«ئاجايىپ يەر» دەيسەن چەت ئەلنى، ياغامدىكەن قىزىل رەڭلىك قار؟ ياكى قۇياش غەرپتىن چىقىپ، بولامدىكەن كۈندىلا باھار؟
تىلىڭ تۇرۇپ بولىسەن كېكەچ، ئۆز گېپىڭنى ئېيتالماي راۋان. يۇرت مېھرىگە زار بولۇپ قەلبىڭ، جىسمىڭ بىھوش بولار بىگۇمان.
مىسكىنلىكنىڭ ھەسرىتى چەكسىز، قىزىقمايدۇ ھېچكىم سىرىڭغا. نەچچە مەرتەم سۆيگۈڭ كېلىدۇ، لاي كوچىدا قالغان ئىزىڭغا.
لاي سۇ ئىچكۈڭ كېلەر ئوچۇملاپ، قەھۋە ئىچىپ ياشايسەن بىراق. ئۆي لەغمىنى ئەتمەس شەھەردە، بولكا بىلەن يىغلايدۇ قورساق...
تاپالمايسەن سەھرالىرىدىن ساڭا تونۇش كۆكلەم ھىدىنى. چۈشلىرىڭدە چىللايدۇ خوراز، سېغىندۇرار كاككۇكنىڭ ئۈنى.
باي بولساڭمۇ كەمبەغەلدۇرسەن، ئۆز يۇرتىدىن كەچمەس گادايدىن. چىقالمايسەن تىركىشىپ مەڭگۈ غېرىپلىقنىڭ قورشاۋلىرىدىن.
ياڭرىمايدۇ ھەيۋەت شەھەردە يىللار ئۆتسە مۇقام ساداسى. ھېيت - بايراملار ئۆتەر ماتەمدەك، ئاڭلانمىسا ئۇيغۇر ناۋاسى.
قۇلىقىڭ سەندىن بولىدۇ بىزار ياقماي ياتنىڭ شېرىن سۆزلىرى. ئۇيغۇر قىزدىن جەلپكارمىكىن ياۋروپانىڭ كۆككۆز قىزلىرى؟! (ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكىدە)
|