ئېلىمىز مىللەتلەرخىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر (8)
يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: 5627 يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-26 16:39:09
ئېلىمىز مىللەتلەرخىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر (8)
1. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش» ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش دەرسخانىسىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش دەرسلىكى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى ئىكەن.
2. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 2014 - يىلىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.
3. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بۇ بىرقانچە يىلدا 7 مىليارد يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك 10 ئەمەلىي ئىشنى قىلىپ بېرىدىكەن.
4. خۇبېي ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت بەلگىلەش، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت «ئۈچتە ئالدىن تاللاش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، 3 يىلدىن بۇيان 10 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلكىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللىدى.
5. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى «موڭغۇل تىل - يېزىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇدەتلىك پىلانى (2014 − 2020)»نى تۈزۈپ چىقتى.
6. 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى چىڭخەي ئۆلكىسىدە يىغىن ئېچىپ، 2014 - يىللىق ھەج خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك، بىخەتەر ۋە مەدەنىي ئېلىپ بېرىلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى.
7. يۇغۇر مىللىتىنىڭ ئېغىز ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنى توپلاپ رەتلەش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېقىندا گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى يۇغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىشخانىسى تۈزگەن «يۇغۇر مىللىتى ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن تاللانما (1)»ناملىق كىتاب گەنسۇ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. كىتاب 80 پارچە تۈرلۈك ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
8. يېقىندا شىمالىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلى ئىنستىتۇتى ۋە ئەرەب تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلدى.
9. 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى «ياشلارنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك كىتاب ئوقۇش - نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ كۆرگەزمە يىغىنى» بېيجىڭدا ئېچىلىپ، بىر يىلدىن بۇيان بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر نامايان قىلىندى.
10. يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە 720 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 54 تۈردە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىش باشلاش مۇراسىمى قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
11. چىڭداۋ شەھىرى «ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش − ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق گۈللىنىش، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى» دەپ بېكىتىپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىدا ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈپ، ئوبرازىنى ياخشىلىدى.