دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ چېگرا رايونلارنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي پىلانىنى تولۇق مۇكەممەللەشتۈرۈش
يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: 9312 يوللانغان ۋاقتى: 2014-08-04 17:05:23
دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ چېگرا رايونلارنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي پىلانىنى تولۇق مۇكەممەللەشتۈرۈش
ـــ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي بىلەن مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى توغرىسىدا سۆھبەت
مۇخبىر: مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى نېمە ئۈچۈن ئېچىلدى؟ بۇ قېتىملىق يىغىننى ئېچىشنىڭ زور ئەھمىيىتى قەيەردە؟
ۋاڭ جېڭۋېي: 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. بۇ يىغىننىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ھەمدە 18 - قېتىملىق مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭ خىزمىتىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ ھالقىشلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ياخشىلاشتىن ئىبارەت. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمەتلىرىنىڭ ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭ خىزمىتىنى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرگە ماسلاشقان ھالدا ياخشى ئىشلەش ـــ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات – تەرەققىياتى، مۇقىملىق ئومۇمىيىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يىراق كەلگۈسى سىياسەت، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرىنى ئەبەدىي ئەمىنلىك كۈچىگە، ئۇزاققىچە ئىدارە قىلىش ئىشىغا ئايلاندۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلىشىمىز كېرەك.
بۇ قېتىملىق يىغىن 2010 – يىلى ئېچىلغان مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي تەلىپى، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. بولۇپمۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسەتچانلىق، ئومۇمىيەتچانلىق ھەمدە ئىستراتېگىيەچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ چېگرا رايونلارنى ئىدارە قىلىش پىلانىنى يەنىمۇ تولۇقلاش، مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىش ۋە يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتتۇر. بۇ قېتىملىق يىغىن مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىتتىپاق – ئىناق، گۈللەنگەن ھەم پاراۋان، مەدەنىي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ھەم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
مۇخبىر: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ باھا بېرىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئېچىلىشى مەركەزنىڭ چېگرا رايونلارنى ئىدارە قىلىش پىلانىدا چوڭ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
ۋاڭ جېڭۋېي: ئاۋۋال شۇنى تەكىتلىشىمىز كېرەككى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىنلا شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى باسقۇچلاردا چوڭ – چوڭ بىر قاتار تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىدە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەمىزنىڭ چېگرا رايونلارنى ئىدارە قىلىشتىكى ئومۇمىي پىلانى توغرا ھەم ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئۇنىڭدا ھامان چىڭ تۇرۇشىمىز، ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ساقلىشىمىز لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ چېگرا رايونلارنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي پىلانىنى تولۇقلىشىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز لازىم. ھازىرقى شىنجاڭ زوراۋانلىق – تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ جانلىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىن باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، ئاغرىقنى قول تىقىپ داۋالاش دەۋرى ئىكەنلىكىنى، بۆلگۈنچىلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكى، بەزىدە ھەتتا ئىنتايىن شىددەتلىك بولىدىغانلىقىنى كاللىمىز سەگەك ھالدا ئالاھىدە كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك. ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ــــ مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتۇر» دېگەن زور ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت – ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇردى: دېڭ شياۋپېڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ھەمدە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە ئىدارە قىلىش قابىلىيىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەم خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيەلەرنىڭ يامراپ كېتىشىنى بىردەك توسۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش ئۈچۈن ئۇزاققىچە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق – ئىناق بولغان، گۈللەنگەن، پاراۋان، مەدەنىي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بۇ قېتىملىق يىغىن بەلگىلىگەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي پىلانى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشكە تومۇرداش بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي پىلانىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە يۈكسىلىشىدۇر.
مۇخبىر: يىغىندا شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قانداق چوڭ ئورۇنلاشتۇرمىلار قىلىندى، مۇھىمى قايسى تەرەپلەر كۆزدە تۇتۇلدى؟
ۋاڭ جېڭۋېي: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ــــ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، شۇنداقلا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش پىرىنسىپى. تۇتقا تۇتۇلسا ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ھەمدە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشان بويىچە قانات يايدۇرۇلىدۇ.
ــــــ زوراۋانلىق – تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى نۆۋەتتىكى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەخسۇس تۈر بويىچە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇشىمىز لازىم؛ ئاممىنىڭ مۇداپىئە قىلىش ۋە ئىدارە قىلىش، سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، مۇستەھكەم پولات ئىستىھكام قۇرۇپ چىقىپ، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك؛ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا كۈرەش سېپىنى تەڭ ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم؛ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەتراپلىق ئالدىنى ئېلىپ ھەم ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، بۇ جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىن بولۇشتىكى ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.
