قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: گېرمانىيىلىكلەر نەزىرىدىكى ئامېرىكىلىقلار
ئامېرىكىلىقلار گېرمانىيىلىكلەردىن سېمىز. ئامېرىكىدىكى ئورۇق كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلاردۇر. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش رەڭدە. كىشىلەر پۇلغا شۇنچە چوقۇنىدىغان بىر دۆلەتتە بۇنداق ئەھۋالنىڭ بولۇشىنى ھەقىقەتەن چۈشىنىپ يەتكىلى بولمايدۇ. كىتابخانىدا مەيلى كىمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈڭ، ئامېرىكىلىقلار ئالدىڭىزنى توسۇۋالغانلىقى ئۈچۈن سىزدىن ئەپۇ سورايدۇ. گېرمانىيىلىكلەر ئۆيىگە كىرىپلا چىراغنى ياندۇرغانغا ئوخشاش، ئامېرىكىلىقلار ئۆيىگە كىرىپلا تېلېۋىزورنى ئاچىدۇ. ئامېرىكىلىقلار مەيلى قانداق پېشكەللىككە ئۇچرىسۇن، بۇنى ئۆزىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقىدىن كۆرىدۇ، شۇڭا، مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئامېرىكىلىق ئەرلەر خالىغانچە بىرەر ئايال بىلەن كىنو كۆرمەيدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، خەقلەر ئۇلارغا باشقىچە باھا بېرىدۇ، كىشىلەر ئۇلارنىڭ 1 -، 2 - ۋە 3 - قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرىدىكى مەنزىرىلەرنى ھەر خىل قىياس قىلىشىدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە، ئارتىسلار ھەرقانداق چوڭ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلسا بولۇۋېرىدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇغراپىيە ساۋاتى ناچار. ئۇلار لىۋاندا پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىسا، گېرمانىيىدە تىياتىر كۆرۈۋاتىمىز، دەپ ئويلايدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ داستىخىنىدا مېۋە مۇرابباسى ئارىلاشتۇرۇلغان خاسىڭ مېيى كەم بولمايدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئاشخانا، مېھمانخانا ۋە ئاپتوبۇسلاردا تازا پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەندە، ئەتراپىدا ئادەم قالمايدۇ. ئامېرىكىلىقلار راھەت ئىزدەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، تىنچ مۇھىتقا ئېرىشىش ئۈچۈن گۈزەللىكتىن ۋاز كېچىشكە رازى بولىدۇ. ئامېرىكىلىقلار چىداملىق، پۇختا تاۋارلارنى ئىشلىتىشكە ئامراق، ئۇلارنىڭ كىرئالغۇلىرىنىڭ قېپى خۇددى تانكا قېپىغا ئوخشايدۇ. ئامېرىكىلىقلار: چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ، ئۇلار چەت ئەللىكلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى باشقىچە قاراش ۋە نۇقتىئىنەزەرلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئامېرىكىلىقلار سۈتكىمۇ مۇز سېلىپ ئىچىدۇ. ئامېرىكىلىق ئاياللار ئارىسىدا كۆكسىنى يوغىنىتىدىغانلار كۆپ. ئامېرىكىلىقلار سۆيگۈ - مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشتا، باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرمايدۇ، تېخى ئاۋازى قانچە ئۈنلۈك بولسا شۇنچە ياخشى، دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىدا ياشانغانلارمۇ خۇددى كىچىك بالىلاردەك قىزغىن، ھېسسىياتچان. ئامېرىكىلىقلار كۈندە بىرنەچچە قېتىم يۇيۇنىدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋاقتى قىسقا. ئامېرىكىلىقلار كېسىلىنى ساقايتىش ياكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىنىم تاپماي دورا، ۋىتامىن ۋە مېنېرال ماددىلارنى ئىستېمال قىلىدۇ. ئامېرىكىلىقلار كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەققىدە خۇددى بوغالتىردەك پاراڭلارنى قىلىدۇ، مەسىلەن، «مەن پالانىغا مانچىلىك مەبلەغ سالغانىدىم» دېگەندەك. ئامېرىكىلىقلارنىڭ بوينى توم، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىدىكى ھورمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىلىقلار تاماقنى كۆپ يەيدۇ. ئۇلار تامىقىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئىشلەنگەن چوڭ بوتۇلكىلىق كولا ئىچىدۇ. ئامېرىكىلىقلار بىر - بىرىنىڭ ئىسمىنىلا ئاتاپ، فامىلىسىنى چاقىرمايدۇ، لەقىمىنى ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ چاچ پاسونى خۇددى پولات قالپاققا ئوخشايدۇ. ئامېرىكىلىقلار پەقەت بىر ھەپتە ئىچىدىلا پۈتۈن ياۋروپانى ساياھەت قىلىپ بولىدۇ، خۇددى ئات ئۈستىدە تۇرۇپ گۈل كۆرگەندەك. ئامېرىكىلىقلارنىڭ گېرمان تىلى سەۋىيىسى بەكلا تۆۋەن، ئۇلار گېرمانچە ئاران «رەھمەت»، «دىققەت»، «تېزرەك»، «بىر ئىستاكان پىۋا كەلتۈرۈڭ» دېگەن گەپلەرنىلا قىلالايدۇ، يەنە كېلىپ تەلەپپۇزى توغرا ئەمەس. ئامېرىكىلىقلار: ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش تولىمۇ ئادەتتىكى ۋە ئورۇنلۇق ئىش، دەپ قارايدۇ.
ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى گېرمانىيىلىكلەر
گېرمانىيىلىكلەر ھەر كۈنى كەچتە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى مال سېتىۋالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، مال سېتىۋېلىش پۈتۈنلەي شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتقا مەركەزلىشىپ قالغان. گېرمان تىلىغا ناھايىتى ئۇستا ئامېرىكىلىقلار گېرمانىيىلىكلەرگە گېرمانچە گەپ قىلسىمۇ، گېرمانلار يەنىلا ئېنگلىز تىلىدا جاۋاب بېرىشكە ئامراق. گېرمانىيىنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئەتىدىن كەچكىچە جىنسىي مۇھەببەت مەزمۇنىغا تولۇپ كەتكەن فىلىملەرنى قويىدۇ. گېرمانىيىلىكلەر چاقچاق پاراڭلىرىنى قىلىشقا ئامراق، لېكىن ئۇلارنىڭ چاقچاق - يۇمۇرلىرى ھەمىشە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرالمايدۇ. گېرمانىيىدە پەقەت لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ كۆزەينىكىنى تاقىۋالغان كىشىلەرلا «خاسلىقى بار ئادەم» دەپ قارىلىدۇ. گېرمانىيىلىكلەر پەقەت ئۆزىنىڭ گېپىنىلا جاھىللىق بىلەن راست دەپ تۇرۇۋالىدۇ. گېرمانىيىلىكلەر يىغىلىش ۋە باشقا سورۇنلاردا بىر - بىرى بىلەن ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە سالاملىشىۋەرمەيدۇ. گېرمانىيىلىكلەر بىللە غىزالانغاندا، تاماق پۇلىنى ئادەم سانىغا توغرىلاپ چاچماستىن، بەلكى ھەركىم ئۆزى بۇيرۇتقان تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلەيدۇ، بىر تىيىننىمۇ ئۇيان - بۇيان قىلىۋەتمەيدۇ. گېرمانىيىلىكلەر سەنئەت ھەققىدە پاراڭلىشىشقا ماھىر ئەمەس. گېرمانىيىلىكلەر سوئاللارغا ئۈزۈپ - ئۈزۈپ جاۋاب بېرىشكە ئامراق، يەنە كېلىپ دائىم قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى بۆلۈۋېتىدۇ. ئۇلار: بۇنداق قىلىش ئۆزىمىزنىڭ باشقىلارغا سەمىمىي ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە، گېرمانىيىلىكلەرنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى ھەقىقەتەن كىشىنى بىزار قىلىدۇ. گېرمانىيىلىكلەر ئىناۋەتكە بەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەتتا ئاپتوموبىل بىلەن كېچە سائەت ئۈچتە كېتىۋېتىپ قىزىل چىراغقا دۇچ كېلىپ قالسىمۇ دەرھال توختايدۇ، ھەرگىز قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. گېرمانىيىلىكلەرنىڭ نەزىرىدە ۋاقىت خۇددى تۈگەتكىلى بولمىغۇدەك كۆپ، ئۇلار يىغىلىشنى ناھايىتى ۋاقچە ئاخىرلاشتۇرىدۇ، پاراڭغا چۈشۈپ كەتسە ئاخىرى چىقمايدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇلاردا ھۇرۇنلۇق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ قويغان. گېرمانىيىلىك سودىگەرلەر خېرىدارنى يۈك ئورنىدا كۆرىدۇ. گېرمانىيە چۆچەكلىرى بالىلىرىنى قورقىتىپ تېنىنى شۈركەندۈرۈۋېتىدۇ. گېرمانىيىلىكلەرنىڭ تاماكا خۇمارى بەك كۈچلۈك بولۇپ، تاماكىنى كۆپ چېكىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شۇڭا ھەممىلا يەردە تاماكا ئىسىنىڭ لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن داڭق چىقارغانلىقىنىڭ ئەكسىچە بىر ئىللەت. گېرمانىيىلىكلەر ئىنتايىن بېخىل، ئۇلار تاپان ھەققىنى بەكلا ئاز بېرىدۇ. گېرمانىيىلىكلەر ئامېرىكىغا بارسا ئوغرىغا بېرىپ قويۇشتىن قورقۇپ، ناھايىتى ئاز پۇل ئېلىپ يۈرىدۇ. گېرمانىيىنىڭ يەر ئاستى پويىزى بىلەن تىرامۋايلىرىدا ھېچكىم گەپ قىلمايدۇ، جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرىدۇ. گېرمانىيىدە قوشنىلار بىر - بىرى بىلەن تونۇشمايدۇ، كىرىش - چىقىشمۇ قىلمايدۇ. گېرمانىيىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى كەچلىك تاماقنىلا بىللە يەيدۇ. نۇرغۇن گېزىتلەر ھەر كۈنى يالىڭاچ قىز - چوكانلارنىڭ سۈرىتىنى باسىدۇ، لېكىن ھېچكىم بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمەيدۇ. گېرمانىيىلىكلەر بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقىنىڭىزدا، ئۇلار غەرەزلىك ھالدا سىز بىلەن مۇئەييەن ئارىلىق ساقلايدۇ. گېرمانىيىلىكلەر ھەتتا بولكا يېگەندىمۇ پىچاق، ۋېلكا ئىشلىتىدۇ. گېرمانىيە ئەرلىرى چوڭ كوچىلاردىمۇ كىچىك تەرەت قىلىۋېرىدۇ. گېرمانىيىلىك ئاياللار پاچىقىدىكى ۋە قولتۇقىدىكى تۈكلەرنى چۈشۈرۈۋەتمەيدۇ، شۇنداقلا مەيلى باغچا ۋە مەيلى دېڭىز ساھىلى بولسۇن، يالىڭاچ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. گېرمانىيىلىكلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا، قانداق ئەھۋالدا «سىز»، قانداق ئەھۋالدا «سەن» دەپ ئاتاش مەسىلىسى ھەقىقەتەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋېتىدۇ. يەر ئاستى پويىزىدا يولۇچىلار ئارىسىدىكى بىر - بىرىگە ئىشەنمەسلىك كەيپىياتىنى دەل بېلەت تەكشۈرگۈچىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان. گېرمانىيىلىكلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ پىۋىسىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ناشتىدىمۇ پىۋا ئىچىدۇ. گېرمانىيىلىكلەر تونۇش - بىلىشلىرى بىلەنلا پاراڭلىشىدۇ، پەقەت سەمىگە سېلىش، ئاگاھلاندۇرۇش، ھاقارەتلەشكە توغرا كەلگەندىلا، ئاندىن باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىدۇ.
(قاھار ئوسمان تەرجىمىسى)
|