ماراكەش __ ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي جەنۇب تەرىپى ئالجىرىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇب تەرىپى سەھرايىكەبىر قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى جەبىلتارىق بوغۇزى ئارقىلىق ئىسپانىيە بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەرب تەرەپتىكى 1700 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دېڭىز ساھىلى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 459 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەر شەكلىنىڭ كۆپ قىسمى تاغلىق ۋە ئېگىزلىكلەردىن تەشكىل تاپقان. نوپۇسى 30 مىليون 50 مىڭ (2006 - يىلىدىكى ستاتىستىكا)، پايتەختى رابات. پۇل بىرلىكى دەرھەم. دارئەلبەيدا (بۇرۇنقى نامى كاسابلانكا) شەھىرى ماراكەشنىڭ دۇنياغا داڭلىق سەيلىگاھى بولۇپ، ھازىر بۇ يەردە زامانىۋى يېڭىلىقلار ۋە قەدىمىي ئىزنالار كۆزگە تەڭ چېلىقىپ تۇرىدۇ. دەل مۇشۇ شەھەر ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ سۈرەتكە ئېلىنغان داڭلىق فىلىم __ «كاسابلانكا» ماراكەشنىڭ بۇ شەھىرىنى دۇنياغا تېخىمۇ تونۇتقان. ماراكەشنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى يەرلىك بەربەرلەر ئىدى، مىلادىيە 647 _ يىلى، ئەرەبلەر ماراكەش زېمىنىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بەربەرلەر بىلەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك توقۇنۇشۇپ ۋە ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن. بەربەرلەر بىلەن ئەرەبلەر ئۇزاق مەزگىل ئارىلىشىپ ياشاش، ئۆزئارا سىڭىشىش نەتىجىسىدە تەدرىجىي ھالدا ھازىرقى ماراكەشلىكلەر شەكىللەنگەن. «ماراكەش» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «كۈن ئولتۇرىدىغان جاي» دېگەن مەنىدە. ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبلەر ماراكەش زېمىنىغا كىرگەندە، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىندا ئۆزلىرىنى جاھاننىڭ ئەڭ چېتىگە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، بۇ جايغا «ماراكەش»، يەنى «كۈن ئولتۇرىدىغان جاي» دەپ ئىسىم قويغان. ماراكەشلىكلەر ئەرەب تىل _ يېزىقىنى قوللىنىدۇ، فرانسۇز، ئىسپان تىل _ يېزىقلىرىنىمۇ پىششىق بىلىدۇ. ماراكەشلىكلەر ئومۇمەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ماراكەشنىڭ چەت، خىلۋەت رايونلىرىدىكى يەرلىك بەربەرلەر تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ قەدىمكى تىلى ۋە كونا تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان.
يۈرۈش _ تۇرۇشتىكى قائىدە _ يوسۇنلىرى
ماراكەشلىكلەر قائىدە _ يوسۇنغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان خەلق. ئۇلار جامائەت سورۇنلىرىدا تېلېفون لىشىشنى، يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلىشىشنى يامان كۆرىدۇ؛ بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلغۇچىلارنى مەدەنىيەتسىز، يارىماس كىشىلەرنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ؛ ئەرلەر يىغىلىپ قالغان ئولتۇرۇش _ سورۇنلاردا قىز _ ئاياللار توغرىسىدا گەپ _ سۆز قىلىشنىمۇ يامان كۆرىدۇ. ماراكەشلىكلەر ئۆزئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ. كۆرۈشكەندىن كېيىن، قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ ياكى پېشانىسىگە يېقىپ قارشى تەرەپكە ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. بۇ، «سىزگە چىن يۈرەكتىن سالام يوللايمەن» ياكى «سىزنى ئەزىز بىلىمەن» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ؛ يېقىن ئۇرۇق _ تۇغقانلار كۆرۈشكەندە، مەڭزىنى يېقىشىپ سۆيۈشۈپ كۆرۈشىدۇ؛ ياشانغان كىشىلەر ياكى ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئېگىلىپ تۇرۇپ قارشى تەرەپنىڭ قولىغا يېنىك سۆيۈپ قويىدۇ، لېكىن قارشى تەرەپ كەمتەرلىك بىلەن قولىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ھۆرمەتكە لايىق ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ماراكەشلىكلەر چاي ئىچىشكە ئامراق مىللەت، ئۇلار ئۈچ ۋاخ تاماقتا چايدىن ئايرىلالمايدۇ، سەھەردە ئالدى بىلەن بىر پىيالە كۆك چاي ئىچىۋېتىپ ئاندىن غىزالىنىدۇ. ئۇلار چاينى كۆپ ئىچىش ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. مېھمان كۈتكەندە، داستىخاندا يالپۇز تەملىك خۇش پۇراق چاينىڭ بولۇشىنى مېھمانغا قىلىنغان ھۆرمەت، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مېھماننىڭ ئالدىغا خورما، سۈت قويۇشنىمۇ مېھماننى ئەزىز كۆرگەنلىك، دەپ بىلىدۇ.
