ئۆزى ئورۇق قالسىمۇ سىزنى سېمىز باققاننى، ئۆزى قاتتىق زاغرا يەپ سىزگە گىردە ياققاننى، ئۇنتۇلۇپسىز دۆڭ يەرنى سۇ چىققۇچە چاپقاننى، قىزىرىسىز ئەي ئىنسان، «قاششاق» دېمەڭ دېھقاننى.
ئاشلىق _ يەرنىڭ يېغىدەك كولىغانغا چىقمايدۇ، «يىغىن بار» دەپ كارنايدا توۋلىغانغا چىقمايدۇ؛ «ئاچ قالدىم ! » دەپ تۇپراقنى سورىغانغا چىقمايدۇ، قىزىرىسىز ئەي ئىنسان، قاششاق دېمەڭ دېھقاننى.
ئۇرۇق، يەرنىڭ چېكىنى سۆكمىسىڭىز ئۈنمەيدۇ، ھەر مايسىغا تەر تامچە تۆكمىسىڭىز كۈلمەيدۇ، بىلمەي تۇرۇپ ئۆزىڭىز، دېمەڭ دېھقان بىلمەيدۇ، قىزىرىسىز ئەي ئىنسان، قاششاق دېمەڭ دېھقاننى.
«تۈزلە ! » دېسە تۈزلەيدۇ ھېلى چاپقان ئېرىقنى، بۇيرۇسىڭىز يىغىدۇ خام بولسىمۇ تېرىقنى، يىغلاشسىمۇ بېرىدۇ قەرز ئېلىپ سېلىقنى، قىزىرىسىز ئەي ئىنسان، قاششاق دېمەڭ دېھقاننى.
سىز ئولتۇرغان كونكىغا دېھقان چىقىپ باقتىمۇ؟ سىز چاقتىڭىز ھەرىدەك، دېھقان چېقىپ باقتىمۇ؟ يۇقىرىغا «ئەرز!» دەپ ئىشىك قېقىپ باقتىمۇ؟ قىزىرىسىز ئەي ئىنسان، قاششاق دېمەڭ دېھقاننى.
سىزنىڭكىدەك گۆش ئەمەس، ھەرۋاقتىكى تامىقى، كىيىمىنىڭ بار تېخى ئانچە - مۇنچە يامىقى، نەغمە، ئۇسسۇل، چىراغلىق ئەمەس سىزدەك قاۋىقى، قىزىرىسىز ئەي ئىنسان، قاششاق دېمەڭ دېھقاننى.
ماقۇللا بار ئاغزىدا «ياق ! » دېيىشنى بىلمەيدۇ، «سەن يالغانچى، بىز بولساق ساق ! » دېيىشنى بىلمەيدۇ، «بىز توغرىلىق ھۆججەتكە باق ! » دېيىشنى بىلمەيدۇ، قىزىرىسىز ئەي ئىنسان، قاششاق دېمەڭ دېھقاننى.
«سىلى» دېسە ئۇ سىزنى، سىز ھەممىنى«سەن»لەيسىز، خۇيلانسىڭىز بارماقتا كۆزلىرىنى چەنلەيسىز، دېھقانغا سىز سوغ تەلەت، يۇقىرىغا قەنلەيسىز، قىزىرىسىز ئەي ئىنسان، قاششاق دېمەڭ دېھقاننى.
ئاق نانلارغا قات - قاتلاپ سومكىلارنى ئاچىسىز، يەپ - كېكىرىپ، ياسىنىپ، ئەتىرلەرنى چاچىسىز، نان بەرگەن شۇ دېھقاندىن «پۇرايدۇ» دەپ قاچىسىز، قىزىرىسىز ئەي ئىنسان، قاششاق دېمەڭ دېھقاننى.
چۈشەنمەيسىز دېھقاننى مۇڭداشقىلى چولى يوق، دەيسىز بەلكى سايلاشتا بۇلارنىڭ ھېچ رولى يوق، لېكىن قايسى نېمەتتە شۇ دېھقاننىڭ قولى يوق؟ قىزىرىسىز ئەي ئىنسان، قاششاق دېمەڭ دېھقاننى.
ھەقىقەت بۇ دېھقانسىز كۈلەلمەيدۇ بۇ ئالەم، يەپ ياتارنى بالام دەپ سۆيەلمەيدۇ بۇ ئالەم، نانسىز بىرەر دەقىقە يۈرەلمەيدۇ بۇ ئالەم، قىزىرىسىز ئەي ئىنسان، قاششاق دېمەڭ دېھقاننى.
نان بەرگەنگە ئالايماڭ، كور بولىدۇ كۆزىڭىز، توغرا سۆزلەڭ، بولمىسا شور بولىدۇ سۆزىڭىز، يالغاننى كۆپ يوللىماڭ، ھور بولىدۇ يۈزىڭىز، قىزىرىسىز ئەي ئىنسان، قاششاق دېمەڭ دېھقاننى.
(ئاپتور: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا) ژۇرنىلىمىز 2004.3 - سانىدىن
|