ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2233   يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-26 16:29:55

   ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

 

   ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7 - ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنى 19 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسار جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. 
   جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن، 1 - قېتىملىق يىغىننىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى يەنىمۇ قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرما چىقاردى. بۇ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيەت ۋە باسقۇچتا يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى. بىز تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈمى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە كۆزلەش نۇقتىسى، «ئۈچ خىل كۈچ»تىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش مۇھىم نۇقتىسى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەلەپلىرى ئاساسىدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى:
  شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك.
  يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى يېتەكچى ئىدىيە: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدىكى زامانىۋىلىشىشنى يېتەكچى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىق - مۇقىملىقنى قوغداش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق بولغان، گۈللەنگەن، باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، كىشىلەر خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش.
   نۆۋەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى: بىر مەزگىللىك جاپالىق خىزمەت ئارقىلىق، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى، يامرىشى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى توسۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنى داۋاملىق مۇقىملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش. 2020 - يىلى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش كۈرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش.
  شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى - مۇقىملىقىنى قوغداش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش.
  شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى: سىياسىي يۆنىلىش ۋە ئومۇمىيەتنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئاممىغا تايىنىش ۋە ئەل رايىنى مايىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدە ۋە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ھادىسىنىمۇ، ماھىيەتنىمۇ تۈزەش ۋە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئېھتىياتچان بولۇش، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش، ئىزچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش.
  شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق بولۇش، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش.
               تەھرىراتىمىز تەييارلىغان