www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ئەزەربەيجانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى
ئاپتور:دىلشات ئىدرىس تەييارلىغان    چېكىلىش سانى:4488    ۋاقتى:2010-3-26    . www.seltenet.com .

       ئەزەربەيجان __ ئاسىيا قىتئەسى ۋە ياۋروپا قىتئەسىگە چېگرىداش بولغان جەنۇبىي كاۋكازنىڭ شەرقىغە جايلاشقان گۈزەل نېفىت دۆلىتى. يەر كۆلىمى 80مىڭ 660 كۋادرات كىلومېتىر. شەرق تەرىپى كاسپى دېڭىزىغا يانداش، جەنۇب تەرىپى ئىران ، تۈركىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى روسىيىگە قوشنىداش. غەرب تەرىپىدە گروزىيە ۋە ئەرمېنىيە دۆلىتى بار. يېرىنىڭ 50%ى تاغلىق يەر شەكلى، كىلوماتى ئۆزگىرىشچان. پايتەختى باكو ئەزەربەيجاننىڭ مۇھىم ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سىياسىي مەركىزى بولۇپ، داڭلىق نېفىت شەھىرى. ئەزەربەيجاننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى مول بولۇپ، نېفىت يەر قاتلىمىغا بەك چوڭقۇر جايلاشمىغان، ئارىلاشما ماددىلىرى بىرقەدەر ئاز، ساپلىقى يۇقىرى. پۇل بىرلىكى مانات. ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى 1991  _ يىل 8 _ ئاينىڭ 30 _ كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
       ئەزەربەيجانلار ئەزەربەيجاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت. ئەزەربەيجاننىڭ نوپۇسى 8مىليون 246مىڭ ( 2003 -يىل 10ئايدىكى ستاتىستىكا) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزەربەيجانلار 77.3% نى، ئەرمەنلەر 5.6% نى، رۇسلار 5.2% نى ئىگىلەيدۇ. گىروزىيە، ئەرمېنىيە، ئۆزبېكىستان، ئىران، ئىراقتىمۇ ئەزەربەيجانلار بار. ئەزەربەيجانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ غەربىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەزەربەيجان تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى ئوغۇز تىلى تارمىقىغا تەۋە. رۇس تىلىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان، سلاۋىيان يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. ئىراندىكى ئەزەربەيجانلار ئەرەب يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.
       ئەزەربەيجانلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى جەنۇبىي كاۋكازنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ئاھالىلەر ئىدى، كېيىن بۇ جايغا كىممېرىئان، سىكىفلار، بولغار، خاسا، ھون قاتارلىق قەدىمىكى قەبىلە _  قوۋملار كۆچۈپ كەلگەن؛11__13- ئەسىرلەرگە كەلگەندە، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان تۈرك قەبىلىلىرىمۇ كۆچۈپ كېلىپ ئۆزئارا قوشۇلۇپ، پەيدىنپەي ھازىرقى ئەزەربەيجانلار قوۋمىنى ھاسىل قىلغان.
ئەزەربەيجانلار ئۆزگىچە پاسوندىكى جەلپكار كىيملەرنى كىيشكە، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشقا ئامراق. مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن گۈللۈك نەقىشلىك دوپپا كىيىدۇ، ئاياللار بىلەزۈك، كىچىك قوڭغۇراق، ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدۇ. ئەرلەر كەڭ، ئازادە ئىشتان، بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان رەختلىك كىيىملەرنى كىيىدۇ، ئاياللىرى ئوچۇق رەڭلىك چىرايلىق كىيىملەرنى، بەلنى قىسىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى كىيىدۇ. ئەزەربەيجانلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك _ ئىچمەكلىرىدىن بولكا، كۆمەچ نان، جۇۋاۋا، قايماق، سۈت، قېتقلار بار. ياغدا پىشۇرۇلغان گۆش قاتلىمىسىنى ياخشى كۆرىدۇ.
