كۈلكەم - ئىنسان ناۋاسى
قايغۇرسام، سولتەكلەر «يىغلاڭغۇ» دەيدۇ، يىغلىسام، يېشىمنى توپان بالاسى … ناۋادا شادلىنىپ كۈلسەم بىر نەپەس، شۇئانلا قۇترايدۇ ھەسەت ۋاباسى. بولسام گەر ئادەملىك زاتىمغا ئاسىي، يۈتەرمىش ئۇلارنىڭ ھەممە غوۋغاسى.
كۈلگەندە تېنىمگە سىغمايدۇ جېنىم، يىغلىسام، كۆزۈمدىن تۆكۈلەر قېنىم. كۆزدە ياش، يۈرەكتە كۈلكە قاينىغان - سېھرىگەر ئەپتىدىن شۈركىنەر تېنىم. يىغامدۇر ئىنساننىڭ ھەسرەت نىداسى، كۈلكەمدۇر ئىنساننىڭ شادلىق ناۋاسى.
قوزىچاق ئەمەسمەن بۆرە ئالدىدا، قارچىغا ئەمەس ھەم توشقاننى كۆرسەم؛ يۈرمىدىم تايغاندىن مۈشۈكتەك قېچىپ، چاپمىدىم قارىغۇچاشقاننى كۆرسەم. يات ماڭا نان تۇرماق جاننىڭ تەمەسى، ئەجەلدىن مۇدھىشتۇر ۋىجدان جاپاسى.
ئىنسانغا «ئىنسان»لىق مۈشكۈل ھەممىدىن، يارالمىش ئۇ شۇڭا ھايۋاندىن كېيىن. تۈلكىنىڭ بەختىگە قىلمايمەن ھەۋەس، ئادەمدەك ياشىماق بولسىمۇ قىيىن. ماكانىم - يالقۇنلۇق ئىجاد دۇنياسى، يوق ماڭا بەختنىڭ تۆرى-پەگاسى.
بىراۋلار دېيىشتى: «ئەمەلمۇ تۇتتۇڭ، قورايدەك يۈرگۈچە قورساق سالساڭچۇ؛ ھەقىقەت، پرىنسىپ دېگەن بىر ئېكەك، ئېكەكتىن جېنىڭنى چەتكە ئالساڭچۇ؛ (ھەقىقەت) دېگەننىڭ چۈشتى باھاسى، خۇشامەت ھەممىنىڭ مىزان-ئاساسى …»
مەن دېدىم: «دۇنيادا بۈگۈن ئاياللار، ئەرلەر ئىلكىدىنمۇ بولماقتا ئازاد. ئەر تۇرۇپ بىر ئەرگە بولسام قۇل-دېدەك، ئاياللار ئالدىدا ئەمەسمۇ ئۇيات؟ جىسمىمدىن ئۆكسۈمەس ئەرلىك ھاياسى، ھاجەتسىز بىراۋنىڭ سۈلھى-سالاسى.»
غەيرىي يېتىملەر
تەلمۈرىدۇ چالا ساۋات ئانىغا، تاپشۇرۇقنى ئىشلىيەلمەي بالىلار. تۈن نىسپىدە دەلدۈگۈنۈپ كېلىدۇ، تاڭدا چىقىپ كەتكىنىچە دادىلار.
بالا نەچچە چۈشەكەيدۇ دادىنى، ئويغىنىدۇ گاھى چۆچۈپ-شۈركۈنۈپ. باقسا تاڭدا بالا تەشنا-ئىنتىزار، دادا ئۇخلار مەستخۇشلۇقتا پۈركۈنۈپ.
مەيۈسلىنىپ ماڭار بالا مەكتەپكە، ئۆتەر كۈنلەر شۇ يوسۇندا ھەپتىلەپ. ئارمان ئاڭا دادىسىنىڭ باغرىدا - بىر قانغۇچە يايرىۋالماق ئەركىلەپ …
يوقالماقتا بالىلارنىڭ جىسمىدىن شۇڭا ئەركەك دادىلارنىڭ سايىسى. ئانىلارنىڭ ئەۋرىشمدەك باغرىدا، يىلتىز سۈرەر ئەۋلادلارنىڭ غايىسى …
(ئاپتور: قاغىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا) ژۇرنىلىمىز 2004.1 - سانىدىن
|