كۆڭۈلدە داغ، خۇسۇمەت ساقلىمايلى، دوستلىرىم، تەنتەكلىشىپ ئوغلاقتەك تاقلىمايلى، دوستلىرىم، ياخشىلارنى يامانغا «چاقلىمايلى»، دوستلىرىم، يولغا خەندەك قازغاننى ئاقلىمايلى، دوستلىرىم، ساختىپەزنىڭ لەۋزىنى ياقلىمايلى، دوستلىرىم!
دوستلار دېگەن ھەرقاچان بىر - بىرىنى يۆلەيدۇ، «مەن»نى قويۇپ، دوستنى قۇت بۆشىكىگە بۆلەيدۇ، كېچىپ ھەتتا جېنىدىن «دوست ! » دەپ بەدەل تۆلەيدۇ، جۈرئىتىنى، ئەقلىنى بىلەي بولۇپ بىلەيدۇ، «ئاغزى دوست»نىڭ يېرىگە سۇ باشلىمايلى، دوستلىرىم!
ئاقىل كىشى ئەڭ ئۇلۇغ ئارمان بىلەن ياشايدۇ، «ئەرنىڭ غېمى _ ئەل غېمى» دەپ، ئىقبالغا باشلايدۇ، خەلقى كۈلسە تەڭ كۈلۈپ، يىغلىسا كۆز ياشلايدۇ، بىر نان تاپسا ئەلگە تەڭ بۆلۈپ_ ئايرىۋاشلايدۇ، دەپ:«ئۇ يوغان چامدىدى»، قاقشىمايلى، دوستلىرىم! .
نادانلىققا يار بولۇپ، قىلمايلى كەڭ يولنى تار، ياخشىلارغا تۆھمەتتىن ياسىمايلى سىرتماق، دار، تاپان يالاپ جان بېقىپ، بولمايلى بىز ئۇنچە خار، كۆڭلىمىزنى قىلمايلى تار، قاراڭغۇ، سېسىق غار، غاجاپ، چەيلەپ ئۇز باغنى ئاقلىمايلى، دوستلىرىم!
«ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە …»، بىل، بىرلەشسە گەر چۈمۈلە، يېڭىلىپ «ۋاك» دەيدۇ پىل، ئاتنى سەپەر سىنايدۇ، يىگىتنى ئىش - جاپا، يىل … ئارىسىدا چىن دوستنىڭ ئۈزۈلمەيدۇ ھەتتا قىل، ھەق گېپىنى دوستلارنىڭ «ياق!»لىمايلى، دوستلىرىم!
«دوست ئاغرىتىپ ئېيتار …» بىل، قۇلاق سال بۇ پاراڭغا، «ئات ئۆلەر يا ئوق سۇنار» ھارۋا چۈشسە كاتاڭغا، خۇشال باقار كىم، بىزدەك«مېۋىسى يوق باراڭ»غا؟ قىزارمامدۇ يۈز، يۈرسەك قەرزنى ئارتىپ پاتاڭغا؟ ئۆزىمىزنى پەردازلاپ، چاقنىمايلى، دوستلىرىم!
قىلدىن قىيىق كەتسە گەپ، باتناپ كەتتۇق بەزىدە، توغرا يولدىن نەپ ئۈچۈن ئاتلاپ كەتتۇق بەزىدە، شۇم غەرەزلەر سۆزىنى ياقلاپ كەتتۇق بەزىدە، يەڭ ئىچىدە تىغ - تەبەر ساقلاپ كەتتۇق بەزىدە، شەيتانلار ئوت ياقسا، قول قاقلىمايلى، دوستلىرىم!
رىقابەتلىك دەۋر بۇ، گاداي بايغا ياللىنار، غەپلەت باسقان ھۇرۇنلار، لايغەزەللەر شاللىنار، ئىشتا چىۋەر، بىلىملىك، پەزىلەتلىك تاللىنار، ئىجتىھاتلىق قابىللار، ئويغاقلار تېز ھاللىنار، بىر تال تۇخۇم تۇغۇپ «ۋاق - ۋاق»لىمايلى، دوستلىرىم!
ئادالەتنى ياقلايلى، ھەق قۇياشى چاقنىسۇن، دەرياسىدا ھاياتنىڭ لاي - لاتقىلار ئاقمىسۇن، بەدنىيەتلەر كۆزگە كۈل چېچىپ، چىشنى چاقمىسۇن، ۋىجدانى يوق نامەردلەر ئارىمىزغا باقمىسۇن، چوغنى ئوراپ پاختىدا ساقلىمايلى، دوستلىرىم!
ئاجىزلارنى يۆلەيلى، ئۇلار كۆكلەپ - ئاينىسۇن، كىيىم پۈتۈن، قورساق توق بولسۇن، گۆش - ياغ چاينىسۇن، ھەممىمىزنىڭ قازىنى ۋاراقلاپ تەڭ قاينىسۇن، روزا تۇتماي بىر ئۆمۈر، ئۇلارمۇ ھېيت ئوينىسۇن، ئورۇق، شالاڭ مايسىنى تاقلىمايلى، دوستلىرىم!
ھەق، ئىنساننىڭ دىل ئۆيى پەن نۇرىدا يورۇيدۇ، دەپ يۈرمەيلى: «شۈكرىكىم، ئىگەم رىزىق بۇيرۇيدۇ»، قانائەتچان كىشىنىڭ يىلتىزى تېز قۇرۇيدۇ، بىلىمسىزلىك، ئاداۋەت نادانلىققا جورۇيدۇ، قىچىشمىغان يەرنى كۆپ قاشلىمايلى، دوستلىرىم!
«ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ»، ئىناق ئۆتۈپ كېتەيلى، پۇشايمانغا قويماي جاي، ئارمانلارغا يېتەيلى، تەڭ قوشۇپ باش، كۈچ، ئەقىل چۆلنى بوستان ئېتەيلى، ئارا بۇزغان تۈلكىنىڭ كۆتىگە تەڭ تېپەيلى، قىرقىش ئۈچۈن پەي، پىچاق چاقلىمايلى، دوستلىرىم!!!
(ئاپتور: خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا) ژۇرنىلىمىز 2004.4 - سانىدىن
|