       ئەزەربەيجانلار ئۆزئارا سالام قىلىشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ، يېقىن دوست  _  بۇرادەرلەر بولسا، ئاۋۋال قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بېرىدۇ ھەم ياخشى تىلەكلەرنى دېيىشكەندىن كېيىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى كۆرۈشكەندە چوڭلار كىچىكلەرنىڭ پېشانىسىگە، كۆزىگە، كىچىكلەر چوڭلارنىڭ قولىغا سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ.
       ئەزەربەيجانلار ئۇزاق تارىختىن بېرى تارقىلىپ جايلاشقان رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ئوخشاش بولماسلىق سەۋەبىدىن، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە ئۆزئارا ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەر يۇغۇرۇلغان قاتلاملارنى شەكىللەندۈرگەن. ئەزەربەيجانلار چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، كۆپ قىسىم ئەزەربەيجانلار نېفىت سانائىتى، توقۇمىچىلىق، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىش سېپىگە قېتىلىپ كەتكەن. بىرقىسىم  ئەزەربەيجانلار ھازىرغىچە قەدىمكى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن، يەنە بىر قىسىملىرى ھازىرغىچە يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەزەربەيجاننىڭ قول سانائەت بۇيۇملىرى ئۆزگىچە، تۈرى كۆپ. قىزلار گىلەم توقۇش بىلەن، ئوغۇللار نەقىشچىلىك، مىس، ياغاچ ئويمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ھۈنەر  _  سەنئەت، كۆركەملىك، نەپىسلىك جەھەتتە يۈكسەك تەرەققىي قىلغان.
       ئەزەربەيجانلار تارىخىدا، ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان ئالىم نەسىرىدىن توسى، شەرق ئەدەبىيات ژانىرلىرىدىن بىرى بولغان «خەمىسە» چىلىككە ئاساس سالغان مەشھۇر ئەدىب ئىلىياس ئىبىن يۈسۈپ نىزامىي گەنجىۋىي ۋە مۇتەپەككۇر ۋە شائىر فۇزۇلى، پەيلاسوپ مىرزا ئاخۇندوف قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەر بارلىققا كەلگەن. ئەزەربەيجانلار نەزمە _  نەسرنى ئاساس قىلغان مول خەلق ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە نىزامىي تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «خېسراۋ ۋە شېرىن»، «لەيلى  _  مەجنۇن»، «ھەفىت پەيكار»، «ئىسكەندەرنامە» قاتارلىق داستانلار خېلى كەڭ تارالغان، «كىتابى − دەدە قور _  قوت» مۇ ئەزەربەيجانلار ئىچىدە تارالغان ئەڭ قەدىمكى داستان ھېسابلىنىدۇ.
       ئەزەربەيجان مائارىپى بىرقەدەر گۈللەنگەن بولۇپ، 1999 _ يىلى ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ئۈچۈن ئاجىراتقان راسخوتى پۈتۈن دۆلەت خام چوتىنىڭ 21%ىنى ئىگىلىگەن. ئەزەربەيجان ساۋاتسىزلىقنى ئاساسەن تۈگەتكەن.
       ئەزەربەيجانلار ھەريىلى روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، نورۇز بايرىمى قاتارلىق ھېيت _  بايراملاردىن باشقا، يەنە 5 _ ئاينىڭ 28 _  كۈنى جۇمھۇرىيەت بايرىمى، 10 _ ئاينىڭ 9 _ كۈنى ئارمىيە بايرىمى، 10 _ ئاينىڭ 18 _ كۈنى دۆلەت بايرىمى، 11 _ ئاينىڭ 17 _ كۈنى مىللەت ھاياتلىق كۈنى، 12 _ ئاينىڭ 31 _ كۈنى دۇنيا ئەزەربەيجان مىللىتى ئىتتىپاقى كۈنى قاتارلىق بايراملارنىمۇ تەنتەنىلىك كۈتۈۋالىدۇ.
