www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ئالجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى
ئاپتور:دىلشات ئىدرىس تەييارلىغان    چېكىلىش سانى:3049    ۋاقتى:2010-3-26    . www.seltenet.com .

       ئالجىرلار __ ئالجىرىيىدە ياشايدىغان مىللەت بولۇپ، «ئالجىر ئەرەبلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئالجىرىيە زېمىنىدا ياشاپ ئۆتكەن بەربەر ۋە قەدىمكى قەبىلە  _  قوۋملار ئەۋلادلىرىنىڭ ئەرەبلەر بىلەن ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مىللەت بولۇپ، فىنك، يەھۇدىي، تۈرك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تەركىبلىرىمۇ بار. ئومۇمىي نوپۇسى 18 مىليون 790 مىڭ، ئاساسەن ئالجىرىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، فرانسىيە، تۇنىس ۋە ماراكەش قاتارلىق ئەللەردىمۇ ئاز ساندا ئالجىر نوپۇسى بار.
       ئالجىرلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، سام  _  ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنىڭ ئالجىر دىئالېكتى بىلەن سۆزلىشىدۇ، قىسمەنلىرى فرانسۇز تىلىغىمۇ پىششىق كېلىدۇ. ئالجىرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئالجىرىيە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 2 مىليون 381 مىڭ 741 كۋادرات كىلومېتىر. ئالجىرىيە شىمالدا ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ئىسپانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇب تەرىپى سەھرايى كەبىر قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىپ كېتىدۇ. تۇنىس، لىۋىيە، ماراكەش، ماۋرىتانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداش. ئالجىرىيىنىڭ زېمىنى كەڭرى، ئەمما كۆپ قىسمى قۇملۇق ۋە تاغلىق بولۇپ، مۇنبەت جاي ئاز. شىمالىي قىسمى سۇبتروپىك بەلۋاغ ئوتتۇرا دېڭىز ھاۋا كىلىماتىغا، جەنۇبىي قىسمى تروپىك بەلۋاغ قۇملۇق ھاۋا كىلىماتىغا تەۋە.
       ئالجىرىيىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە تۈزلەڭلىك كۆپرەك بولغاچقا، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئالجىرلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن بۇغداي، ئارپا تېرىلىدۇ ۋە خورما، ئۈزۈم، زەيتۇن دەرىخى قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ يەردىكى ئالجىرلار «گولبا» دەپ ئاتىلىدىغان كېسەك  _  لايدىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، بۇ خىل ئۆيلەرنىڭ تورۇسى پاكار، تەسكەي كېلىدۇ.
       ئالجىرىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇب قىسمىدىكى تاغ باغرى ياكى قۇملۇق رايونلىرىدىكى ئالجىرلار چارۋىچىلىق بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىدۇ، چارۋىچىلىقتا تۆگە ۋە قوي باقىدۇ. ئۇلار قوي ۋە تۆگە يۇڭىدىن توقۇپ تەييارلانغان چېدىرلاردا ئولتۇرىدۇ. بۇنداق چېدىرلارنى سۆكۈپ قايتا قۇراشتۇرۇش ناھايىتى ئاسان بولۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىغا ناھايىتىمۇ باب كېلىدۇ.
       ئالجىرلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، مەۋلۇد قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت  _  بايراملىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان قىزىقارلىق «پەمىدۇر بايرىمى» بار. ئالجىرلار ئۇزاق يىل تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، چۆل  _  باياۋانلاردا باغ  _  ئورمان ۋە كۆكتاتزارلارنى بەرپا قىلغان بولۇپ، دېڭىز بويى رايونىدا ئولتۇراقلاشقان ئالجىرلار قۇملۇقتا پەمىدۇر ئۆستۈرۈپ يېيەلەيدىغان بولغان. ئالجىرلار بۇ جاپالىق ئەمگەكنىڭ نەتىجىسىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد قۇتلۇقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن، ھەر يىلى 4 _  ئاينىڭ 20 _  كۈنىنى «پەمىدۇر بايرىمى» قىلىپ بېكىتكەن.
       ئالجىرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىمى __ «گاندورا» دەپ ئاتىلىدىغان ئەرەبچە پاسوندىكى ئۇزۇن يەكتەك بولۇپ، تومۇز ئىسسىقتا كىشىگە سالقىن تۇيغۇ بېرىپ تۇرىدۇ. ئەرلەر بېشىغا ئاق رەختتىن سەللە ئورىۋالىدۇ، ئاياللار چۈمبەل بىلەن يۈزىنى ئېتىپ يۈرىدۇ. ئۇلار قۇملۇقتا مېڭىشقا قۇلايلىق ياغاچ چەملىك ساپما كەش كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئالجىرلار ئاق رەڭنى پاكلىق ۋە تىنچ  _  ئاسايىشلىقنىڭ سىمۋولى دەپ بىلگەچكە، كىيىم _  كېچەكلىرى كۆپىنچە ئاق رەڭدە كېلىدۇ، ھەتتا ئۆي ئىچىنىمۇ ئاق رەڭنى ئاساس قىلىپ زىننەتلەيدۇ.
       ئالجىرلار ئۆيىدە مېھمان كۈتۈشكە ئانچە ئادەتلەنمىگەن بولۇپ، بىرەر زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۆيىگە مېھمان كېلىپ قالمىسىلا، ئالجىرلارنىڭ ئۆيىدە مېھماننىڭ قەدىمىنى ئۇچراتماق تەس. ناۋادا ئۆيگە مېھمان كېلىپ قالسا، ئۆيدىكى قىز _  ئاياللار ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ، مېھماننى ئەر كىشى كۈتۈۋالىدۇ. مېھماننىڭ ئۆيدىكى قىز _  ئاياللارنىڭ ئەھۋالىنى سورىشىمۇ ئەدەبسىزلىك سانىلىدۇ.
       ئالجىرلار قولىنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، تائاملارنى قولى بىلەن تۇتۇپ يېيىشكە ئامراق، ھەتتا شورپا ئىچىدىكى گۆش قاتارلىقلارنىمۇ قولى بىلەن تۇتۇپ ئېلىپ يەيدۇ. لېكىن، غىزالانغاندا ھەرگىز سول قولىنى ئىشلەتمەيدۇ، باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ سول قولىنى سۇنۇشنى ئەدەپسىزلىك دەپ بىلىدۇ.
       ئالجىرلاردا قىز تۇغۇلۇش بىلەن، قىزنىڭ ئانىسى قىزىغا ئاتاپ قىممەت باھالىق زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشقا باشلايدۇ؛ قىزىغا ئالتە ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە كەشتە تىكىشنى ئۆگىتىپ، تويلۇق ئۆي بېساتىنى ئۆزىگە تەييارلىتىدۇ ھەمدە ئۆي ئىشلىرىغا سېلىپ چېنىقتۇرىدۇ. ئالجىرلار قىزىنىڭ ئاق پىشماق بولۇشىنى گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ قارايدۇ، شۇ ۋەجدىن قىز ياتلىق بولۇشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، ئانىسى ياكى ھەمشىرىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا يۇيۇندۇرۇپ، قىزنىڭ بەدىنىنى بىر قەۋەت ئاق دورا بىلەن مايلاپ چىقىدۇ، قولىغا قېنىق قىلىپ خېنە ياقىدۇ.
