ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر (3)
★ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى بېيجىڭ «خەلق» سارىيىنىڭ شىزاڭ يىغىن زالىدا 11 - ئەۋلاد بەنچەن ئېردەنى چۆچېجىبۇ بىلەن كۆرۈشتى.
★ يېقىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي يۈننەن ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلغاندا، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
★ 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ياشلار كىتاب ئوقۇش، نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىنى نامايان قىلىش كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ۋاڭ جېڭۋېي ياش كادىرلارغا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، كىتابلارنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئوقۇپ، ساپانى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ بىلىمى مول، نەزەر دائىرىسى كەڭ خادىملىرىدىن بولۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، كىتابتىن تېخىمۇ ئەستايىدىل پايدىلىنىپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىدىغان خادىملاردىن بولۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات مۇساپىسىنى تېخىمۇ نۇرانە بېزەپ، مىللەتلەر خىزمىتىدە جاسارەتلىك، ياراملىق، غايىلىك، ئۆزىنى ئاتاش روھىغا ئىگە بولغان خادىملاردىن بولۇش كېرەك.
★ 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى دۆلەتنىڭ يېڭى بىر قېتىملىق ساھەلەر بويىچە گۇيجۇغا ياردەم بېرىش ۋە گۇيجۇنى يۆلەش خىزمىتى يىغىنى گۇيياڭ شەھىرىدە ئىچىلدى.
★ دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي سىناق رايونى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
★ 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش جەمئىيىتى ۋە يۈەنمېڭ فوندى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «مۇھەببەت يەتكۈزۈش . 56 مىللەت بىرلىكتە چۈش تەبىرى بېرىش» چوڭ تىپتىكى پاراۋانلىق پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
★ 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خۇنەن ئۆلكىسى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىش ۋە مىللەتلەر سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىنى خۇەيخۇا شەھىرىدە ئاچتى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشىلىرى كومىتېتى، خۇنەن ئۆلكىلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە خۇەيخۇا شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
★ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى غەربىي جەنۇب مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۇنجى قارارلىق يىزۇچە - خەنزۇچە قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلار مۇھاكىمە كۇرسىنى ئاچتى.
★ 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاۋمېن ياشلىرىنىڭ «4 - ماي» ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە ئاز سانلىق مىللەت ياشلار مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئاۋمېندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.