ئەزەربەيجانلار «7» رەقىمىنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇنى مۇقەددەس، خاسىيەتلىك سان دەپ قارايدۇ. چىنار دەرىخىنى كۈچ _  قۇدرەت ۋە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدۇ. شۇڭا، ئەزەربەيجانلار پەرزەنتلىرىگە «چىنار»، «چىنارە» دېگەن ئىسىملارنى كۆپ قويىدۇ. توي _  تۆكۈن ئىشلىرىنىمۇ چىنار دەرىخى سايىسىدە ئۆتكۈزىدۇ.
       ئەزەربەيجانلار سول قولىدا نەرسە ئۇزاتقاننى يامان كۆرىدۇ، سول قولنى پەس كۆرىدۇ. «13» رەقىمىنى ياقتۇرمايدۇ، «13» رەقىمىنى يامانلىق، بالا _  قازا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ بىلىشىدۇ.
       كۆپ ھاللاردا، ھەربىر دۆلەت، شەھەر ياكى مىللەتنىڭ بىرەر ۋەكىل خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇشى بولىدۇ. ئەزەربەيجاندىكى «قىز مۇنارى» پايتەخت باكونىڭ شۇنداقلا ئەزەربەيجان مىللىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك قەدىمىي قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى. بۇ مۇنار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 7 _ ئەسىردە سېلىنغان. ئۇرۇش مەزگىللىرىدە، «قىز مۇنارى» نىڭ دەرىزىسىدىن ۋولقان ھالىتىدىكى قوغۇشۇن سۇيۇقىنى ئېقىتىش، ئوت چالمىلىرىنى تاشلاش ئارقىلىق دۈشمەنلەردىن مۇداپىئە كۆرۈلگەن   . 14 -ئەسىردە پادىشاھلىق ئوردا _  ساراي قۇرۇلۇشلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. «قىز مۇنارى» توغرىسىدا خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت تارالغان: ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، مۇنار ئەتراپىدا ياشايدىغان بېلىقچىلار ئىچىدە بىر گۈزەل، ئاق كۆڭۈل قىز ئۆتكەنىكەن. ئۇرۇش پارتلىغان يىللىرى ئۇ قىزنىڭ يىگىتى جەڭگە چىقىپ كېتىپتۇ ۋە شۇ كەتكەنچە ئۇزاق يىل قايتىپ كەلمەپتۇ، ئەمما ئۇ قىز كېچە  _  كۈندۈز شۇ مۇنار ئۈستىگە چىقىپ يىگىتىنىڭ يولىغا قاراپ كۈتۈپتۇ... يىگىتنىڭ جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەپتۇ، قىز مۇنار ئۈستىگە چىقىپ باشقىلارنىڭ، يىگىتىنىڭ يارىلىنىپ ساق يېرى قالمىغان جەسىتىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە بۇ ئازابقا چىدىماي ئۆزىنى مۇنار ئۈستىدىن دېڭىزغا تاشلىۋاپتۇ... شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۆزىنىڭ چىن مۇھەببىتىگە سادىق بۇ قىزنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامسىز بۇ مۇنارغا «قىز مۇنارى» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ... «قىز مۇنارى» نىڭ ئېگىزلىكى 29.5 مېتىر، تېمىنىڭ قېلىنلىقى 4 مېتىردىن 5 مېتىرغىچە، ھاك تاش بىلەن قوپۇرۇلغان. «قىز مۇنارى» ھازىر باكو شەھىرىنىڭ سىمۋول خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇشى سۈپىتى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتماقتا.

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 چېچەنلەر
 ۋېنگىرلار ۋە ئۇلارنى...
 دۇنيادا قانچە مىللەت بار
 ئالجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ...
 ماراكەشلىكلەر  ۋە ئۇلارن...
 ئىرانلىقلار ۋە ئۇلا...
 تۈركىيە تۈركلىرى ۋە...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号