شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ جېڭيۇڭ شەنشىدىكى ئۇيغۇرلار ئاممىسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا كىچىك ئىش يوق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەملەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى
يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: 1477 يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-26 16:43:45
شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ جېڭيۇڭ شەنشىدىكى ئۇيغۇرلار ئاممىسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا كىچىك ئىش يوق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەملەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى
«جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى» خەۋىرى: 13 - ماي چۈشتىن كېيىن ج ك پ شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ جېڭيۇڭ شەنشىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاممىسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كەلگەن 30 نەپەر ئۇيغۇر ئامما سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئاينىسا، ئەلى ئاۋۇت قاتارلىق توققۇز كىشى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە شەنشىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئىرادىسى ھەم ئىشەنچىنى بىلدۈردى. جاۋ جېڭيۇڭ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاچ، خاتىرە قالدۇردى ھەمدە پات - پات سۆز قىستۇردى، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى..
جاۋ جېڭيۇڭ سۆھبەت يىغىنى ئاياغلىشىدىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، شەنشىنىڭمۇ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىغا، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر نىيەتتە بولۇشى، ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، ئورۇنلار سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى؛ «خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىىلمايدۇ ، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېگەن ئىدىيەنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ھەر مىللەت ئاممىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، خەلقنىڭ بەختىنى ئورتاق مەسئۇلىيەت ۋە نىشان قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
جاۋ جېڭيۇڭ مۇنداق دېدى: شەنشى قەدىمدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مۇھىم رايون، ئېچىۋېتىش ۋە باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇش جەھەتتە شەنشىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى بار. شەنشىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت كىشى شەنشىدە ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆز كەسپىنى گۈللەندۈردى. ئۆلكىدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا كىچىك ئىش يوق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇشنى چىن كۆڭلىدىن ياخشىلىشى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان قىلمىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
جاۋ جېڭيۇڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شەنشىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا پائال تۈردە شارائىت يارىتىپ بېرىش، بولۇپمۇ پارتىيە تەشكىلاتى، ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت تۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى قاتارلىق مۇلازىمەت سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەنشىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
«جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى»دىن پولات ئېزىز تەرجىمىسى