www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
تۈركىيە تۈركلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى
ئاپتور:قۇربان تۇران    چېكىلىش سانى:7004    ۋاقتى:2010-3-25    . www.seltenet.com .

       تۈركلەر __ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاساسىي گەۋدە مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 67 مىليون 310 مىڭ(  2002- يىللىق ستاتىستىكا.) بۇنىڭدىن باشقا يەنە 3 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق تۈرك گرېتسىيە، بۇلغارىيە، گېرمانىيە، ئالبانىيە، سېپرۇس ۋە بالقان يېرىم ئارىلىدىكى باشقا دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. تۈرك مىللىتى ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈرك تىلى ئائىلىسىدە سۆزلىشىدۇ.
       تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنى __ ھازىرقى ئاناتولىيە (كىچىك ئاسىيا) رايونى بولماستىن، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى ئالتۇنتاغ (ئالتاي تېغى) ۋادىسى ئىدى. مىلادىيە 6 - ئەسىردىن 10 -ئەسىرگىچە تۈركلەر تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا رايونىغا كۆچۈشكە باشلىغان. شۇ قاتاردا ئوغۇز تۈركلىرىمۇ غەربىي جەنۇب يۆنىلىشكە قاراپ سۈرۈلۈپ ئىراننىڭ شىمالىدىكى خۇراسان رايونىدىن ئۆتۈپ، ئىسلام دىنى پۈتۈنلەي ئومۇملىشىپ بولغان غەربىي ئاسىيا رايونىغا كىرگەن.  1055 -يىلى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان باغدادنى ئىگىلەپ، ئاناتولىيىگە قاراپ سۈرۈلگەن. 1071-  يىلى ئاناتولىيە رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شەرقى رىم (ۋىزانتىيە) ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان ۋە ئاناتولىيە رايونى ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ يېڭى ۋەتىنى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن باشقا تۈرك قەبىلىلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن كىچىك ئاسىياغا كىرىپ ناھايىتى تېزلا ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بۇ ئورتاق ئېتىقاد ئاستىدا بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشقان- 13 . ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قۇرۇلغان ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى 1453 - يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنپولنى (ھازىرقى ئىستانبۇل) ئىشغال قىلغان ۋە ۋىزانتىيىلىكلەرنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىغا  ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەرگەن.
       تۈركلەر ئاناتولىيە رايونىغا كىرگەن ۋاقىتتا چارۋىچىلىقنى ئاساسلىق ئىگىلىك تارمىقى  قىلىپ ياشىغان مىللەت بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتكە ئايلاندى ۋە تۈركىيىنى دېھقانچىلىق دۆلىتى قېلىپ قۇرۇپ چىقتى. تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائىتى بۇغداي بولۇپ، تېرىم ئىشلىرىدا ئاساسەن يامغۇر سۈيىدىن ئىبارەت تەبىئىي سۇغىرىش ۋاسىتىسىگە تايىنىدۇ. ئۆكتەبىردىكى كۈزلۈك ئۇرۇق سېلىش ۋە ئىيۇن ئايلىرىدىكى ھوسۇل يىغىۋېلىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولمايدۇ. دېھقانچىلىقتىكى بۇ خىل ئالاھىدە ھادىسە تۈركلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى خاس ئالاھىدىلىكىدۇر.
       تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قەدىمىي چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ھازىر گەرچە ئىلگىرىكىدەك ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىدىن چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇئەييەن نىسبەتتىكى ئىزنالىرىنى يەنىلا كۆرگىلى بولىدۇ: گەرچە تۈركىيە گىلىمى ئىران گىلىمىدەك دۇنياغا داڭلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ياۋروپالاشقان ھەرقانداق تۈرك ئائىلىسىدە، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئائىلىلەردىمۇ يەرگە پۈتۈنلەي گىلەم سېلىنىدۇ؛ تاماقتا ھەر قاچان سۈت، پىشلاق، سېرىق ماي قاتارلىقلار كەم بولسا بولمايدۇ، يەنە قوي گۆشىدىن قىلىنغان ھەرخىل تائاملار ۋە بولكا ئىستېمال قىلىدۇ. دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئۆزئارا بىرلىشىپ كەتكەن ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي قۇرۇلما __ تۈركلەرنىڭ يەنە بىر خاس ئالاھىدىلىكىدۇر.
       تۈركلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە. پۈتۈن تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 90% تىن كۆپرەكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، تۈركىيىدە مەسچىت ھەممىلا جايدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. مۇستاپا كامال ئىسلاھاتىدىن كېيىن دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىۋېتىلگەچكە، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشتىكى تەسىرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۈركلەرنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت - ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە ياۋروپا ئۇسلۇبى بىلەن تۈرك ئۇسلۇبى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن يېڭى سىستېما شەكىللەنگەن. شۇ سەۋەبتىن ئاساسىي قانۇندا «ئىسلام دىنى __ دۆلەت دىنى» دەپ بەلگىلەنمىگەن بۇ بىردىنبىر ئىسلام دۆلىتىدە، باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىجتىمائىي فورماتسىيە بارلىققا كەلگەن.
       1934 - يىلى تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئاتىسى مۇستاپا كامال پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ «فامىلە قانۇنى»نى ئېلان قىلغان ۋە تۈرك بولغانلىكى كىشىنىڭ فامىلە قوللىنىشى لازىملىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن فامىلە قوللىنىشنى ئومۇمىي ئادەتكە ئايلاندۇرمىغان تۈركلەر تېزدىن قەدىمىي تارىخىي تېرمىنلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىگە فامىلە بېكىتىشكە باشلىغان، بەزىلىرى ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى فامىلىلەرنى قوللانغان. ئادەتتە باشقىلارنى چاقىرغاندا، چاقىرىلغۇچىنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق - يېقىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چاقىرىلغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە «بەگ» سۆزىنى قوشۇپ، قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدۇ. رەسمىي خەت - چەك ۋە ھۆججەتلەردە بىردەك ئىسىم - فامىلە قوشۇپ تولۇق يېزىلىدۇ.
       تۈرك ئاياللىرى ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تىرناق ۋە لەۋلىرىنى ھەمىشە قىزىل قىلىپ بويىۋالىدۇ. يېزىلاردىكى تۈرك ئاياللىرى بولسا ناھايىتى ئاددىي كىيىنىدۇ؛ كەڭ شىم، كۆڭنەك كىيىپ ئۈستىگە نېپىز يېپىنچا ۋە شارپا ئارتىۋالىدۇ. شەھەر ئاياللىرى ياۋروپاچە كىيىنىشنى ئادەت قىلغان. تۈرك ئەرلىرىنىڭ كىيىملىرى ئاساسەن دېگۈدەك غەربچىلىشىپ كەتكەن.
       تۈركلەر چايخانا ۋە قەھۋەخانىلاردا دەم ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چوڭ شەھەرلەردىكى ھەر قانداق چوڭ كوچىدا، رەستىلەردە مۇشۇنداق مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بار. قەھۋە -15 ئەسىردە ئەرەبلەردىن كىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ، تۈركىيىدە قەھۋەخانىلار ئېچىلىشقا باشلىغان. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە چايخانىلار يەنىلا سان جەھەتتىن قەھۋەخانىلارنى بېسىپ چۈشىدۇ. تۈركلەر چايخانىلاردا دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىدۇ، تاماكا چېكىشىدۇ، قارتا ئوينىشىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق ھاردۇق چىقىرىش تۈركلەردە ئومۇميۈزلۈك ئادەتكە ئايلانغان.
تۈركلەر ھەمىشە دوستلار ئارا ئىزدىشىدۇ، ئۆزئارا كۆرۈشكەندە قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلىشىپ مەڭزىلىرىنى يېقىشىدۇ. سەھەردە ئۆزئارا «مەرھابا» دېيىشىدۇ.
       تۈركلەرنىڭ توي ۋە نىكاھ مۇناسىۋەتلىرىدە ئەركىن نىكاھ ئومۇملاشقان (چەت يېزىلاردا نىكاھ ئىشلىرىدا ئاتا - ئانىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغان ئىشلار ھازىرمۇ بار.) توي ئادەتتە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ: يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە توي قىلىش تەكلىپى قويغاندىن كېيىن، يىگىتنىڭ ئەلچىلىرى قىزنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ ۋە قىز تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، بىرنەچچە كۈنگە قالماي نىكاھ ئوقۇتۇلىدۇ. نىكاھ ئوقۇلۇپ بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخۇنلارنىڭ خەتمە قۇرئانى بىلەن توي مۇراسىمى باشلىنىدۇ. مېھمانلار بىرىنچى كۈنى يىگىتنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولىدۇ. ئاساسىي مۇراسىم قىزنىڭ ئۆيىدە بولۇپ ئاندىن يىگىتنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلىدۇ، توي كۈنى تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىۋى «دۇپ ئۇسسۇلى» ئوينىلىدۇ (بۇ ئۇسسۇل پەقەت توي مۇراسىمىدىلا ئوينىلىدۇ.) تۈركلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرى ئىسلامىيەت قائىدە - يوسۇنلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قەبرىستانلىقلار ھەمىشە شەھەرلەردىكى باغچىلارغا، گۈل - گىياھلىرى چىرايلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى پات - پات قەبرىستانلىققا كېلىپ، خەتمە - قۇرئان قىلىپ تۇرىدۇ.
       تۈركلەر قۇربان ھېيت، روزى ھېيت قاتارلىق دىنىي بايراملارنى، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەڭ چوڭ دىنىي بايرىمى روزى ھېيت بولۇپ، ھەمىشە ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، بايرام كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرى شادلىق كەيپىياتىغا چۆمىدۇ.
تۈركلەر __ نوپۇسى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كۆپىيىش سۈرئىتى% 2.4 ئەتراپىدا بولۇپ، كۆچمەنلەر ۋە ئەركىن نىكاھ شەكلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. مەملىكەت زېمىنىنىڭ ئاساسىي قىسمى ئېگىزلىك- تاغلىق بولۇشتەك ناچار جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قىس بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان تېرىلغۇ يەرنىڭ ئەمەلىي بېقىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش ھادىسىسى تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىش ھادىسىسىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىش مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا ئۈندىمەكتە.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
پايدىلانمىلار:
)1 «مىللەت لۇغىتى»
)2 «ئوكيانۇس»
)3 «بۈيۈك برىتانىيە ئېنسكلوپېدىيىسى»
)4 «تۈرك ئېنسكلوپېدىيىسى»
)5 «ئىسلام ئېنسكلوپېدىيىسى»
)6 «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى»

(ئاپتور: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىدا)

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 چېچەنلەر
 ۋېنگىرلار ۋە ئۇلارنى...
 دۇنيادا قانچە مىللەت بار
 ئالجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ...
 ماراكەشلىكلەر  ۋە ئۇلارن...
 ئەزەربەيجانلىقلار ...
 ئىرانلىقلار ۋە ئۇلا...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号