ئالتۇن رەڭ باشاقلار چۈشتى ئۇسسۇلغا، نۇرانە سەھەرنىڭ ئەللەيلىشىدە. بۇ ئالتۇن ۋادىنىڭ، ھوسۇل كانىنىڭ ئاجايىپ سېھرى بار تەۋرەشلىرىدە. نازىنىن قىز كەبى ئوۋلاپ كۆڭۈلنى، دىللارنى مەھلىيا ئەيلەشلىرىدە.
بۇ ئەزىم ۋادىغا - چىلان تۇپراققا دېھقاننىڭ پاك ئىشقى چېگىلگەچ مەھكەم؛ تۆكۈپ قان - تەرىنى، پۈتكۈل بارىنى، ياشناتتى بۇ كەڭرى زېمىننى كۆركەم. دېھقانسىز ھاياتنىڭ كۈلمەس ناھارى، دېھقان - ئۇ، خسلەتلىك، باھادىر ئادەم.
دېھقانغا يەتمەيدۇ بىردەم ئاراملىق، چاچتىنمۇ كۆپ - تولا ئېتىزنىڭ ئىشى. ئەمدىلا كېۋەزلىك قىرىدىن قايتسا، كەلكۈنگە يەم بولغان ئۆستەڭنىڭ قېشى... تۇرسىمۇ ئېتىزدا كۈزنىڭ بال - ئېشى، باشلىنار يولغا تاش بېسىش تەشۋىشى...
دېھقانغا يېڭىلمەس چىدام يار ھامان، ئۇ، قاقاس چۆللەرنى ئەيلەيدۇ چىمەن. ساپ، ھالال تەرىدە ياساپ باغلارنى، بەدەلسىز، مىننەتسىز ياشايدۇ تېمەن. پەيدادۇر تۇرمۇشنىڭ بارچە نېمىتى دېھقاننىڭ ئەجرىدىن - ئىشىدىن بەلەن.
دېھقان - ئۇ، نۇرانە قۇياشتەك ئىنسان، كۆڭۈل ھەم كۆكسى كەڭ، پايانسىز ئاسمان. ئەجرىنى كۈيلىسە بارچە ھاياتلىق، شادلىقتىن كۆرەڭلەپ سالمايدۇ چۇقان. ئۆمرىنى ئاتىغان ئەلنىڭ بەختىگە، مەردلىكتە ئوبرازى ئەڭ ئېگىز داۋان.
دېھقانسىز يوق گۈرۈچ، بۇغداي، قوناقلار... دېھقانسىز قىزىماس تونۇر، ئوچاقلار... ھاياتقا ئوزۇقلۇق يەتكۈزگەن دېھقان، دېھقانسىز ئوخشىماس شېئىر - قوشاقلار... ھىممىتى ھاياتنىڭ خاتىرجەملىكى، دېھقانسىز ئاينىماس كۈلكە - چاقچاقلار...
(ئاپتور: خوتەن تېلىۋېزىيە ئىستانسىسدا)
|