       ئالجىرلارنىڭ توي  _  تۆكۈن ئۆرپ  _  ئادىتىدە باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر بار. ئالايلۇق، ئالجىرلار تويلۇققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. تويلۇقنىڭ سېلىقى شەھەردىكىگە قارىغاندا يېزىدا ئېغىرراق كېلىدۇ، قۇملۇق رايوندا ئولتۇراقلاشقان چارۋىچى ئالجىرلاردا تويلۇقنىڭ سېلىقى ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ. ئالجىرلارنىڭ نەزىرىدە، چوڭ تويلۇق تەييارلاش يىگىتكە قىزنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈش، تويدىن كېيىن خوتۇنىنى ئاسانلا قويۇۋېتىپ باشقىدىن ئۆيلىنىۋېلىشتىن ساقلىنىش، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھىنى بىر ئۆمۈر ئەزىزلەپ، بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بولۇپ، تويلۇق مېھمانلارنىڭ ئالدىدا بىر _  بىرلەپ ئېچىلىپ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
ئالجىرلارنىڭ توي  _  تۆكۈن پائالىيىتى ناھايىتى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ. يېزا  _  قىشلاقلاردا توي يەتتە كۈن داۋام ئېتىدۇ. پۇلدارلار ياكى يالغۇز ئوغۇللۇق ئائىلىلەرنىڭ تويى ھەتتا ئىككى ھەپتىگىمۇ سوزۇلۇپ كېتىدۇ. ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشىراق ئائىلىلەر توي كۈنى ئات بەيگىسى، چېلىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، يەرلىك ئەلنەغمىچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ناخشا  _  ئۇسسۇللار بىلەن توينى تېخىمۇ قىزىتىۋېتىدۇ. ئەمما، شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان ئالجىرلارنىڭ توي  _  تۆكۈنلىرىدە ئۇنچە كۆپ مەزمۇنلار يوق، تويلار بىرقەدەر ئاددىي، تېجەشلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ.
       ئالجىرىيىدە توي  _  تۆكۈن ياز پەسلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. توي مەرىكىسىنىڭ بىرىنچى كۈنىنى قىز تەرەپ ئۆتكۈزىدۇ. بۇ كۈنى قىزنىڭ ئاتا  _  ئانىسى ۋە ئۇرۇق  _  تۇغقان، دوستلىرى قىزغا نۇرغۇن سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىدۇ. تويى بولغان قىز ئالتۇن  _  كۈمۈشلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئېسىل تويلۇق كىيىم ۋە ئەتراپىغا ياقۇت، مەرۋايىتلار كەشتىلەنگەن چىرايلىق باش كىيىم بىلەن جابدۇنىدۇ. كەچكە يېقىن، يىگىت ئاتلىق كېلىپ قىزنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېتىدۇ. يىگىتنىڭ ئۆيىگە قىز كۆچۈرۈلۈپ كېلىنىش بىلەن، يىگىتنىڭ ئانىسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، كېلىنىگە بەخت  _  سائادەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بىر پىيالە سۈت تۇتىدۇ، ئاندىن قىز _  يىگىت ھۇجرىسىنىڭ ئاچقۇچىنى قىزغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بىراق، بۇ كۈنى قىز ھۇجرىسىغا كىرمەي، قىز قولداشلىرى ۋە يەڭگىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا قېينانىسىنىڭ ھۇجرىسىدا قونۇپ قالىدۇ. ئىككىنچى كۈنى يىگىت تەرەپتە كاتتا توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىگىت تەرەپتىكى مەرىكە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاندىن قىز بىلەن يىگىت ئۆز ھۇجرىسىغا قايتىدۇ. توينىڭ يەتتىنچى كۈنى كېلىن بېلىگە ئالاھىدە ئىشلەنگەن بەللىك تاقايدۇ، بۇ، كېلىننىڭ ئاياللىق سۈپىتىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم بەلگە بولۇپ قالىدۇ.

(دىلشات ئىدرىس تەييارلىغان)

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 چېچەنلەر
 ۋېنگىرلار ۋە ئۇلارنى...
 دۇنيادا قانچە مىللەت بار
 ماراكەشلىكلەر  ۋە ئۇلارن...
 ئەزەربەيجانلىقلار ...
 ئىرانلىقلار ۋە ئۇلا...
 تۈركىيە تۈركلىرى ۋە...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号