www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ۋېنگىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى
ئاپتور:ئۇچقۇنجان ئۆمەر    چېكىلىش سانى:4383    ۋاقتى:2010-3-26    . www.seltenet.com .

       ۋېنگىر(ماجار)لار ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاساسىي مىللەت. ۋېنگىرىيە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 93 مىڭ 30 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆپ قىسىم جايلىرى تۈزلەڭلىك. تاغلىق رايونلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قويۇق قارىغاي، ئارچا دەرەخلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ زېمىننىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، سۈيى مول بولغاچقا، ئېتىزلىق ۋە يايلاقنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى. دۆلەت زېمىنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدا ئىسسىق سۇ ئارشاڭلىرى بار، تەبىئىي قېزىلما بايلىقلىرىمۇ ئىنتايىن مول. ۋېنگىرىيەدە 19 ۋىلايەت، 1 مەركىزىي شەھەر بار، پايتەختى بۇداپېشت.
ۋېنگىرىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 10 مىليون 190 مىڭ بولۇپ، ۋېنگىرلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 98 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، يەنە سىلوۋاك، كىرود، سېرىب، سىلوۋېن، نېمس، سىگان قاتارلىق مىللەتلەر بار. ۋېنگىرلار كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

ۋېنگىرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى


       ۋېنگىرلار ئۆزلىرىنى «ماجارلار» دەپمۇ ئاتايدۇ. نۇرغۇن ئىلمىي، تارىخىي كىتابلاردا، ھازىرقى ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت نامى «ھونگىرىيە»، «ھونلار دۆلىتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، مىللەتشۇناسلار ۋېنگىرىيە دېگەن دۆلەت نامىنىڭ مەنىسىمۇ «ھونلار» دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ شەرھلەيدۇ. بۇ، ۋېنگىرلارنىڭ ئەسلىي ئەجدادلىرىنىڭ شەرقتىن بارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
       مىلادىيە 1 _ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى شىمالىي چۆللۈكتە ياشاۋاتقان ھونلار شەرقىي خەن سۇلالىسى لەشكەرلىرى تەرىپىدىن ئارقا _ ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىگە قاراپ كۆچىدۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ھەم جەنۇبىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولىدۇ، كۆپ قىسىم ھونلار ياۋروپاغا كۆچۈپ بارىدۇ. مىلادىيە 896 _  يىلىغا كەلگەندە، ھونلار دوناي دەرياسى ۋادىسىدىكى مۇنبەت تۈزلەڭلىككە ئولتۇراقلىشىپ، يۇرت _ ماكان قۇرۇشقا باشلايدۇ، مىلادىيە 1000 _ يىللىرى ئاتىللانىڭ باشچىلىقىدا فېئودال دۆلەت قۇرىدۇ. مانا بۇ، ۋېنگىرىيەنىڭ دەسلەپكى دۆلەت ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
       ۋېنگىرلار قىياپەت جەھەتتە ياۋروپادىكى باشقا ئەل خەلقلىرىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. ۋېنگىرىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى فېيتوفى: «يىراق ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلار ئاسىيا قىتئەسىدىن باشلانغان يىراق، جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ كېلىپ، دوناي دەرياسى ۋادىسىدا بۇ دۆلەتنى قۇرغان» دەپ يازغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىن بارغان ھونلارنى مىللەت ئاساسى قىلغان ۋېنگىرىيەدە، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئىسىم _ فامىلە قويۇشتا مىللىي خاسلىققا ئېتىبار بېرىپ، ئەرلەرگە «ئاتىللا» دېگەن ئىسىمنى كۆپرەك قويىدۇ. ۋېنگىرىيەدە ھونلار باش تېما قىلىنغا 1 باغچا بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاتىللانىڭ قەبرىسى مۇشۇ باغچىدا ئىكەن. ۋېنگىرىيەدىكى داڭلىق جەمەتلەردىن بولغان ئاشتىنھاج جەمەتىمۇ دەل ھون شاھىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىكەن.

