ژۇرنىلىمىزنىڭ قەلەم ھەققىنى بانكا كارتىسىدىن تارقىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇشى
ژۇرنىلىمىزدا بۇنىڭدىن كېيىن ماقالە - ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئاپتورلارنىڭ قەلەم ھەققىنى تاپشۇرۇۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ھەمدە ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ژۇرنىلىمىز مۇشۇ ساندىن باشلاپ قەلەم ھەققىنى بانكا كارتىسى ئارقىلىق تارقىتىشنى يولغا قويماقچى. شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن ژۇرنىلىمىزغا ماقالە - ئەسەر ئەۋەتىدىغان ئاپتورلىرىمىزنىڭ بىزنى تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرىمىز:
1. بانكىلارنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى تارقىلىش ۋە ئومۇملىشىش ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى بىلەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنى ژۇرنىلىمىزنىڭ قەلەم ھەققى تارقىتىشتىكى ھەمكارلىق بانكىسى قىلىپ بېكىتتۇق. ماقالە - ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئاپتورلىرىمىز مۇشۇ ئىككى بانكىنىڭ بىرسىنى تاللاپ، ئۆزلىرى تاللىغان بانكىدىن بىجىرگەن بانكا ھېسابات كارتا نومۇرىنى بىزگە تەمىنلەپ بەرسە بولىدۇ. بۇ ئىككى بانكىدىن باشقا بانكىلارنىڭ ھېسابات كارتىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
2. ئاپتورلىرىمىز ژۇرنىلىمىزنىڭ قەلەم ھەققىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بېجىرگەن بانكا(جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى ياكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى) كارتا نومۇرى ۋە كارتا بېجىرىشتە قوللانغان خەنزۇچە ئىسم - فامىلىسى ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرا ھەم ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن، ژۇرنىلىمىزغا بۇنىڭدىن كېيىن ماقالە - ئەسەر ئەۋەتىدىغان ئاپتورلاردىن پەقەت بانكىدىن پۇل ئېلىش - قويۇش مۇلازىمىتىنى بېجىرگەن ۋاقىتتا بانكا تەرەپ مۇئامىلىدارغا بېرىدىغان «مۇئامىلىدارلار قەغىزى»نى ئەۋەتسىلا بولىدۇ. كىملىك، بانكا كارتىسىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخسىنى ئەۋەتىش ھاجەت ئەمەس.
3. ماقالە - ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئاپتورلىرىمىزنىڭ بانكىنىڭ «مۇئامىلىدارلار قەغىزى»نى بىزگە ئەۋەتىش بىلەن بىللە، ئۇزاق مۇددەت ئۆزگەرتمەي ئىشلىتىدىغان يانفون نومۇرى، ئۆزى تۇرۇشلۇق جاينىڭ پوچتا ئادرېسى قاتارلىق ئۈچۇرلارنىمۇ بىللە تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ژۇرنىلىمىز ھەر قېتىم قەلەم ھەققى تارقاتقاندا، ئاپتورلىرىمىزنىڭ يانفونىغا قەلەم ھەققىنىڭ سوممىسى ۋە قانچىنچى ساننىڭ قەلەم ھەققى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرىدىغان قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، ماقالە - ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئاپتورلىرىمىزغا يانفون ئۇچۇرى ئارقىلىق خەۋەر قىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يانفون نومۇرىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، دەرھال ژۇرنىلىمىزنىڭ مالىيە بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزگەرتىلگەن يېڭى يانفون نومۇرىنى دەپ بېرىشىنى سورايمىز.
4. ژۇرنىلىمىز ماقالە - ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئاپتورلارنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن ئىسىم - فامىلىسى، بانكا ھېسابات نومۇرى، يانفون نومۇرى ۋە تۇرۇشلۇق جايىنىڭ پوچتا ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» قۇرۇپ ساقلايدۇ. ماقالە - ئەسەر ئەۋەتكەن ئاپتورلار يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلارنى بىزگە پەقەت بىر قېتىم ئەۋەتسىلا كۇپايە. ناۋادا بانكا ھېسابات نومۇرى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولسا، ئاپتورلار پوچتا ياكى ئېلخەت ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاپتورلار «سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى»دىكى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى يېڭىلىشى كېرەك. ژۇرنىلىمىزغا ۋاقتىدا خەۋەر بەرمەي، قەلەم ھەققى تاپشۇرۇۋېلىش ھەم ئۇچۇر قوبۇل قىلىشتا بەزى قولايسىزلىقلار كېلىپ چىقسا، بۇنىڭغا ئاپتورلار ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.
5. ژۇرنىلىمىز ئاپتورلارنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن بانكا ھېسابات ئۇچۇرلىرى بىلەن يانفون نومۇرىنى پەقەت قەلەم ھەققى تارقىتىش ۋە ئاپتورلار بىلەن ئالاقىلىشىش زۆرۈرىيىتى بولغان ۋاقىتلاردا ئالاقىلىشىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىدۇ. ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇنغا تەمىنلەپ بەرمەيدۇ. ئاپتورلار ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىدىن تولۇق خاتىرجەم بولسا بولىدۇ.
6. ئاپتورلار بىز يۇقىرىدا تەلەپ قىلغان ئۇچۇرلارنى چوقۇم پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىشى كېرەك. ئاپتورلارنىڭ بانكىدىن پۇل ئېلىپ، پۇل قويغاندا بانكا تەرەپ مۇئامىلىدارغا بەرگەن «مۇئامىلىدارلار قەغىزى»نى سكاننېرلاپ (描扫) ئەۋەتىش ئىمكانىيىتى بولسا، ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ. يانفون قىسقا ئۇچۇرى ياكى تېلېفون بىلەن يوللىغان ئۇچۇر قوبۇل قىلىنمايدۇ.
ژۇرنىلىمىز مالىيە بۆلۈمىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 8530016 ــ 0991
مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى