ژۇرنىلىمىز ئاپتورلارغا مۇنداق دەيدۇ
ئەڭ ئاۋۋال ـ
كۆپ يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ سەر خىل ماقالە - ئەسەرلىرى بىلەن ژۇرنىلىمىزنى قىزغىن قوللاپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىزگە ھەمدەم بولۇپ كېلىۋاتقان ھەر ساھە ئاپتورلارنىڭ قىممەتلىك قەلەم ئەجرىگە سەمىمىي تەشەككۈر بىلدۈرىمىز!
ئۇنىڭدىن كېيىن ـ
ئاپتورلىرىمىزنىڭ سەمىگە ئالاھىدە سالماقچى بولغىنىمىز شۇكى، تەھرىر بۆلۈمىمىزنىڭ بايقىغىنىدىن ۋە ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەھرىر بۆلۈمىمىزگە خەت ھەم تېلېفون ئارقىلىق يوللىغان ئىنكاسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم ئاپتورلار باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ بولغان بەزى ماقالە - ئەسەرلىرىنى ژۇرنىلىمىزغا قايتىلاپ ئەۋەتكەن ياكى ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلدۇرغان؛ بەزى ئاپتورلار ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان، يەنى ژۇرنىلىمىز ئاۋۋال خېرىدارلىقىنى قىلىپ بولغان بەزى ماقالە - ئەسەرلىرىنى ژۇرنىلىمىز ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىۋالغان؛ يەنە بەزى ئاپتورلار ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنىپ بولغان ماقالە - ئەسەرلىرىنى ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋېتىپ، يەنە باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرغان ياكى بەزى مەزمۇنلىرىنى ئازراق ئۆزگەرتىپلا قايتا ئېلان قىلدۇرغان؛ يەنە بەزى ئاپتورلار ...
تەھرىر بۆلۈمىمىز بۇنىڭدىن كېيىن ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالە - ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مەنىۋى تەلەپ - ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇش؛ ژۇرنىلىمىزنىڭ ئەتراپىدا ئىشەنچلىك، سەمىمىي ھەم ئاكتىپ ئاپتورلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، سەرخىل ماقالە - ئەسەرلەر مەنبەسىنى زورايتىش؛ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن پەقەت «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا خاس بولغان نادىر ماقالە - ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلىش مەقسىتىدە، باشتا تىلغا ئېلىنغاندەك بىنورمال ئەھۋاللارنى سادىر قىلغان، كەسپىي ئەخلاقتىن چەتنىگەن بىر قىسىم ئاپتورلارغا سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق بىر ئاپتورنىڭ بىر پارچە ماقالە ياكى ئەسىرىنى ئىككى ئورۇنغا ئەۋەتمەسلىكىنى، بولۇپمۇ باشقا ھەرقانداق بىر مەتبۇئاتقا ئەۋەتكەن ياكى باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ بولغان ماقالە- ئەسىرىنى ژۇرنىلىمىزغا قايتا ئەۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ناۋادا شۇنداق ئەھۋاللار يەنە قايتا بايقىلىپ قالسا، تەھرىر بۆلۈمىمىز كەسپىي ئەخلاققا مۇخالىپ ئاشۇنداق ئەھۋاللارنى سادىر قىلغان ھەرقانداق ئاپتورنىڭ ژۇرنىلىمىزدا يەنە ماقالە - ئەسەر ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەش بىلەن بىللە، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوچۇق خېتىنى ژۇرنال يۈزىدە ئېلانقىلىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا ـ
مۇھەررىرلىرىمىز ئاپتورلار ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتكەن ھەر قانداق بىر ماقالە - ئەسەرنى ژۇرنىلىمىزنىڭ بەت چەكلىمىسى، تەھرىرلىك ئۆلچەم ۋە تەلەپلىرىگە ئاساسەن تولۇق تەھرىرلەشكە ھوقۇقلۇق. شۇڭا، ماقالە - ئەسەرلىرىنىڭ تەھرىرلىنىشىگە قوشۇلمايدىغان ياكى ژۇرنىلىمىزنىڭ تەھرىرلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشىنى ياقتۇرمايدىغان ئاپتورلارنىڭ ماقالە - ئەسەرلىرىنى باشقا مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى