www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
قەھرىمان ئانا
ئاپتور:مۇھەممەتئېلى زۇنۇن    چېكىلىش سانى:1636    ۋاقتى:2007-4-2    . www.seltenet.com .

     قىزىم

جان قىزىم، ناخشا-ئۇسسۇل پەرۋانىسى دىلنار قىزىم،
يۇرت ئارا، ئالەم ئارا ئالىي شەرەپكە يار قىزىم.
ساپ، سەبىي قەلبىڭگە ئالتۇن تامغا «ئەللەي ناخشىسى»،
شۇ ناۋا قىلغان ئەمەسمۇ كۈيخۇمار، خۇشتار، قىزىم؟
بۇ جاھاندىن سايرىتىپ ئۆتتى ئاتاڭ مۇڭلۇق غېجەك،
شۇ غېجەكنىڭ تارىدا ئارمانلىرى ئىزھار، قىزىم.
لەرزىگە كەلگەي يۈرەك سەھنەمدە پەرۋاز ئەيلىسەڭ،
كۈيلىرىڭ ئەتكەي كۆڭۈل سەھراسىنى گۈلزار، قىزىم.
جان سۆيۈنگەي شان-شەرەپ قۇچقانچە سەن ئەل-يۇرت ئارا،
بول ئامان، خەلقىم يېڭى غەلىبەڭگە تەشنا-زار، قىزىم.

                    ئەي پەرى

زوق بىلەن تەرىپلىشەر مەجنۇن گادايدىن-بايغىچە،
قاينىغان ئاستانىدىن خىلۋەت ئارامگاھ-سايغىچە.
تەر ئىزىڭ، تەرىپلىرىڭ دوستانە سۆھبەت تېمىسى،
كەڭتاشا زالدىن بازار-رەستە، زىياپەت-چايغىچە.
لاپ ئەمەستۇر مەن دېسەم سەن ئوينىساڭ تەڭ ئوينىغاي-
قارلىغاچ-تورغاي، قوزا-ئوغلاق، قۇلۇندىن تايغىچە.
ئەل ئارا كىيگەندە سەن ئالىي شەرەپ-شان تاجىنى،
چاچتى گۆھەر چاچقۇلار ئالتۇن زېمىندىن ئايغىچە …
ساقلىقىڭ بەخت-بايلىقىڭ، ئاسرا، قەدىرلە تۇرسۇنئاي،
ئوينىماي ماغدۇر تۈگەپ كۆز تورلىشىپ باش قايغۇچە.

                     ئاپىرىن

يارۇ سىرداش بولمىغان كىم شاھ سەنەم پەريادىغا،
دەردۇ ھىجران ئالىمىدە ياڭرىغان ئاھ-دادىغا؟
شاھ سەنەم بىرلە ۋىسال باغىدا كۈلگەن ھەر كىشى،
بەختى كاج غۇنچەمنى ئالماس نە ئۈچۈن ئەس-يادىغا؟
كۈلپىتى ھىجراندا «ئاھ!» دەپ كەتتى چىنمودەن يەنە،
يادىگار ئەيلەپ قىساس ئوق-ياسىنى ئەۋلادىغا.
ئۆتتى قانلىق ياش تۆكۈپ تاشۋايغا ئاشىق لەيلىمۇ،
خۇددى شېرىن يەتمىگەندەك ئاشىقى پەرھادىغا.
جان مۇقامغا بارىنى بەخش ئەيلىگەن خانىش پەرى،
«ئەلۋىدا!» دەپ ناخشا ئېيتىپ ماڭدى تىك دار ئالدىغا.
قايتىدىن ئالەمگە كۆز ئاچتى كروران پەرىسى،
مەڭگۈلۈك شاھىد بولۇپ تارىخى پاك ئەجدادىغا…
ئاپىرىن شۇ نامى ئۆچمەسلەرنى ئېكران، سەھنىدە،
غەلىبىلىك ئەتكەن نامايان گۈلباھار ھامۇدىغا.

                   قەھرىمان ئانا

مىڭ جاپا، يۈزمىڭ جاپا-كۈلپەت ئىدى چاغلىق ساڭا،
ئاھ، ئەجەبمۇ سالدى چاڭگال بىداۋا ئاغرىق ساڭا.
يار-قەدىردانىڭ، ئەزىز پەرزەنتلىرىڭ مېھرىڭگە زار،
تەقدىرى-بەختى، خۇشاللىق-قايغۇسى باغلىق ساڭا.
ھەر سۆزۈڭ-لەۋزىڭدە ئوت، چېھرىڭدە كۆكلەم جىلۋىسى،
بەردى بىر ئالەمچە كۈچ ئەۋلادقا ئامراقلىق ساڭا.
«بىر نەپەس بولسام ھايات، - دەپسەن، - چاچاي بىر زەررە نۇر»
ھەممىدىن ئەۋزەل غۇبارسىز روھىي ساغلاملىق ساڭا.
سەن ئېسىل قار لەيلىسى، يەڭگەن زىمىستان قەھرىنى،
قالدى ھاڭ-تاڭ شەھرىزات ھەتتا داۋان-تاغلىق ساڭا.
قەلبىگە ئەيلەپ نەقىش پاك خىسلىتىڭنى ياش نەسىل،
ئالغا يۈرگەي سىلكىتىپ ھۆرمەتتە قول، ياغلىق ساڭا.
قەھرىمانى سەن كېسەلگە قارشى جەڭ مەيدانىنىڭ،
ئېيتقىنا، كىمدىن مىراس بۇ مەنىۋى بايلىق ساڭا؟

2003-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى

(ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكىدە)
ژۇرنىلىمىز 2004.2 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ئاجراشمىسام بولمىد...
 دېھقانسىز ئاينىماس...
 چەت ئەلگە ھەۋەس قىل...
 ئىككى شېئىر
 ئىككى شېئىر- مۇھەمم...
 دوستلارغا سۆز
 پۇشايمان

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号