تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادا ھازىر 2000 دىن ئارتۇق مىللەت بار ئىكەن. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس سانىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئەڭ كۆپلىرى 100 مىليوندىن ئاشىدىكەن، ئەڭ ئازلىرى پەقەت نەچچە ئونغىلا يېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتلەردىن يەتتىسى بولۇپ، بۇلار خەنزۇلار، ھىندىلار، ئامېرىكانلار، بېنگاللار، رۇسلار، ياپۇنلار ۋە برازىلئانلار ئىكەن. نوپۇسى بىر مىليوندىن ئون مىليونغىچە بولغان مىللەتلەردىن 202سى، 100 مىڭدىن بىر مىليونغىچە بولغان مىللەتلەردىن 92سى بار ئىكەن. ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 1000دىن ئارتۇق بولۇپ، دۇنيادىكى مىللەتلەر ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن؛ ياۋروپادىكى مىللەتلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ، تەخمىنەن 170 مىللەت بار ئىكەن. دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، مىللەتلەر سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت نىگېرىيىدە 256 مىللەت بار ئىكەن؛ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھىندونېزىيىدە 150 مىللەت بار ئىكەن50 .تىن ئارتۇق مىللەت بار دۆلەتلەر جۇڭگو، ھىندىستان، فىلىپپىن قاتارلىقلار ئىكەن. كورىيە، چاۋشيەن، پاپونىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئوخشاش بىرلا مىللەت بار دۆلەتلەردىن 20سى بار ئىكەن.
(«ياشانغانلار گېزىتى»دىن پاتىگۈل سالى تەرجىمىسى)
|