغان تەتقىقاتنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. يېڭى تارىخىي باسقۇچتا، بىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز ھەممىگە ئايان بولماقتا. لېكىن، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ھەمدە چېگرا رايونلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى بۆلگۈنچىلىكنىڭ خېيىم – خەتىرى ۋە رىقابىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە يۈزلىنىشتە، چېگرا رايون خىزمەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرگە، ئالدىن كۆرەرلىككە، تاقابىل تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۇنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنى ئەقىل – پاراسەت ئارقا تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنىغا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ھەيئەتلىرى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئەزالىرى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق مەدەنىيەت تارماقلىرىدىكى باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار قاتناشتى.