ۋېنگىرلارنىڭ ھېيت _ بايراملىرى


       يېڭى يىل: ۋېنگىرلار يېڭى يىلنى تەبرىكلەشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. يېڭى يىلنىڭ ھارپا كېچىسى كىشىلەر يۈزلىرىگە نىقاب تاقاپ موناستىر ئالدىغا يىغىلىپ، يېڭى يىل قوڭغىرىقىنىڭ چېلىنىشىنى كۈتىدۇ. يېڭى يىل قوڭغىرىقى چېلىنىشى بىلەن تەڭ ئەتراپ قاينام _ تاشقىنلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ، كوچىلاردا كىشىلەر ئالاھىدە ياسالغان ئۇزۇن كانايلارنى چېلىپ شاۋقۇن _ سۈرەن سالىدۇ؛ ساليوت ئېتىپ جىن _ شاياتۇنلارنى قوغلايدۇ. ئۇلار «يېڭى يىل كۈنى قىلغان ئىش پۈتۈن يىللىق ئىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەپ قارىغاچقا، يېڭى يىل كۈنى ئۆزئارا قەرز بېرىشمەيدۇ؛ ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلمايدۇ؛ دورا يېمەيدۇ؛ پۈتۈن 1 يىللىق ھېساباتنى يېڭى يىل كۈنىدىن بۇرۇن قىلىپ بولۇشقا ئالدىرايدۇ.
كۆكلەم بايرىمى: باھار پەسلىنىڭ 1 _ ھەپتىسى، ۋېنگىرلارنىڭ كۆكلەم (تىرىلىش) بايرىمى بولۇپ، ئۇلار كاتولىك دىنىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن بايرامدىن بۇرۇنقى 40 كۈندە گۆش ئىستېمال قىلمايدۇ؛ بايرامدىن كېيىنكى 1 _ ھەپتىنىڭ 1 _ كۈنى ئەرلەر ئاياللارغا سۇ چېچىپ، مال _ دۇنياسىنى ئاياللارغا بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاياللارمۇ ئەرلەرگە جاۋابەن توخۇ، تۇخۇم قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلىدۇ.
       بولكا بايرىمى: ۋېنگىرلارنىڭ بولكا بايرىمى ھەر يىلى 8 _ ئاينىڭ 20 _ كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى ھەم ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى، شۇنداقلا ۋېنگىرىيە دۆلىتىنى قۇرغۇچى پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈنى، پۈتكۈل مەملىكەت خاراكتېرلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. بولكا بايرىمى كۈنى كىشىلەر شۇ يىلى پىشقان بۇغدايدىن بولكا پىشۇرۇپ ئۆزئارا سوۋغا قىلىشىدۇ؛ كوچىلاردا سەيلە قىلغاچ بولكا يەپ، تىنچ _ ئاسايىشلىق كۈنلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كۈنى ئاخشىمى، دوناي دەرياسى بويىدا ساليوتلار ئېتىلىپ، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ۋېنگىرلارنىڭ «ئىسىم قويۇش بايرىمى»، 3 _ ئاينىڭ 15 _ كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئەركىنلىك بايرىمى» قاتارلىق نۇرغۇن بايراملىرى بار.

غىزا _ تائام ئۆرپ _ ئادەتلىرى


       ۋېنگىرلار كۈندىلىك غىزا _ تائامغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلار سۈت، ياڭيۇ، كالا گۆشى قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلىدۇ. قورۇمىلارغا مۇچ، سامساق، پىياز، قارامۇچ قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. تائاملاردىن قورداق، بېلىق شورپىسى ۋە بېلىق كاۋىپىنى ياخشى كۆرىدۇ.
       ۋېنگىرلار داستىخاندا ناھايىتى قائىدە _ يوسۇنلۇق بولۇپ، تاماق يېگەندە ئاۋاز چىقىرىپ چايناشنى ئەدەپسىزلىك دەپ بىلىدۇ؛ ساھىبخانىلىق قىلغۇچى مېھماننىڭ تارتىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، مېھماندىن بۇرۇن تاماق يېيىشتىن توختىۋالمايدۇ؛ مېھماننى ھاراققا زورلاشنى يامان كۆرىدۇ.

ۋېنگىرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى


       ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىشقا بېرىلىش __ ۋېنگىرلارنىڭ ئېسىل ئادەتلىرىدىن بىرى. ئات مىنىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدۇر.
       «ۋېنگىرىيە» دېگەن سۆزنىڭ يەنە «ئات ئۈستىدە نۇسرەتكە ئېرىشكەن مىللەتتىن ۋۇجۇتقا كەلگەن سەلتەنەت» دېگەن مەنىسى بولۇپ، ماجارلار ئارىسىدا ئاتقا دائىر رىۋايەتلەر كۆپ. گەرچە، بۈگۈنكى كۈندە ئات مۇھىم قاتناش قورالى ھېسابلانمىسىمۇ، ئۇ، يايلاق مىللەتلىرىدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىرغىچە ئۆز ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ۋېنگىرىيەدە يايلاق مۇھىتى ياخشى بولغاچقا، ئات كۆپ بېقىلىدۇ.
       ئوۋ ئوۋلاش __ ۋېنگىرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ھېسابلانسىمۇ، ۋېنگىرىيە قانۇنىدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئوۋ ئوۋلىشىغا بولمايدۇ. كىشىلەر قاتتىق ئىمتىھان _ سىناقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ئوۋ ئوۋلاش كىنىشكىسى ئالغاندىلا، بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە ئوۋ ئوۋلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇلاردىن باشقا، ۋېنگىرلارنىڭ يەنە سۇ ئۈزۈش، قارىغا ئېتىش، قولۋاق ھەيدەش، سۇ توپ ئويناش، شەمشەرۋازلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ بار.


 _  _  _  _  _  _  _  _  _  _  _  _  _  _  _  _
پايدىلانمىلار:
.1 «يەر شارىغا ساياھەت»، جۇڭگو سەيلە _ ساياھەت نەشرىياتى 2005 _ يىل نەشرى.
.2 چېن يېفىڭ: «ھونلارنىڭ ياۋروپادىكى گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى» 2005 _ يىل «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»
 .3 «ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھون مىللىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ» شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2005 _ يىل 14 _ ئاپرېل ماقالىسى.
.4 لىن گەن: «ھونلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، 1986 _ يىل نەشرى.

 


(ئاپتور: «قەشقەر» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 چېچەنلەر
 دۇنيادا قانچە مىللەت بار
 ئالجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ...
 ماراكەشلىكلەر  ۋە ئۇلارن...
 ئەزەربەيجانلىقلار ...
 ئىرانلىقلار ۋە ئۇلا...
 تۈركىيە تۈركلىرى ۋە...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号