ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر (2)
★ تۈزۈپ چىقىش خىزمىتىگە يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي مۇندەرىجىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى − چاۋشيەن مىللىتى مەجمۇئەسى» نەشردىن چىقتى.
★ 2013 - يىلىدا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ئىجتىمائىي كاپالەت قۇرۇلۇشىدا يېڭى تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
★ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرى باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.
★ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 81 - قۇرۇلتاي روھىنى زاڭزۇ ۋە خەنزۇ تىلىدا ئۆگىنىش بويىچە تور بېكىتى ئاچتى.
★ «جۇڭگو 3 - نۆۋەتلىك موڭغۇلشۇناسلىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى كۆكخوت شەھىرىدە ئېچىلىدى.
★ شەنشى ئۆلكىسى مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.
★ 2013 - يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پۇقرالار ئۈچۈن «ئون ھەقىقىي ئىش» قىلىپ بەرمەكچى بولدى.
★ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھەرلىك مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى يېقىندا، «ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت كەنتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تۈزۈپ تارقاتتى.
★ جياڭشى ئۆلكىسى فۇجۇ شەھەرلىك مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قەتئىي چىڭ تۇردى.
★ 2013 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چيەننەن بۇيى - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى لىبو ناھىيەسىنىڭ ياۋشەن يېزىسى مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك ساياھەت بۇيۇملىرى ئىشلەش پىلانىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.
★ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىنىشچە، 2013 - يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بارلىق مەمۇرىي كەنتلەرگە تولۇق توك يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى.