ژۇرنىلىمىز تەھرىراتى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ژۇرنالنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي سۈپەت - ساپاسى بويىچە پىكىر، تەكلىپ ئاڭلىدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 875   يوللانغان ۋاقتى: 2014-04-17 16:17:51

ژۇرنىلىمىز تەھرىراتى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ژۇرنالنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي سۈپەت - ساپاسى بويىچە پىكىر، تەكلىپ ئاڭلىدى


    2014 – يىل 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ژۇرنىلىمىز تەھرىراتى ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم مۇتەخەسسىسلەر، كەسىپداشلار ۋە ئاپتورلار قاتناشقان سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ژۇرنىلىمىزنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇش، ئاپتورلار قوشۇنىنى سەرخللاشتۇرۇش، بەت - سەھىپىلەرنى رەڭدارلاشتۇرۇش، تەشۋىقات ۋە تارقىتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، مۇكاپاتلىق ماقالە - ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەش، باسما سۈپىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك پىكىر، تەكلىپ ئالدى.
   مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىر مۇھەممەدسالىھ مەتروزى يىغىن ئەھلىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ ۋە ئۇيغۇر، قازاق تىل - يېزىقىدىكى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى نەشر قىلىپ تارقىتىشقا مەسئۇل شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى؛ ئۇيغۇرچە ژۇرنالدا 2013 - يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان بىر قاتار ئىسلاھات ۋە يېڭىلىقلار، ژۇرنالدا تەسىس قىلىنغان بىر تۈركۈم سەھىپىلەر ۋە ئېلان قىلىنىدىغان ماقالە - ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بەردى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013 - يىلىدىن باشلاپ 84 بېتى پۈتۈنلەي رەڭلىك ھالەتتە بېسىپ تارقىتىلغان ئالتە سان ژۇرنالنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە ئوقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەسىرات، باھا، تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
   سۆھبەت يىغىنىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، تەتقىقاتچى ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان؛ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ پېنسىيونېرى، ئەدىب ئەخمەت ئىمىن؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ پېنسىيونېرى، تەتقىقاتچى ئابلەت نۇردۇن؛ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، تەتقىقاتچى، ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن؛ شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئالىي مۇھەررىر، تەتقىقاتچى ئادىل تۇران؛ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئەدىب پولات ھېۋىزۇللا؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى، تەتقىقاتچى مەتتۇرسۇن ئېلى؛ شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى، تەتقىقاتچى، ئەدىب ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي؛ «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ئالىي مۇھەررىر مۇھەممەدجان يۇنۇس، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ كادىرى، ئاتاقلىق فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت قاتارلىقلار، شۇنىڭدەك تەھرىراتىمىزدىكى بىرقىسىم مۇھەررىرلەر قاتناشتى. 
   يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ژۇرنىلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، بۇنىڭدىن كېيىن يولغا قويۇشقا، پايدىلىنىشقا بولىدىغان بەزى قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەردى. بۇلار: ژۇرنالنىڭ جەمئىيەتتىكى ياخشى ئوبرازىنى داۋاملىق چىڭ ساقلاش؛ مىللەتلەر ئىشلىرى خىزمىتىدىكى ۋە تەشۋىقاتىدىكى خاسلىقىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش؛ بەت - سەھىپىلەرنى تەسىس قىلىشتا نوپۇزلۇق مۇنبەر سالاھىيىتىنى نامايان قىلىش؛ ماقالە - ئەسەرلەرنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، ژۇرنالنىڭ ئوقۇشچانلىقى، بىلىمچانلىقى  ۋە ئۇچۇرچانلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش؛ ماقالە - ئەسەرلەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى، تەتقىقات قىممىتى ۋە ساقلاش قىممىتى بولۇش جەھەتتە توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش؛ تۆھپىكار ئاپتورلارنى مۇكاپاتلاش؛ ئاۋامنى يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى پەلسەپىۋى، نەزەرىيەۋى ئەسەرلەرگىمۇ مۇۋاپىق ئورۇن بېرىش؛ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىر، تەكلىپ ۋە مەسلىھەتلىرىنى پات - پات ئاڭلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ مۇكاپاتلىق ماقالە - ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئاساسىي قاتلاملارغا پات - پات چۈشۈپ، ئاۋامنىڭ ژۇرنالغا قارىتا پىكىر - تەكلىپ ھەم ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ.
  يىغىندىن كۆرۈنۈشلەر:

 

 

 

 

 

 ئەركىن ئەبەيدۇللا خەۋىرى، ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد فوتوسى