ئۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك، چۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك، تالاي تەنقىد - تەنبىھلەر بېرىلسىمۇ يەپتۇدەك. يەپ ئۆگەنگەن دەيۈزلەر تارتمايدىكەن ئۆزىنى، يېقىنلىرى «يېمە ! » دەپ يېلىنسىمۇ يەپتۇدەك.
ئالىدىكەن يالغاندىن قوبۇل قىلىپ پىكىرنى، ئالىدىكەن ئۆزىدەك چاشقانلاردىن ئۇچۇرنى، ئۆگىنىپتۇ قوشۇپ يەپ قانائەتنى،«شۈكۈر ! »نى، ھېسابىدا ئارتۇق، كەم كۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك.
شېرىنكانە بىرىدىن، تامغا ھەققى بىرىدىن، جايلايدىكەن قورقماستىن ئېپى كەلگەن يېرىدىن، ئۇنداقلارنىڭ خۇش ئىكەن خوتۇنلىرى ئېرىدىن، خوتۇنلىرى چاندۇرۇپ كېرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
يىلدا خوتۇن يەڭگۈشلەپ يۈرگەنلەرمۇ شۇلاركەن، بايلىق ئۈچۈن، پۇل ئۈچۈن ئۆلگەنلەرمۇ شۇلاركەن، نەدە تاۋكا؟! شۇ يەردە ئۈنگەنلەرمۇ شۇلاركەن، نەچچە ئۆلۈپ تاۋكادا، تىرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
نەچچە يەردە ئۆيى بار، نەچچە يەردە داچىسى، بىر ئاشنىسى «سىڭلىسى»، بىرى يالغان ئاچىسى، خەجلەيدىغان پۇلىنىڭ يۈز كويلۇقتۇر پارچىسى، تۇغقانلىرى تەشۋىشتە «بەس ! » دېسىمۇ يەپتۇدەك.
ۋىجدان بىلەن ئىنساپ يوق سۈرۈشتۈرسەڭ تېگىنى، يېگەنلەرنىڭ يالغاندۇر «خۇدا بەردى !» دېگىنى، يەتمىگەندەك ۋاي تېخى، ياشلىقىدا يېگىنى، بەزىلىرى ئۇلارنىڭ قېرىسىمۇ يەپتۇدەك.
بىر سەتەڭگە بۇزۇلۇپ ئاخىر رەسۋا بولغاندەك، كۈندە سۇنماي كوزىمۇ ئاخىر بىر كۈن سۇنغاندەك؛ گاھى چاغدا كۆڭلى غەش خۇددى پوق يەپ قويغاندەك، تاغدەك تەشۋىش ئۆزىنى قىينىسىمۇ يەپتۇدەك.
ئۆلەمدىكىن ئۇنداقلار زادى پارا يېمىسە، قىلامدىكىن خىيانەت ئۇلار يولدىن تېنىسە؟ يا بەختلىك بولمامدۇ بىر ئۆزىنى دېمىسە؟ ئۇ ۋە لېكىن، باشقىلار يېمىسىمۇ يەپتۇدەك.
شۇلار بۇزماي كىم بۇزدى بىزدە تۈزۈم، ئەخلاقنى؟ ئېچىپ بەردى شەيتانغا ئىشىك بىلەن قاپقاقنى، باشلاپ بېرىپ ئاشۇلار باغدىن غورا قاقماقنى ... ئەل ئۇلارنى ھەر كۈنى تىللىسىمۇ يەپتۇدەك.
ئىچ ئاغرىتماڭ ئۇلارغا، قانۇن سوتقا تارتقانغا، تۈلكە چۈشەر ئاخىرى قۇۋ بولسىمۇ قاپقانغا، ھەيران بولماڭ ھەر قېتىم بىر، ئىككىنى ئاتقانغا، چۈنكى، چىتقا چاۋىسى يېيىلسىمۇ يەپتۇدەك.
ئۆزۈڭنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالما
بالام، يالغۇز ئۆزۈڭنى ئويلايدىغان بوپقالما، ئىش - ئوقەتكە مەيلى يوق، ئوينايدىغان بوپقالما. سارايلارغا سازاۋەر بولغاندىمۇ ئۆمۈرلۈك، گەمىلەرنى ياقتۇرماي، قونمايدىغان بوپقالما.
پېشايۋاندا كۆك كەپتەر يارىشىقى ھويلاڭنىڭ، دەرگاھىڭدىن ئامەتنى قوغلايدىغان بوپقالما. ئەقىل دېگەن ئىنساننىڭ ئەزىز جېنى يەنە بىر، يامانلارنى«ياخشى» دەپ قوغدايدىغان بوپقالما.
بولۇپ چىقتى نائەھلى ئۆگەنگەنلەر نان ئىلغاپ، دېھقان تۇرۇپ سەنمۇ، نان ئىلغايدىغان بوپقالما. قوغۇن تەرسەڭ باش - بۇرنى كۆپنىڭ بولسۇن ئەڭ ئاۋۋال، قوغۇن تېرىپ بىر خەمەك تىلمايدىغان بوپقالما.
چاشقانلىرى نەپسىڭنىڭ پۇل كەينىدىن قۇترىشىپ، خۇدا بەرگەن رىزقىڭغا تويمايدىغان بوپقالما. دۇنيا يىغساڭ يىغ مەيلى، تەڭرى بەرسۇن ۋە لېكىن ! ئاتاڭغىمۇ بىر توخلا سويمايدىغان بوپقالما.
تارتىپ كۆرەر تۈنلەردە ئىشىكىڭنى ئېزىتقۇ، ئىشىكىنى قەلبىڭنىڭ ئىلمايدىغان بوپقالما. ئەمەل تۇتساڭ ئەل تۇرسۇن ئۆز ئاناڭدەك يادىڭدا، دەردمەن كەلسە ھال ئېيتىپ، تىللايدىغان بوپقالما.
قېچىپ يۈرەر ياخشىلار ھەر دوقمۇشتا شەيتاندىن، سەن شەيتاننى، ئەكسىچە چىللايدىغان بوپقالما. ئۆز بېغىڭدا گۈل تۇرۇپ تۈمەن گۈلگە بەرگۈسىز، ئۆزگىلەرنىڭ بېغىدىن خىللايدىغان بوپقالما.
ئادالەتنىڭ ناخشىسى ياقمايدىغان يۈرەك يوق، ياقمايدىغان ناخشىنى تولايدىغان بوپقالما. ئالقىنىڭنىڭ پاكلىقى دەرگاھىڭغا شەرەپشان، يانچۇقىنى پۇقرانىڭ كولايدىغان بوپقالما.
يېڭى ئەسىر سېنىڭدىن يېڭى ياشلىق كۈتمەكتە، ئىختىرا قىل، ئىجاد قىل، دورايدىغان بوپقالما. ياشانغاندا ياخشى نام ئالالماستىن ئالەمدىن، بارمىقىڭنى پۇشماندا شورايدىغان بوپقالما.
(ئاپتور: غۇلجا ناھىيە دۆڭمەھەللە 1 - يول 351 - قورۇدا) ژۇرنىلىمىز 2004.4 - سانىدىن
|