سەپەرداشلار ئۇزاپ كەتتى يىراقلارغا، بېقىپ دادىل خەتەرلەرگە، سىناقلارغا، مېنىڭ دىلىم تولدى ھەسەت، پىراقلارغا، بۇ ھەسەتتىن مەن يىغلىماي، كىم يىغلىسۇن؟
ئارمان ئۈچۈن بېلىم مەھكەم باغلانمىدى، غاپىللىققا يۈرەك - باغرىم داغلانمىدى، چېلىشلاردا جاسارىتىم تاۋلانمىدى بۇ غەپلەتتىن مەن يىغلىماي، كىم يىغلىسۇن؟
زامانداشلار كۆك قەھرىدە ئۇچۇپ يۈردى، يەنە نۇرغۇن كارامەتكە يەڭنى تۈردى، مېنىڭ روھىم چۈش ئىلكىدە كەيىپ سۈردى، بۇ قىسمەتتىن مەن يىغلىماي، كىم يىغلىسۇن؟
نادانلىقتىن قىزارمىدى يۈزۈم پەقەت، ئادەملىكتە ئېچىلمىدى كۆزۈم پەقەت، ياراپ يۈردۈم ئۆزۈمگىلا ئۆزۈم پەقەت، بۇ «سۆلكەت»تىن مەن يىغلىماي، كىم يىغلىسۇن؟
تەمە قىلدىم «بىر كىملەرگە يۆلەنسەم» دەپ، بەخت - تەلەي بۆشۈكىگە بۆلەنسەم دەپ، كۆپ تىرىشتىم سېھرىگەردىن ئۆگەنسەم دەپ، بۇ «خىسلەت»تىن مەن يىغلىماي، كىم يىغلىسۇن؟
بەك زارىقتىم پەپىلەشكە، پۈۋلەشلەرگە، تەشنا بولدۇم گەر يىقىلسام يۆلەشلەرگە، كۆنەلمىدىم جۇت باغرىدا تۈنەشلەرگە، بۇ ئىللەتتىن مەن يىغلىماي، كىم يىغلىسۇن؟
گۆلەيدىم سەت، «سەندە باركەن چاتاق» دېسە، «كاللا دېگەن ئىشلەتمىسە قاپاق» دېسە، مىت قىلمىدىم، «كەچمىشتىن ئال ساۋاق» دېسە، بۇ ئىبرەتتىن مەن يىغلىماي، كىم يىغلىسۇن؟
ئەيش - ئىشرەت رەستىسىدە پالاقلىدىم، ھەشەمەتنىڭ كوچىسىدا تاراقلىدىم، پەزىلەتتە زەئىپلەشتىم - شالاقلىدىم، بۇ «نۇسرەت»تىن مەن يىغلىماي، كىم يىغلىسۇن؟
ئەقىدىگە جۇنۇنلارچە چىرماشمىدىم، ئەقىل بىلەن قۇت ئېتىشقا تىرماشمىدىم، تويسا قورساق يۇمشاق يەرگە يانپاشلىدىم، بۇ «غەيرەت»تىن مەن يىغلىماي، كىم يىغلىسۇن؟
گىدەيدىم بەك، ياقام كىردىن ئادالانسا، ساما سالدىم، ئۈنۈم سەل - پەل سادالانسا، كۆرەك قىلدىم، ماڭا ئىنئام جاكارلانسا ... بۇ «شەۋكەت»تىن مەن يىغلىماي، كىم يىغلىسۇن؟
(ئاپتور: مەكىت ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدا) ژۇرنىلىمىز 2004.3 - سانىدىن
|