ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر (7)

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 5995   يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-06 09:58:09

  ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر(7)


  
  1. ئەنخۇي ئۆلكىلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا «ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان يېزا - كەنتلەرنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋاقىتلىق چارىسى»نى تۈزۈپ چىقتى.
  2. چىڭخەي ئۆلكىسى يېقىندا 1302 نەپەر كادىرنى زاڭزۇلار رايونىدىكى يېزا - بازارلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئەۋەتتى، ئۇلار 217 يېزا - بازاردا بىر يىل خىزمەت قىلىدۇ.
  3. گۇيجۇ ئۆلكىلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى دەنجەي ناھىيەسى شىڭرېن بازىرىنىڭ مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. 
  4. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى 28 ئايال ۋەكىل جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى، بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى %50 كە يېقىنلاشتى.
  5. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەملىكەتلىك مىللىي ئاپتونومىيەلىك ناھىيە (خوشۇن) ئىلمىي تەرەققىيات يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى.
  6. چۇڭچىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومىتېتى تەكلىپكە بىنائەن، 2013 - يىلى 10 - ئايدا ئامېرىكىدا «جۇڭگو چۇڭچىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزدى.
  7. يۈننەن ئۆلكىلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئاممىۋى لۇشيەننى ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇردى.
  8. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭئەن شەھىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارقاق ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، رايون تەۋەسىدە خۇيزۇ، زاڭزۇ، مياۋزۇ، يىزۇ، جۇاڭزۇ، بۇيىزۇ قاتارلىق 43 مىللەت بار. بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 9455 بولۇپ، شەھەر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئىككى پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. گۇاڭئەن شەھەرلىك مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا ئىشنى ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش مېخانىزمى قۇرۇشتىن باشلىدى.
   9. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ گېزىت - ژۇرنال تەشۋىقات خىزمىتى مۇھاكىمە يىغىنى 2013 - يىلى 10 - ئايدا فۇجۇدا ئۆتكۈزۈلدى.