شەھەر مەسچىتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش توغرىسىدا
يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: 450 يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-26 16:03:17
شەھەر مەسچىتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش توغرىسىدا
ما چياڭ
دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلار يېقىنقى يىللاردا سودا، ئۆگىنىش، خىزمەت سەۋەبىدىن شەھەر ئىچىگە ۋە شەھەرلەر بىلەن شەھەرلەر ئوتتۇرىسىغا تۈركۈملەپ كۆچۈشكە باشلىدى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ سودىغا ھېرىسمەنلىكى كۆچۈشنىڭ مۇھىم سەۋەبى بولۇپ قالدى. دۆلىتىمىزدە شەھەرلەر تەرەققىيات قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن شەھەرلەردىكى مۇسۇلمانلار مەھەللىلىرىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدىن كۆزىتىشكە بولىدۇ: بىرسى، ئەنئەنىۋى مەھەللىلەر مۇھىت، قۇرۇلما، ئىقتىدار، نوپۇس قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن يىمىرىلىپ كەتتى، بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى مەسچىت سىستېمىسى خىرىسقا دۇچ كېلىپ، مەسچىت بولۇپ جامائەت بولماسلىق، جامائەت بولۇپ مەسچىت بولماسلىق، مەسچىتنى ئاساس قىلىش ۋە جامائەتنى ئاساس قىلىشتەك مۇرەككەپ ئەھۋاللار كېلىپ چىقتى؛ يەنە بىرسى، نوپۇسنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىشى بىلەن، شەھەرلەرنىڭ يېڭى رايونلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى مەھەللىلىرى پەيدا بولۇپ، يېڭى مەسچىت ۋە كەسپىي خادىملار بارلىققا كەلدى.
مەسچىت شەھەر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياشىشى ۋە كۆچۈشىدىكى مۇھىم ئامىل
مەسچىت مۇسۇلمانلار مەھەللىسىنىڭ مەركىزى. ئۇ مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان، تەلىم - تەربىيە بېرىدىغان، مەدەنىيەت ئۆگىتىدىغان، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان، ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىدىغان، جېدەل - ماجىرانى ھەل قىلىدىغان، نامراتلارنى يۆلەيدىغان، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان جاي بولۇپ، ئۆرپ - ئادەت ۋە دىندىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن رول ئوينايدۇ، بۇ جەھەتتە مەسچىت تەڭداشسىز ئورۇنغا ئىگە. شۇڭا، مەيلى ئۆتمۈشتە بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن، قەيەردە مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولسا، شۇ يەردە مەسچىت بولىدۇ. مەسچىت مۇسۇلمانلار مەھەللىسىنىڭ ماددىي بەلگىسى بولۇپلا قالماي، يەنە مەنىۋى بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. مەسچىت بولسىلا، مۇسۇلمانلار غېرىبسىنىپ قالمايدۇ.
دۆلىتىمىزدە ئېتىقادچىلىرى كۆپ بۇددا دىنىغا قارىغاندا، ئىسلام دىنىنىڭ شەھەر ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن گەۋدىلىك. «مەشھۇر تاغلاردا راھىبلار كۆپ» بولغاچقا، بۇددا دىنىنىڭ چەت، تىنچ يەرلەردە ئىستىقامەت قىلىش، ئاۋامدىن يىراق بولۇش ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن روشەن بولىدۇ. مۇسۇلمانلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە شەھەرلەردە، قاتناش تۈگۈنلىرىدە، ئادەملەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلەرگە ماكانلىشىدۇ. مەسچىت سېلىنسا، جامائەت شەكىللىنىپ، بازار پەيدا بولىدۇ؛ مۇسۇلمانلار مەسچىت ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىىدۇ، مەسچىت ئەتراپىدا سودا قىلىدۇ؛ جامائەت بىلەن مەسچىت بىر گەۋدىلىشىدۇ، جامائەت بىلەن بازار ئايرىلالمايدۇ.
نوپۇسنىڭ كۆچۈش يۈزلىنىشىدىن كۆزەتكەندە، دۆلىتىمىزدە مۇسۇلمانلارنىڭ يېزىلاردىن بازارلارغا، بازارلاردىن ناھىيە بازارلىرىغا، ناھىيە بازارلىرىدىن مەركىزىي شەھەرلەرگە، مەركىزىي شەھەرلەردىن چوڭ شەھەرلەرگە كۆچۈشتەك ئالاھىدىلىكى بار.
كۆچكەن كىشىلەرنىڭ كەسپىدىن قارىغاندا، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يېزىلاردىن ياكى شەھەر - بازارلاردىن چوڭ شەھەرلەرگە كۆچتى، مەسىلەن، چىڭخەيدىكى خۇيزۇ، سالارلار ۋە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە بېرىپ تاماقخانا ئاچتى؛ خېنەننىڭ مېڭجۇ، چاڭگې قاتارلىق جايلىرىدىكى خۇيزۇلار فۇجيەندىكى چۈەنجۇ، گۇاڭدۇڭدىكى گۇاڭجۇلاردا كۆن - خۇرۇم تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى.
كۆچكەن رايون بويىچە تەھلىل قىلغاندا، بەزىلەر ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە كۆچتى، بەزىلەر غەربىي رايوندىن ئوتتۇرا، شەرقىي رايونلارغا كۆچتى. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مۇسۇلمانلاردا يېقىنقى يىللاردا، تارىختا مۇسۇلمانلار پائالىيەت قىلغان، لېكىن پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە پائالىيىتى ئومۇميۈزلۈك سۇسلاشقان شەھەرلەرگە كۆچۈشتىن سىرت، تارىختا مۇسۇلمانلار ئىنتايىن ئاز شەھەرلەرگە كۆچۈشتەك يۈزلىنىش پەيدا بولدى.
كۆچۈشتىكى بۇنداق ئالاھىدىلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب ئىككى: بىرسى، مەسچىت بار شەھەرلەر مۇسۇلمانلارنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە؛ يەنە بىرسى، تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى شەھەرلەردە سودا جانلانغان، بازار تەرەققىي قىلغان، سىياسەت ئادىمىيلىككە ئىگە بولۇپ، ئادەمنى تارتىش كۈچىگە ئىگە. كۆچمەنلەر مەسچىت بار يەرلەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، مەسچىتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تورىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، مەسچىتلەرنى مەركەز قىلىپ شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي بايلىقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، مەسچىتلەر كۆچمەنلەرنىڭ شەھەرگە سىڭىپ كىرىشىنى ئاساسىي ئالاقە تورى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بازار تەرەققىي قىلغان، سىياسىتى ياخشى، سودا جانلانغان شەھەرلەر مەلۇم كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇسۇلمانلارنى جەلپ قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرلەردە مەلۇم سانغا ئىگە نوپۇس توپلىنىپ، يېڭىدىن مۇسۇلمانلار مەھەللىسى شەكىللىنىدۇ.
شەھەر نوپۇسىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان مۇسۇلمانلار شەھەرلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئومۇميۈزلۈك مەسىلىلەرگە يۈزلىنىشتىن باشقا، زامانىۋىلىشىشنىڭ دىن ۋە ئېتىقادقا قىلغان خىرىسىغىمۇ دۇچ كېلىدۇ. دىنىي ئېتىقاد ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلەردىن يۆتكىلىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ يۆتكىلىش - يۆتكەلمەسلىك، قەيەرگە، قانداق، قاچان يۆتكىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ جەرياندا شەھەرلەردىكى مەسچىتلەر مۇسۇلمانلارنى جەلپ قىلىش، مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالىدۇ. پاكىز، رەتلىك، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق، ئەسلىھەلىرى قولايلىق، باشقۇرۇلۇشى مۇكەممەل، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىلمىي كەيپىياتى قويۇق، ئادەملىرى ئىناق، كەڭ قورساق مەسچىتلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى كۆپ ھاللاردا ئىنتايىن زور بولىدۇ.
مەسچىتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش پىرىنسىپى ۋە ئىدىيەسى
مەسچىت دېموكراتىيە، باراۋەرلىك، پاكلىق ۋە ئادىللىق نامايان قىلىنىدىغان جاي. «ھەقىقەتەن مەسچىتلەر ئاللاھقا خاستۇر» («قۇرئان كەرىم» 72 - سۈرە 18 - ئايەت). مەسچىت مۇسۇلمانلار ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ماكان ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋى ماكانى، مۇسۇلمانلار مەيلى نامرات بولسۇن ياكى باي بولسۇن، تەقۋادار بولسىلا، مەسچىتنى قوغداش ھوقۇقى ۋە مەسچىتكە كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. مەسچىتلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، بىرىنچىدىن، ئىسلام ئەقىدىسىنى ئاساس قىلىش، مەسچىتلەرنىڭ رولىدىن شەرىئەتتىن چەتنەپ كەتمەي، ئەقىدە، شەرىئەت دائىرىسىدە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن جانلىق پايدىلىنىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، مەزھەپچىلىك قىلماسلىق ئىدىيەسى بويىچە، ئىسلام دىنىدىكى ئاللانىڭ بىرلىكىنى تونۇش، «ئالتىگە ئىمان كەلتۈرۈش»، «بەش پەرز»نى ئاساس قىلىش ئارقىلىق، رايون، تارىخ، سىياسىي، ئەنئەنە، چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە يەرلىكلىشىشتەك سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان ئادەت ھەم رايون خاراكتېرلىك پەرققە كەڭ قورساق بولۇش كېرەك. ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇش، لېكىن باشقىلارنى ھاقارەتلىمەسلىك كېرەك، مەزھەپچىلىك ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا قىلىنغان توسقۇنلۇق؛ ئۈچىنچىدىن، «قۇرئان كەرىم»نىڭ «ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى بىر، ئىنسانلارنى ئاللا ياراتقان» دېگەن تەلىماتى بويىچە، دىنىي تەربىيەدىن ئۇزاق مۇددەت ئايرىلىپ قېلىپ، ئېتىقادى سۇسلىشىپ كەتكەن مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلام دىنىغا ناتونۇش مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە كەڭ قورساق بولۇش كېرەك.
مەسچىتلەرنىڭ يادرولۇق رولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك
ناماز ئۆتەشتەك كۈندىلىك ئىشلارنى ياخشى قىلىش كېرەك. شەھەرلەردە نوپۇس زىچلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرى ئۆيلەردە ئورۇنلىغىلى بولىدىغان مۇراسىملارنى ھازىر ئائىلىلەردە ئۆتكۈزگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى، شەھەرگە كىرگەن ئەمگەكچىلەرمۇ پەرزنى ئادا قىلىشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتى. مەسچىتلەر كۈندىلىك دىنىي پائالىيەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىشتا ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىشىشى ۋە قاندۇرۇشى، ئاساسىي دىنىي مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ناماز ئۆتەش مەسچىتتىكى ئاساسلىق ئىش، كۆپ ساندىكى قەدىمىي مەسچىتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى كونىراپ كەتكەچكە، مەسچىتلەر كۈندىلىك دىنىي پائالىيەتلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئەھۋالغا ئاساسەن ناماز ئۆتەش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىشى ۋە يېڭىلىشى كېرەك.
دىنىي ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. شەھەر مۇسۇلمانلىرى تارقاق ئولتۇرۇش، باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى داۋالغۇشلار، مەسچىتلەردىن يىراق ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن دىنىي تەربىيەدىن ئايرىلىپ قېلىپ، دىنىي ئەقىدە، قائىدىلەرنى بىلمەسلىك، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بەزى شەھەرلەردىكى كۆچمە نوپۇسلار ئارىسىدا دىننى چۈشەنمەيدىغان، خەت ساۋاتى يوق، قانۇن بىلمەيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ئۇلار مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەربىيەسىدىنلا ئەمەس، دىننىڭ يېتەكلىشىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان بوشاڭ، ئەخلاقسىز، ساپاسىز بولۇپ، قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوبرازىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ھەتتا يەرلىكنىڭ ئىناقلىقىغا، شەھەرلەردىكى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق سالىدۇ. مەسچىتلەر بۇنداقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سەل قارىماسلىقى، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇلارنى دىننى سۆيىدىغان، قانۇنغا بويسۇنىدىغان پەزىلەتلىك پۇقرالاردىن قىلىپ چىقىشى كېرەك.
مەسچىتلەرنىڭ رولىنى كېڭەيتىش ۋە ئۆزگەرتىش
مەدەنىيەت، مائارىپ مەسچىت مۇسۇلمانلارنىڭ ھەم ناماز ئوقۇپ پەرزنى ئادا قىلىدىغان، ھەم مەدەنىيەت، مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جايى. لاياقەتلىك بىر مۇسۇلماننى تەربىيەلىگەنلىك قانۇن - ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان بىر پۇقرانى تەربىيەلىگەنلىك بىلەن باراۋەر، دىنىي تەربىيەنىڭ بۇ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. مەسچىتنى مەركەز قىلىپ، ئوخشىمىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا ئوخشىمىغان تەربىيەلەش شەكلىنى قوللىنىش، ئەتراپتىكى كىشىلەرنى، مەسىلەن، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئۇششاق تىجارەتچىلەر، باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلغانلار ۋە ئىستۇدېنتلارنى قاتلام، ئۇسۇل، مەزمۇن بويىچە تەربىيەلەش كېرەك. كىشىلەردىكى پەرق ئاز رايونلاردىكى مەسچىتلەر مەخسۇس تەربىيەنى خاسلىق قاتارىدا تەشۋىق قىلسا ۋە داۋاملاشتۇرسا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئۇلارغا دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە ھېيت - بايراملاردا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاللانىڭ بىرلىكىنى تونۇش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، باشقىلارنى ئىززەتلەش، ئېتىقادنى ھۆرمەتلەشتەك ئاساسىي قىممەت قارىشى ۋە ئىدىيەسىنى ئۆگەتسە بولىدۇ. مەسچىتلەر مۇۋاپىق دەرىجىدە دىنىي ئەقىدىدىن مەسلىھەت بېرىش دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى سىرلىق تونۇش ۋە ئۇنىڭدىن ھېيىقىش ھېسسىياتىنى تۈگىتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگو ئەنئەنىۋى جەمئىيىتىدە ئۆزگىچە بولۇپ ئىپادىلىنىشتەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنىمۇ ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ. توغرا تەلىمات تەشۋىق قىلىنمىسا، بىدئەت تەلىمات يامراپ كېتىدۇ. ھازىرقى جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئىدېئولوگىيە ۋە تەشۋىقات شەكلى تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ دىننى بىلمەسلىكى ۋە چۈشەنمەسلىكىگە ھەمدە بەزىلەرنىڭ دىن نامىدا شەخسنى ئىلاھلاشتۇرۇش، ئېتىقادچى ئاممىنى نادان قالدۇرۇش، ئاممىنى ئالداش، ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قىلمىشلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە مەسچىت تەڭداشسىز ئىناۋەتكە ۋە سىمۋول مەنىسىگە ئىگە. مەسچىتلەردە جۈمە نامىزى ۋە ھېيت نامىزىدا دىنىي ئەقىدىلەرگە باغلاپ، دۆلەتنىڭ قانۇن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئىگىلەشكە، بۇنى خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش ئارقىلىق تەكلىپ شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا بىۋاسىتە ئىنكاس قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، چىڭخەي خۇالۇڭ خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ گۇاڭجۇدىكى ئىش باشقارمىسى مەسچىتتىن پايدىلىنىپ ئاشخانا غوجايىنلىرىغا يىغىن ئېچىپ، ئاشخانا ئېچىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى مەسلىھەتلەشكەن، غوجايىنلار ئارىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشىنى ھەل قىلغان؛ قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرغان، غوجايىنلاردىن تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىشنى تەلەپ قىلغان؛ موللىلارنى ئارىغا سېلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، رەسمىيەت بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرغان، رەسمىيەت ھەققىنى كېمەيتكۈزگەن ياكى كەچۈرۈم قىلدۇرغان؛ مەسچىتكە يىراق يەرلەردە ۋاقىتلىق ناماز ئۆتەش ئورنى تەسىس قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، مەسچىتلەر دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىپ بېرىش، قانۇن، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان.
ئاجىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مەسچىتنىڭ بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇلازىمىتى بولۇشى كېرەك. مەسچىتلەر ئەتراپتىكى مۇسۇلمانلارنى تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىشى؛ ئوخشىمىغان يەر، مىللەت ۋە كەسىپتىكىلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئىگىلىشى؛ مۇۋاپىقپىلان تۈزۈپ، مۇسۇلمانلارغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە غەمخورلۇق قىلىشى؛ شەھەرلەردىكى كۆچمەنلەرنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىشىشى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يىلتىز تارتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەسچىتلەر شەھەر نوپۇسىدا ئاز سانلىقنى ئىگىلەيدىغان مىللەتلەر، يېڭى مۇسۇلمانلار، باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلغانلار، كۆچمە نوپۇسلار، چەت ئەللىك مۇسۇلمانلار، كىچىك مەزھەپتىكىلەر، ئاياللار، بالىلار، ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش روھىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئۇلارنىڭ چەتلەشتۈرۈشتىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىشىنى تۈگىتىشى كېرەك.
ساخاۋەتچىلىك، جامائەت پاراۋانلىقى مەسچىتلەر ئوخشىمىغان رايون، مىللەت، كەسىپتىكىلەردىن پايدىلىنىپ شەھەر بىلەن يېزا، ئوتتۇرا، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايون، ياردەم بەرگۈچى بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچى ئارىسىدا ئالاقە يولى بەرپا قىلىپ، ياردەم قىلىش پائالىيىتىنى قەرەللىك ئېلىپ بارسا، ساخاۋەتچىلىك ۋە جامائەت پاراۋانلىقىنى مەسچىتنىڭ ئادەتتىكى خىزمىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرسا بولىدۇ. مەسچىتلەرنىڭ ساخاۋەتچىلىك، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى نوقۇل ھالدا نامراتلارغا ياردەم بېرىش، دەپ چۈشىنىۋالماسلىق، ئۇ ئىقتىسادىي ياردەمنىلا ئەمەس، يەنە بىلىم، ئەخلاق، روھ، مەدەنىيەت قاتارلىقلارنى تارقىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. مەسچىتلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن قائىدە تۈزۈپ، ساخاۋەتچىلىك ۋە جامائەت پاراۋانلىقىنىڭ نىشانى، مەزمۇنى، مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچىلەر ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنى بېكىتىشى؛ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشى، نامراتلارنى يۆلىشى، ئوقۇشقا ياردەم بېرىشى، يەسلى، لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنى، خىزمەت تونۇشتۇرۇش ئورنى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى ئېچىشى؛ لېكسىيە سۆزلەش، مۇنبەر ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
پىكىر ئالماشتۇرۇش يېقىنقى يىللاردا جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇسۇلمانلار كەلگەن شەھەرلەردە كۆپ مىللەت، كۆپ مەزھەپ بارلىققا كېلىشتەك ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولدى، مۇسۇلمانلار ئىلگىرى ياشاپ باقمىغان شەھەرلەردە ئىسلام دىنى يەرلىككە پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئېتىقاد بولۇپ ئىپادىلەندى. جۇڭگولۇقلار ئىسلام دىنىنى كۆپىنچە مەلۇم مىللەت ۋە رايونغا باغلىۋالىدىغان بولۇپ، ئۇلاردا ئاساسىي بىلىش ۋە چۈشىنىش كەمچىل. بەزى شەھەرلەردە دىن خىزمىتى ئەتراپلىق ئىشلەنمىگەچكە، مۇخلىسلار مىللەت، دىن سىياسىتىنى خاتا چۈشەندى، ھەتتا سۈركىلىش ۋە توقۇنۇشلار يۈز بەردى. مەسچىتلەر ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاڭلىقلىقنى تەشەببۇس قىلىشى، ئىسلام مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشى، باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن پائال پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھۆرمەتلەش، ئىتتىپاقلىشىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئىناقلىقتىن ئىبارەت قىممەت قارىشى ۋە ئىدىيەسىنى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئەمەلىيىتىگە، خەلق ئېتىراپ قىلغان ھەرىكەت ئۇقۇمىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. شۇڭا، مەسچىتلەرنى ئېچىۋېتىش كۈنىنى يولغا قويۇپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، بولۇپمۇ ئەتراپتىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان ئېتىقاد ئارىسىدا سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان خاتا چۈشىنىش ۋە بىرتەرەپلىمە قاراشنى تۈگىتىشنى ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ.
ئاممىۋى بوشلۇق مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن مەسچىت ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ قولايلىق ئاممىۋى بوشلۇق. ئاممىۋى بوشلۇقنىڭ روللىرىنىڭ بىرسى، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىيلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جەمەت، ئائىلىدە ئورۇنلىغىلى بولمايدىغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتىن ئىبارەت. مەسچىتلەرنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان رولىمۇ بىر ئادەمگە جامائەت ئالدىدا قائىدىلىك ھەرىكەت قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. مەسچىتلەر باش بولۇپ ئوخشىمىغان پائالىيەتلەرنى، مەسىلەن، مۇسۇلمانلار تۇرمۇشى مەشىق لاگېرى، ئىسلام بىلىملىرى مۇسابىقىسى، كۆڭۈل ئېچىش، ئولتۇرۇش قىلىش، تەنھەرىكەت، پىكىر ئالماشتۇرۇش، دوستلىشىش، لايىق تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلارنى تەشكىللىسە بولىدۇ. پائالىيەتتە پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىش، كوللېكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەت ئېڭى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى جەمئىيەتكە تېخىمۇ سىڭىشكە يېتەكلەشكە بولىدۇ.
ئاپتورى شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى
«جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى» دىن پولات ئېزىز تەرجىمىسى
تەرجىمانى «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە