www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
كۆكلەيسەن
ئاپتور:مۇساجان يۇنۇس    چېكىلىش سانى:1715    ۋاقتى:2007-4-2    . www.seltenet.com .

(غەزەل)

دەرياسىدا مېھنەتنىڭ ئاقالىساڭ كۆكلەيسەن،
جاپالارغا تىترىمەي باقالىساڭ كۆكلەيسەن.

ئۆزۈڭنىلا ئويلىماي، چىغىر يولنى بويلىماي،
ئەل باغرىغا باغرىڭنى ياقالىساڭ كۆكلەيسەن.

چوڭغا ھۆرمەت كۆرسىتىپ، سەبىي كۆڭلىن ئۆستۈرۈپ،
ئىززىتىڭنى ئۆز- ئۆزۈڭ تاپالىساڭ كۆكلەيسەن .

لوقما چىشلەپ ھالالدىن، چىقىپ سېھرىي قامالدىن،
شەيتانلارغا مۇشت- پەشۋا ئاتالىساڭ كۆكلەيسەن.

ۋىجدان ئۈچۈن جان بېرىپ،  «غۇرۇر» دېسە، قان بېرىپ،
رەزىللىكنى ئاستىڭغا باسالىساڭ كۆكلەيسەن.

جۇدۇنلاردىن ھېيىقماي، شاماللارغا چېلىقماي،
تۈن قوينىغا نۇرۇڭنى چاچالىساڭ كۆكلەيسەن.

ئەقىدەڭگە كۆيۈنۈپ، ئۈمىدلەردىن سۆيۈنۈپ،
ئارمانلارنى ئارمانغا قاتالىساڭ كۆكلەيسەن.

بولۇپ قەيسەر، جەڭگىۋار، غەيۇرلۇقنى تۇتۇپ يار-
مەغرۇرانە كۆكتە پەر قاقالىساڭ كۆكلەيسەن.

مىنىپ ئېرپان ئېتىغا، كىرىپ سىرلار قېتىغا،
قۇلۇپىنى تىلسىمنىڭ چاقالىساڭ كۆكلەيسەن .

ئىجىللىققا رام بولۇپ، دوستلار ئۈچۈن شام بولۇپ،
ئىناقلىقنىڭ سازىنى چالالىساڭ كۆكلەيسەن.

ھەقىقەتتىن چەتنىمەي، چىنلىققا ئوق بەتلىمەي،
ئادالەتكە رىشتىڭنى چاتالىساڭ كۆكلەيسەن.

غاپىللىققا گۆر قېزىپ، دولقۇن يېرىپ يول ئېچىپ،
زامان بىلەن بەسلىشىپ، چاپالىساڭ كۆكلەيسەن.

(ئاپتور: مەكىت ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدا)
ژۇرنىلىمىز 2004. 2 - سانىدن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ئاجراشمىسام بولمىد...
 دېھقانسىز ئاينىماس...
 چەت ئەلگە ھەۋەس قىل...
 ئىككى شېئىر
 ئىككى شېئىر- مۇھەمم...
 دوستلارغا سۆز
 پۇشايمان

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号