ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر (1)

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 795   يوللانغان ۋاقتى: 2013-07-31 14:43:28

   ★ 2012 - يىلى 28 - دېكابىر دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان 2012 - يىللىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى ئاخبارات - تەشۋىقات تۈرى بويىچە «مۇنەۋۋەر تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى» ۋە «مۇنەۋۋەر سەھىپە»، «مىللەتلەر تېمىسىدىكى ياخشى خەۋەر»لەر باھالىنىپ، ئېلان قىلىندى.

   ★ 2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىيەت - تەشۋىقات مەھكىمىسى بىلەن لياۋنىڭ نەشرىيات گۇرۇھى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان « ‹جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە نەزەر› ناملىق مەجمۇئە»نى نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدى.

  ★  2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «جۇڭگو مىللەتلەر ئەل ئىچى ھۈنەرۋەن - سەنئەتكارلار جەمئىيىتى» قۇرۇلدى.

   ★  جىلىن ئۆلكىسى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

    ★ گۇيجۇ ئۆلكىسى «كادىرلارغا ئائىت مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتى ئوقۇشلۇقى»نى تۈزۈپ تارقاتتى.

     ★ جېجياڭ لىشۈي ئىنستىتۇتى «مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

    ★  شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىنيى شەھىرى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەلق قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى پائال پىلانلىدى.

     ★ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى «بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېتەكچى تەربىيەلەش بازىسى»غا ئايلاندى.

     ★ ۋۇخەن شەھىرى جۇڭنەن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا «مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقى ۋە دىنلارنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىدا ئەمەلىي ئىش قىلغان ئىلغار ئورۇن» دېگەن نام بەردى.

   ★  مىللەتلەر نەشرىياتى «زاڭزۇ تېبابەتچىلىك چوڭ لۇغىتى»نى نەشر قىلىپ تارقاتتى.