ــــ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز لازىم. شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا دۆلەت قارىشى، پۇقرالىق قارىشى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق بىرلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەربىر مىللەت، ھەربىر پۇقرانىڭ ھەممىسىنى «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشى»دىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايدىغان، ۋەتەننىڭ گۈللەپ - ياشناپ تەرەققىي قىلغان مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان قىلىشىمىز لازىم. ھەر مىللەت خەلقى بىر - بىرىنى چۈشىنىشى، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىشى، بىر - بىرىگە كەڭ قورساق بولۇشى، بىر - بىرىدىن زوقلىنىشى، بىر - بىرىدىن ئۆگىنىپ، بىر - بىرىگە ياردەم بېرىپ، خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. مىللەتلەرنىڭ بېرىش – كېلىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق قۇرۇپ چىقىشتىكى كۆپخىل شەكىللىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، «قوش تىل» مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقى ئۆزئارا گىرەلەشكەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىچكىرىگە بېرىپ تەربىيەلىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئولتۇراقلىشىش كۆلىمىنى تەرتىپلىك ھالدا كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ياشاش، خىزمەت قىلىش، ئۆگىنىش جەريانىدا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.
ــــــ پارتىيەنىڭ دىنىي ئىشلار سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم. دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا ئاكتىپ يېتەكلەپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاكتىپ رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. «قانۇنلۇقلارنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۆرپ – ئادىتىنى ھۆرمەتلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ساۋاتلارنى توغرا ئىگىلەشتىكى قانۇنلۇق يوللىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىشىمىز لازىم. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ئوقۇتقۇچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ مۇستەھكەم تۇتۇشىغا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
ــــــ شىنجاڭنىڭ ھالقىشلىق تەرەققىياتى خەلق تۇرمۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىگە قويۇلۇشى لازىم. تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن ئەمەلىيلىشىشى، پايدا – مەنپەئەت ئۆز جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلىشىشى، بۇ ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. ھەممە كىشى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىشى لازىم. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قابىلىيىتىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. دۆلەت مائارىپ راسخوتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان سالمىقىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى مائارىپقا ئۆزلىرىنى بېغىشلاشقا جەلپ قىلىشىمىز لازىم. نامراتلارغا يار – يۆلەك بولۇش مەبلەغ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارغا تۈجۈپىلەپ يار – يۆلەك بولۇش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايونلىرىغا، چەت – ياقا جايلارغا، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار خەلق ئاممىسىغا قارىتىشىمىز لازىم. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن بىۋاسىتە لايىھەلەپ، ئالاھىدە سىياسەتنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە ياردەم بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قەدىمىنى قوللىشىمىز لازىم. چېگرا رايونلارغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدە ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايونلارغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشىغا قارىتىشىمىز كېرەك. بىڭتۇەننىڭ خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن مۇقىملىقنى ساقلاپ چېگرا رايوننى قوغداشنى ھەمدە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىپ، ئىشلارنىڭ نېگىزى، ئاساسى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدىن كۈچەپ، بىڭتۇەننى چېگرا رايونلارنىڭ ئامانلىقى، چېگرا رايونلارنى مۇستەھكەملەشتىكى تۇراقلاشتۇرغۇچقا ئايلاندۇرۇپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن، بىڭتۇەننى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىغا ئايلاندۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ھەمدە ئەبەدىي ئەمىن بولۇشتىكى ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
ــــ ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇشىمىز لازىم. ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا توغرا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك قارىشى، مىللەت قارىشىنى مۇھتەھكەم تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى ھەمدە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا بېسىش ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىي تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى يېتەكلىشىمىز لازىم. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ مەيدان، ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى قۇرۇلۇشىنى ھەمدە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ياخشى كۆرىدىغان، خۇشال بولىدىغان مول، رەڭدار مەدەنىي تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈشتەك گۈزەل ھېسسىياتىنى قوزغىتىشىمىز لازىم.
ـــــ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھالقىسى پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىكتىكى يادرولۇق رولىنى ماسلاشتۇرۇپ جارى قىلدۇرۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. سىياسىي ۋە قابىلىيەت، ئىستىل خەھەتتە كۈچلۈك بولغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشىمىز لازىم. ئاساسىي قاتلاملارنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلغان، قىممەتلىك ھاياتىنى شىنجاڭغا بېغىشلىغان ھەر مىللەت كادىرلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز لازىم. پارتىيەگە سادىق، ھالقىلىق پەيتلەردە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، ئاممىۋى خىزمەت قابىلىيىتى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ھەمدە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشىمىز، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، ئەمىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ھەمدە پۇختا ئاساس تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان جەڭگىۋار، كۈچلۈك ئىستىھكامغا ئايلاندۇرۇشىمىز، پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر ئاساسىي قاتلام سەپلىرىدە ئېگىز لـەپىلدىتىشىمىز لازىم. پارتىـيەنىڭ ئامـمىۋى لۇشيەن تەلىم - تەربىيە ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىل جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىستىلىمىز بىلەن تۈرلۈك خىزمەت – ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.
مۇخبىر: سىز مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، بۇ بىر ئاپپاراتنىڭ ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
ۋاڭ جېڭۋېي: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئاساسلىقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ۋەزىيەت ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش، سىياسەت تەتقىقاتى، قوماندانلىقنى ماسلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بىز قەتئىي ھالدا مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەرقايسى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي قائىدىسى ھەم پىلان لايىھەسىنى تۈزۈشىگە ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز. مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش – مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز. مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، مەركەزنىڭ سىياسەت – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىمىز، ھەرقايسى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى مەركەزگە ئۆز ۋاقتىدا دوكلات قىلىمىز.
تۇرغۇن يىلتىز تەرجىمىسى