توي _ تۆكۈن ئۆرپ _ ئادەتلىرى
ماراكەشلىكلەرنىڭ نىكاھ توي ئىشىدا ئاتا _ ئانىلارنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدۇ، قىز _ يىگىت ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچرىمايدۇ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئاتا _ ئانىلار ئۆزئارا كېلىشىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ توي ئىشىنى بېكىتىدۇ. ئادەتتە، ئائىلىدە توي توغرىسىدا گەپ بولغان كۈندىن باشلاپ، قىزنىڭ ئاتا _ ئانىسى يىگىت تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلايدۇ. يىگىتنىڭ «تولۇق ئارخىپى»نى قولغا چۈشۈرۈشتىن باشقا، يىگىت تەرەپ ئائىلىسىنىڭ مەرتىۋىسى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلەيدۇ. بۇ «رەسمىيەتلەر» ئوڭۇشلۇق تۈگەپ ئىككى تەرەپ رازىلىق بېرىشكەندىن كېيىن، ئارىلىقتا يەنە يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا يىگىت قىزغا كىيىم _ كېچەك، زىبۇزىننەت، ئەتىر قاتارلىق سوۋغىلارنى ئەۋەتىپ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تويلۇقنى بېرىپ تۈگىتىدۇ. تويغا ئىككى ھەپتە قالغاندا، قىز ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم يۇيۇنىدۇ ھەم ئاتا _ ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۇرۇق _ تۇغقانلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشمەي، تاكى توي كۈنىگە قەدەر مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ. ماراكەشلىكلەر توي ۋاقتىنى ئادەتتە جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. توي كۈنى نىكاھ مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مول مەزمۇنلۇق كاتتا توي زىياپىتى باشلىنىدۇ، يەرلىك ئەل نەغمىچىلەر ئويۇن قويىدۇ، ھەرخىل ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ توي تەنتەنىسى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. زىياپەت ئاخىرلىشاي دېگەندە، يىگىت ھېچكىمگە تۇيدۇرماستىن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ كېلىۋالىدۇ. يىگىتنىڭ دوستلىرى يىگىتنى ئىزدىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ھەر تەرەپكە چاپىدۇ ۋە شۇ پۇرسەتتە قىز ئولتۇرغان ئۆيدىن قىزنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىدۇ. قىزنى سەككىز يىگىت گۈللۈك تەختىراۋانغا ئولتۇرغۇزۇپ نەغمە _ ناۋالار بىلەن قېينانىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ ماڭىدۇ. قىز _ يىگىتنىڭ دوست _ بۇرادەرلىرى تەختىراۋانغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ ۋە ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە قىزنى يالغۇز قالدۇرۇپ قېچىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا، قىزنىڭ قېينانىسى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، كېلىنىگە خورما ۋە سۈت تۇتۇپ بەخت _ سائادەت تىلەيدۇ. ئەتىسى، كېلىن سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلايدۇ، تۇنجى تەييارلىغان ناشتىلىقتا چوقۇم بېلىق قورۇمىسى بولۇش كېرەك. بۇ، ماراكەشلىكلەرنىڭ كونا ئۆرپ _ ئادىتى بولۇپ، توينىڭ ئەتىسى بېلىقتا تەييارلانغان قورۇما يېيىش بۇنىڭدىن كېينكى تۇرمۇشقا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ.
مېھماندارچىلىقتىكى قائىدە _ يوسۇنلىرى
ماراكەشلىكلەر مېھماندوست خەلق، ئۆيىگە كەلگەن مېھماننىڭ كونا ياكى يېڭى تونۇش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مول داستىخان تەييارلاپ مېھماننى ئىززەت _ ئېكرام بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. ماراكەشلىكلەرنىڭ مېھماندارچىلىق ئىشلىرىدا ئۆزگىچە قائىدە _ يوسۇنلىرى كۆپرەك، مەسىلەن: مېھماندارچىلىققا بارغاندا، ساھىبخاننىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى سوراشقا بولمايدۇ؛ توختىماستىن ئۆينىڭ ئۇيەر _ بۇيەرلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە بولمايدۇ؛ ساھىبخاننىڭ ئايالى ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ؛ مېھمان بولغۇچى بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغاندا چوقۇم پۇتلىرىنى ئاستىغا باسۇرۇپ كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ ئولتۇرىدۇ؛ چوڭلار بىلەن ھەمداستىخان بولغاندا، چوڭلار تائام يېيىشتىن توختىسا كىچىكلەرنىڭ داستىخانغا قول ئۇزىتىشىغا بولمايدۇ، شۇڭا كۆپ ھاللاردا سورۇن چوڭلىرى غىزالىنىپ تويۇپ كەتكەن بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ ئەيمىنىپ غىزالىنالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، سورۇن ئاخىرىغىچە ئاز _ ئازدىن ئېلىپ ئولتۇرىدۇ. ماراكەشلىكلەر كىيىم _ كېچەكلىرىنىڭ رەڭگى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ۋە سالاھىيىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمەلدارلار زەيتۇن رەڭگىدە ياكى قېنىق كۆك رەڭدە كىيىم كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەمەل _ مەنسىپى تۆۋەنرەكلەر ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەر قېنىق بىنەپشە رەڭدە كىيىم كىيىۋالىدۇ؛ ئادەتتىكى پۇقرالار كۈلرەڭ، قارا، قېنىق قىزىل، قوڭۇر رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىدۇ. شۇڭا، ماراكەشتە كىشىلەرنىڭ كىيىم _ كېچەكلىرىنىڭ رەڭگىگە قاراپلا، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
_________________________ پايدىلانمىلار: «دۇنيا مىللەتلىرى ئۆرپ _ ئادەت قامۇسى»، شۇخەي نەشرىياتى 1991 _ يىل نەشرى. «دۆلەتلەر جۇغراپىيىسى»، جىلىن مەتبۇئات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2007 _ يىل نەشرى.
(دىلشات ئىدرىس تەييارلىغان)
|