ئاپتورلار مۇنۇلاردىن خەۋەردار بولۇپ قالسۇن
تەھرىر بۆلۈمىمىزنىڭ يېڭىدىن بېكىتىلگەن ئالاقىدار تۈزۈملىرىگە ئاساسەن، ژۇرنىلىمىز ئاپتورلارنى تەھرىر بۆلۈمىمىزنىڭ تۆۋەندىكى تەلەپلىرىدىن ئالاھىدە خەۋەردار قىلىمىز:
بىرىنچى، بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتورلارنىڭ تەھرىر بۆلۈمىمىزگە ئەۋەتكەن ماقالە - ئەسەرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقىت قەرەلى ھەققىدە مۇھەررىرلىرىمىزگە تېلېفون بېرىپ ياكى باشقا يوللار بىلەن سۈرۈشتۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق. ھەر قانداق بىر ئاپتورنىڭ ماقالە - ئەسىرى ژۇرنىلىمىزنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق كەلگەنلا بولسا، ئاپتورلار سۈرۈشتۈرمىسىمۇ مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى، 2013 - يىلى 1 - ئايدىن (ژۇرنىلىمىزنىڭ 2013 - يىللىق 1 - سانىدىن) باشلاپ، ژۇرنىلىمىزنىڭ «سەلتەنەت» تور بېتىنىڭ يېڭىلانغان ئەڭ يېڭى نۇسخىسى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ. ئاپتورلار «سەلتەنەت» تور بېتىدە مەخسۇس تەسىس قىلىنىدىغان، ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنىشقا تاللانغان ماقالە - ئەسەرلەر تىزىملىكى سەھىپىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ تەھرىر بۆلۈمىمىزگە ئەۋەتكەن ماقالە - ئەسەرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشقا تاللانغان ياكى تاللانمىغانلىقىنى بىلىۋالسا بولىدۇ.
ئۈچىنچى، تەھرىر بۆلۈمىمىز 2013 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ، ئاپتورلارنىڭ ژۇرنىلىمىزنىڭ يېڭى ئېلخەت ئادرېسىغا ئەۋەتكەن ياكى پوچتىدىن ئەۋەتكەن ماقالە - ئەسەرلىرىدىن ئېلان قىلىنىشقا تاللانغانلىرىنىڭ ماۋزۇسىنى ئادەتتە شۇ ماقالە ياكى ئەسەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ بىر ھەپتە ئىچىدە «سەلتەنەت» تور بېتىدە ئېلان قىلىدۇ.
تۆتىنچى، بۇنىڭدىن كېيىن تەھرىر بۆلۈمىمىزدىكى بارلىق خادىملار ھەر قانداق بىر ئاپتورغا شۇ ئاپتورنىڭ تەھرىر بۆلۈمىمىزگە ئەۋەتكەن ماقالە ياكى ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ بېرىش ياكى قانداق ۋاقىتتا ئېلان قىلىپ بېرىش ھەققىدە ئالدىن ۋەدە بەرمەيدۇ.
بەشىنچى، ژۇرنىلىمىز ئاپتورلىرى تەھرىر بۆلۈمىمىزگە ماقالە - ئەسەر ئەۋەتكەندە، ژۇرنىلىمىزنىڭ ئىلگىرىكى كونا ئېلخەت ئادرېسلىرىغا ئەمەس، بەلكى ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ يىللىق 5 - سانىدىن باشلاپ جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئېلخەت ئادرېسى ـــــ millatlar1988@sohu.com غا ئەۋەتىشىنى، شەخسلەرنىڭ نامىغا ئەۋەتمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز.
مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى