ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر (6)

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 6072   يوللانغان ۋاقتى: 2013-12-13 15:59:16

 

★ 2013 - يىللىق جۇڭگو - ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۈەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرگەزمىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ۋانۇئاتۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى كوكەيسىس، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاⅡ، بەھرەيىن پادىشاھى ھامادى قاتارلىق مېھمانلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. يۈ جېڭشېڭ «جۇڭگو - ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
★   مەملىكەتلىك  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش 4 - قېتىملىق خىزمەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
★   مىللەتلەر نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە «نەشرىياتنىڭ 60 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى كۆرگەزمىسى» بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما بياۋ نەشرىيات ھەققىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
★   مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي بېيجىڭدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى چېن ۋۇ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شېن بېيخەي، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جى كاڭ بىلەن كۆرۈشتى.
★   مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي 4 - قارارلىق مەملىكەتلىك ئاپتونوم ئوبلاست باشلىقلىرىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات سىنىپىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئىقتىساد ئارقىلىق تەرەققياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ«ئىتتىپاقلىق ئارزۇسى » ۋە «تەرەققىيات ئارزۇسى»نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى.
★    لاتۋىيە ۋە لىتۋانىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەنجۇ ئاڭبېن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بۇ ئىككى دۆلەتكە بېرىپ، زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
★    نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى بىرقانچە يىل ئىچىدە، دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ تۈرى بولغان «دۇنيا مۇسۇلمانلار شەھەرچىسى»نى قۇرىدۇ.
★   جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ۋە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىپ ياساش ئېتىراپنامىسى خىزمەت سۆھبەت يىغىنىنى خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزدى.
★   دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بىرلىكتە نام بەرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى «مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» ئېلان قىلىندى.
★   خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ توڭداۋ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئېچىلغان مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتكۈزۈلگەن كەنتلەرنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، «كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە مەملىكەت بويىچە قوغدىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتكۈزۈلگەن كەنتتىن 1000نى قۇرۇش» بېكىتىلدى.
★  2013 - يىللىق مەملىكەت بويىچە كىنولارنى ئاز سانلىق مىللەت تىلىغا سىفىرلىق تەرجىمە قىلىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدە ئېچىلدى.
★    بېيجىڭ شەھىرى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىزاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئالغا سۈرۈش مەقسىتىدە، ئۇلارنى بۇ يىل 218 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى.