-
دېھقان بولماقلا تەس ئەمەس، روزى سايىت بولماقمۇ تەس 0
ئەدەبىي خاتىرە
ئەختەم ئۆمەر
ئېھ ! روزاخۇناكا، ئاغزىڭىزدا چاقچاق، چېھرىڭىزدە بايرام، قەلبىڭىزدە تەكلىماكاندەك دەرد-پىغانلىرىڭىزنى ئېلىپ، سىز غېمىنى يەپ تۈگىتەلمىگەن، دەردىگە تولا يىغلاپ يېتەلمىگەن، بۇغداي نېنىڭىز بولمىسىمۇ، بۇغداي سۆزىڭىز بىلەن تەسەللى بېرىپ ھالىغا يەتكەن دېھقانلىرىڭىزنى تاشلىغۇڭىز بولمىسىمۇ، ئەمما تەقدىر قىسمەت بىلەن ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدىڭىز. سەپىرىڭىز ئاق يول، ماكانىڭىز جەننەتتە بولغاي! ۋاقىتلىق ئالەمدە يۇتقان ئوغا-پىغانلىرىڭىز بەدىلىگە باغى-ئېرەمنىڭ ياپيېشىل باغلىرىنىڭ ئېرىقلىرىدا ئېقىپ تۇرغان ئابى شارابلارنى يۇتقايسىز. شائىرلارنىڭ ھەممىسى جەننەتكە ئۇدۇل كىرىۋەرمەس، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا بىرمۇنچە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكىنى بىلەن ئۇ ئالەمدە ئۆزىنىڭ جازاسىنىمۇ ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھى ئۈچۈن مۇنكىر-نەكىر تەرىپىدىن ھەسسىلەپ جازاغا تارتىلىشى تۇرغان گەپ. ئادەتتە، كۆپىنچە ئادەملەر بىرەر ئىشقا يولۇققاندا كۆڭلىدىكىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئىچىنى بوشىتىدۇ. ئەمما ئىچى كۈچلۈك، ھەق-ناھەق ئېڭى سۈزۈك ئاسماندەك ئوچۇق، مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق، ئاق-قارىنى زىر-زەۋىرىگىچە ئېنىق پەرق ئەتكۈچى ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان شائىرلار ئۈچۈن ئىچىنى ئۇۋاپ، يۈرىكىگە ئېكەك، ئۆپكىسىگە لاي-لاتقا زەرداپ سالماقتىن باشقا ئوبدانراق چارە تېپىلمىدى. ئۇيغۇر دېھقانلىرى كۆتۈرگەن ئېغىرچىلىقلارنى دەسسەپ تۇرغان يەر بىلەن ئۆزلىرى كۆتۈرمىسە، بىزنىڭ شائىرلىرىمىز ئەمەس، ھەرقانداق بىر ھاتەملىرىمىزمۇ كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ. دەرد يۈرەككە تەگكەن بىلەن يۈرەكتىن ئۆتۈپ يۈرەكنىڭ ھەربىر پىغانىنى يۇتىدىغان ئۆپكىگە بېرىپ قاچىلىنىدىكەن. يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تەگدى دېگەن بېغىش-دەل ئۆپكىسىنىڭ ئاغزى بولىدىكەن، يۈرەككە تەگكەن ھەربىر نەرسە ئۆپكىگە قاچىلىنىپ ئاخىر ئۆپكىنى دەرد-ئەلەمنىڭ ياغلىققاپىقى قىلىپ سېسىتىپ تۈگىتىدىغان گەپكەن. ھەر تىنىقتىن كىرگەن دەرد-ئەلەم، ھەربىر كۆرگەندە يۇتقان دەرد-ئەلەم، ھەربىر ئاڭلىغاندا قۇيۇلغان دەرد-ئەلەملەر خۇددى تاغ سۇلىرىدەك ئاخىر بېرىپ كۆللەرگە يىغىلغاندەك، تەرەپ-تەرەپتىن تارام-تارام زەرداپ بولۇپ ئۆپكىگە يىغىلىدىكەن. مانا شۇنداق بولغاچقا بىزنىڭ ئاچچىق يۇتقان بارلىق شائىرلىرىمىز مېڭىسىدىن قېرىماي ئۆپكىسىدىن قېرىپ، بۇ ئالەمدىن بالدۇر كەتتى. مەرھۇم ئەھمەت زىيائى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوپ، ئابدۇكېرىم خوجا، روزى سايىت ھەممىسى دېگۈدەك دەرد -ئەلەملەرنى ئىچىگە سىغدۇرالماي ئۆپكىسىدىن ئايرىلىپ، بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى.
روزاخۇناكا، سىز بىلەن مۇڭدىشىشقا ئامراق ئىدىم، بۇ مۇڭدىشىشتا دائىم مەن سىزنىڭ چاقچاق، يۇمۇر، شېئىر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان پاراڭلىرىڭىزنى ئاڭلاپ پەقەت كۈلۈشكىلا يارايتتىم. سىز بىلەن تەڭ جاۋابلىشىپ سۆزىڭىزگە سۆز قايتۇرۇپ، سىز بىلەن تەڭ بولالمايتتىم. مەن ئانچە -مۇنچە سۆزلىيەلىگەن، ئاندا-ساندا چاقچاق قىلالىغان بىلەن مۇڭدىشالمايمەن، سىز بىلەنلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر كىشى بىلەن مۇڭدىشىشقا يارىماي كەلدىم. پەقەت ماڭا گەپ قىلىپ بەرگەن ئادەمنىڭ گېپى ماڭا تېتىسا ئاڭلىيالايمەن، بولمىسا ئىختىيارسىز ئېڭىكىم ئاجراپ كەتكۈدەك تولا ئەسنەپ كۆزۈمدىن ياش قۇيۇلۇپ ئاڭلىيالمايلا قالىمەن. ئەمما سىز بىلەن ھەر قېتىم مۇڭداشقان چېغىمدا تەسىرلەنگىنىمدىن كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كېتەتتى. سىز بىلەن كۆپ قېتىم كۈنلەپ ھەپتىلەپ پاراڭلىرىڭىزغا داخىل بولغان بولساممۇ، ئەمما ئەسلا زېرىكىش ھېس قىلغان ئەمەسمەن، ئەكسىچە پاراڭلىرىڭىزغا قانماي كەلدىم. بەلكىم ئايلاپ-يىللاپ پاراڭلاشقان بولساممۇ گېپىمىز تۈگىمىگەن، پاراڭلىرىڭىزغا قانمىغان بولار ئىدىم. مانا ئەمدى مەيۈسلۈك ئىچىدە قەغەز يۈزىدە سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن. سىزدىن سادا يوق. مەندەك ئۇكا دوستىڭىز غېرىبلىق ئىچىدە قالدى. مەنلا ئەمەس، سىز سۆيگەن خوتەن، سىز ئوتىدا كۆيگەن، سۈيىدە ئاققان دېھقانلىرىڭىز، سىز دەردىدە پۇچۇلانغان ئۇيغۇر خەلقىڭىزنى غېرىبلىق باستى. سىز خەلقىڭىزنى سۆيگەچكە ئامراق قىزىڭىزنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرنىساخان قويغانىدىڭىز. ئۇنى جېنىڭىزدىن چارە قەدىرلەيتتىڭىز. قىزىڭىز خاپا قىلسا «ئاپلا، ئىسمىڭىزنى ئۇيغۇرنىساخان قويغاچقا تىللىيالمايمەن، تىلىم بارمايدۇ، ئۇرالمايمەن، قولۇم بارمايدۇ، خاپا بولسام پەقەت سىزنى باغرىمغا بېسىپ سۆيەلەيمەن، قىزىم» دەيتتىڭىز. ئۇيغۇرنىساخان قىزىڭىزنى يېتىم قىلغىنىڭىز بىزنى يېتىم قىلغىنىڭىز بولماي نېمە؟ بىز شۇنداق يېتىم قالدۇقكى، بىزنىڭ ئۆزىمىزدىن باشقا كۆيۈنىدىغان ئىچ كۆيەرىمىز قالمىدى. سىز دېھقان بولماق تەس دەپ يېزىپ، روزى سايىت بولماق تەس دەپ يازمىغانىدىڭىز. تەقلىدچىلەر يازمىشلىرىڭىزغا تەقلىد قىلىپ نۇرغۇن «تەس» لەرنى يازغان بولسىمۇ، يەنىلا سىزنىڭ تەس كۈنگە قالغىنىڭىزنى يېزىشمىدى. مانا شۇ بىر تەستىن كېيىن سۈرلۈك، سىرلىق سۈكۈت ئىچىدىكى تەس كۈن ئاخىر سىزنى ئىچىڭىزدىن قۇرتتەك غاجىلاپ يەپ تۈگىتىپ، جېنىڭىزنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدى. سىز بۇرۇن ئاچ-يالىڭاچلىق، باغلاپ ئاسماقچىلاپ ئۇرۇش، قىيناشلار، ئېغىر ھاشار، قاچقۇنلۇق، يوقسۇزچىلىقنىڭ دەردلىرىنى تارتىپ، نۇرغۇن ھەرەج كۆرگەنىدىڭىز ھەم بۇ جەبرى-جاپالار ئۈستىدىن غالىب كەلگەنىدىڭىز. ئەمما بۇ قېتىمقى بۇرۇقتۇرمىلىقنى يەڭمەك سىزگە تەس بولدى. سىزنى بىركىم ئۇرمىدى، تىللىمىدى، خورلىمىدى، سوراققا تارتمىدى، بەلكى ھۆرمەت، ياخشى كۆرۈش، كۆيۈنۈش، مەدھىيە ئىچىدە ھۆرمەت سەھنىسى تۆرىدىن ئورۇن ئالدىڭىز. بۇ ئىززەت- ھۆرمىتىڭىز ئۆز ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ كامالەتكە يەتكەن ئالتۇن دەۋرىڭىز بولدى. شاھزادىلەردەك ياشىدىڭىز، ئەمما مانا شۇنداق ئالىي ھۆرمەت ئىچىدە تۇرۇپ تۈگىشىپ كەتتىڭىز، قانچىكى كاتتا مەئىشەتتە بولغانچە يۈرىكىڭىز شۇنچە ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ ئۆپكىڭىز قۇرۇپ چەكسىز ئازابلىق، بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە پۇچۇلاندىڭىز. چۈنكى نىجىس كېسەللىك ئاشۇ قاملاشقان گەۋدىڭىزنى قۇرۇتۇپ قاقشالغا ئايلاندۇرۇۋەتكىچە بولغان ئارىلىقتا جىسمانىيىتىڭىز راھەت دېڭىزى ئىچىدە بولغىنى بىلەن ئادىمىيلىك روھىڭىز شائىرلىق روھىڭىز، ئېتىزدا، مەكتەپتە، تۈرمىدە، خەلق ئىچىدە پۇچۇلۇنۇپ يۈرگەن بولغاچقا قەلب ھېسسىياتىڭىز ۋولقاندەك ئۇرغۇپ تۇردى.
ئۇ ئالەمدە ھەر ئادەم ئۆز غېمى بىلەنلا، ياق ! غەم بولمىغاندىكىن يەنە ئاغزى پالۋانلىق بىلەن شېئىر ئوقۇپ، شائىرلىق قىلىمەن دەپ دەردمەن بولۇپ يۈرۈشىڭىز بىھاجەت. بولدى، يېتەر. بۇ دۇنيادا قىلغان شائىرلىقىڭىز بەش يۈز يىل ئىلگىرىكى ناۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ شېئىرلىرى ھازىرغىچە يادلانغاندەك يادلىنىدۇ. بۇ دۇنيادا مىجەزى كېلىشىدىغانلار ۋە كېلىشمەيدىغانلار، ياخشىلار ۋە يامانلار بىر زالغا يىغىلغان بىلەن، ئۇ دۇنيادا دوزاختىكىلەر دوزاخ زالىغا، جەننەتتىكىلەر جەننەت زالىغا يىغىلىسىلەرغۇ دەيمەن. ھەرقاچان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى ئەپەندى، نېمشېھىت، زۇنۇن قادىرى، ئەھمەت زىيائى، ئۆتكۈر ئەپەندىم، تېيىپجان ئېلىيوپ، ئابدۇكېرىم خوجا، زوردۇنكاملار جەننەت يوللىرىدا «ۋاي كەلدىڭمۇ روزى گاداي، ئۇ دۇنيا ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ساڭا بېرىپ ئۇزىتىشقا ئۇلارنىڭ قارنى ئاغرىغان بىلەن، بىز ساڭا مەڭگۈلۈك دۇنيانىڭ ناۋائىي ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ساقلاپ ئولتۇردۇق. قارا، بىزنىڭ جەننەت يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ناۋائىي ھەزرەتلىرى -2001 يىللىق مۇكاپاتنى ساڭا ئۆز قولى بىلەن بەرمەكچى» دەپ ئالدىڭىزغا چىققاندۇ. سىز يەنىلا «مەن مەشھۇر روزى سايىت كەلدىم، ناۋائىي ھەزرەتلىرىدىن باشلاپ ھەممىڭلار مېنىڭ قوبۇل قىلىشىمنى كۈتۈپ قاتارى سەپ بولۇپ تىزىلىپ تۇرۇڭلار» دېگەنسىز. ئۇلار «ھە گاداي، بىزنى قوبۇل قىلغىنا، قوبۇلىڭغا ئېرىشىۋالايلى» دەپ پاراقلاپ كۈلۈشكەندۇر ھەرقاچان. بوپتۇ، روزاخۇناكا، بىز سىزنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاتىسى ناۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز ھەم شۇنى تىلەيمىز. بىز سىزنىڭ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىش ئالدىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ زور شان-شەرەپ مۇكاپاتىنى بېرىپ ئالىي ئېھتىرام بىلەن ئۇزاتقۇمىز بولسىمۇ، بۇنىڭغا ئاجىز كەلدۇق. دىلىڭىز رەنجىدى، ئازار يېدىڭىز. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، سىز شۇغۇللانغان ئەدەبىيات پەقەت ئەنە شۇ ناۋائىي ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ لايىق نامزاتى.
قەدىرلىك روزاخۇناكا، سىز كەتتىڭىز، بىز قالدۇق. ئەمما ئارقىڭىزدىن بىزمۇ بارىمىز. سىز مەڭگۈلۈك سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا خوتەنگە بېرىشقا يول بولغان بولسىمۇ، سىزگە دېيىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن سەۋەب يولۇمنى چىڭ توسۇۋالغانلىقتىن سىزنى ئەل قاتارى ئۇزىتالمىدىم. يول يىراق، پاچىقىم ئىنچىكە بولغانلىقتىن جىنازىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئەل قاتارى ماڭالمىدىم. قايتىش ئالدىدا «ئەختەمگە مەندىن سالام دەڭلار» دەپ كۆز يېشى بىلەن قىينىلىپ ئەۋەتكەن سالىمىڭىزدىن خىجىللىق ئىچىدە بوغۇزۇم ئاچچىق بولۇپ، ئاللاھتىن ياتقان جايىڭىزنى جەننەت تىلىدىم. مەن ھەم ئەل-جامائەت ئەلگەكتىن ئۆتۈپ ئاشكارا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرىڭىز بىلەن سىزنى بىر ياخشى كۆرگەن بولسام، ئەلگەكتىن ئۆتمەيدىغان، قۇلاقنى-قۇلاققا يېقىپ ئۆز ئاۋازىڭىز بىلەن يادلاپ بېرىدىغان ئاجايىپ نادىر شېئىرلىرىڭىز، نەزمە، داستانلىرىڭىز بار ئىدى. ئۇنى ھەر ئاڭلىساق تېلىقىپ كۈلەتتۇق ياكى ھۆڭرەپ يىغلايتتۇق، ياكى ئۈستەلگە مۇشتلاپ قوپاتتۇق. مانا سىز شۇنداق شائىر ئىدىڭىز، شۇ ئىشلار بولغاندا بۇنداق سادا بولمىغان بىلەن سىزنىڭ شائىرانە روھىڭىزدىن پارتلاپ چىققاندا ئەنە شۇنداق بولاتتۇق. مانا بۇ سىزنىڭ راست تەبىئىي شائىرلىقىڭىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىدى. سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز بىرلا پاقلىنى بار دېھقاننى ئاشۇ پاقلىنىنى سويدۇرۇپ ئالدىڭىزغا قويدۇرالىغانىدى. سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز ئۆز قورسىقىغا يېگەنگە، خەقنىڭ ھاجەتخانىسىغا ھاجەت قىلغانغىمۇ قورسىقى ئاغرىيدىغان پىخسىق سودىگەرلەرنى ئالتۇندىن ئوردېن ياساپ، ئىلى-تارىم ۋادىسىدىن يۇلتۇزدەك ئېقىپ بېرىپ مۇكاپاتلاتقۇزغانىدى. سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز ئۆمرىدە شېئىر ئوقۇمىغانلارنى شېئىرغا خۇمار قىلغان. سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدىغانلارغا شېئىرنى چۈشەندۈرۈپ، قانچىلارنى كۈلدۈرۈپ دەردىنى چىقارسا، قانچىلارنى يىغلىتىپ پۇخادىن چىقارغۇزغان، يەنە قانچىلارنى ئىچىدىن قان كەتكۈزگەنىدى. سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز ئۆزىڭىزدەك راستچىل، سەمىمىي، خۇشخۇي مەردانە ئىدى. سىزنىڭ پۈتۈن كىتابلىرىڭىز تويماي ئوقۇش، بەزىبىر خۇنۈك، جانسىز شېئىرلارنىڭ بىر مىسراسىنى ئوقۇشقا كەتكەن بىر تىنىق ۋاقىتتىنمۇ قىسقا بىلىنەر ئىدى. ئۇزۇن يازاتتىڭىز، قانمايتتۇق، راست يازاتتىڭىز، ئازمايتتۇق. ئۆزىڭىزگە ئوخشاشلا پەردازسىز يازاتتىڭىز، گۈزەللىك ھۇزۇرىغا چۆمەتتۇق. توم-توم لۇغەتلەردە ئىسىم، تەرجىمىھاللىرى قىستىلىشىپ تۇرغان، پاتمانلىغان شائىرلار ئىچىدە بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز پەقەت سىزنىلا بىلەتتى، سىز بىلەن تونۇش ئىدى. چۈنكى سىز ئالدى بىلەن دېھقانلارنى تونۇغان، ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتكەن، دەردىنى چۈشەنگەن، چۈشىنىپلا ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ بولدى قىلماستىن، بەلكى دېھقان ئۈچۈن ياقا يىرتىپ، يالىڭاچ بولۇپ مەيدانغا چۈشۈپ، يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ دېھقانلارنىڭ ھەق مەنپەئىتى ئۈچۈن جان تىكىپ دەۋاغا چۈشكەن. دەۋايىڭىزنى پۈتۈن ئەل-جامائەتكە جاكارلاپ تۇرۇپ بار ئاۋازىڭىز، زېھنى قۇۋۋىتىڭىز بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ تۇرۇپ ئاڭلاتقان، ئاڭلاتقاندىمۇ بۆشۈكتىن-تۆشۈككىچە بولغان جىمى ئادەمنى قىلىۋاتقان ئىشىنى قويۇپ تۇرۇپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاشقا، قۇلاق قېقىپ ئاڭلاشقا ماگنىتتەك تارتىپ ئەكېلەلىگەنىدىڭىز. بېشىغا ئالۋاڭ-سېلىق چۈشكەندە غىڭ قىلماستىن موزاي-توپاقلىرىنى سېتىپ ئالۋاڭ تۆلىگەن دېھقانلار، ئۇ چاغدا بارلىق دەرد-پىغانىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، پەقەت ئۇلۇغ-كىچىك تىنىش ئارقىلىق بولدى قىلغان بولسا، سىزنىڭ مىسرالىرىڭىزنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى تونۇپ ئاندىن ھۆڭرەپ يىغلاشقانىدى.
ئېھ، قەدىرلىك روزاخۇناكا، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز باياشات، تۇرمۇشىڭىز توق كۈنلەردە ۋىجدان ئازابى، دېھقان ئازابى ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆپكىڭىزنى، ئاندىن ئۆزىڭىزنى قۇربان قىلدىڭىز. سىز بىلەن بىزنىڭ قورسىقىمىز توق، ماددىي جەھەتتىن ئەڭ سېمىز بۇقىنىڭ يەمگە تويۇنۇپ، چىۋىن بېسىپ كۆشەپ ياتقان ھالىغا ئوخشىغىنىمىز بىلەن سىزدىكى روھ، ئىنسانىي تەپەككۇر، ئادەملىك پەزىلەت سىزنى ئۆزىڭىزنىلا ئويلىمايدىغان، لېيىڭىز پىششىق ئادەم بولۇشقا تەقدىر قىلدى.
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى يېزا-بازارلىرىدا كۈندۈزى مال-چارۋا بازىرى بولغانغا ئوخشاش، كېچىلىرى بالا بازىرى بولۇۋاتقىلى ئون يىللاردىن ئاشتى. ئىچكى جۇڭگودىكى بىرمۇنچە شەھەرلەردە بالا ئوغرىلار يامراپ يۈرۈشىدۇ. سەككىز-توققۇز ياشلاردىكى بالا ئوغرىلار كىشىلەرنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرىدۇ. ئوغرىلىق قىلىدۇ. زەھەر ساتىدۇ، تۇتۇلىدۇ، سولىنىدۇ. يەنە چىقىدۇ، يەنە شۇنداق قىلىدۇ. دېھقانلار ئامالسىزلىقتىن يوشۇرۇن ھالدا بالىلىرىنى ئوغرىلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا سېتىۋاتىدۇ. ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئوغرى، قاراقچى بولۇشىنى خالىمايتتىغۇ؟! سىزنىڭ جېنىڭىزنى ئېلىپ جاڭگالدا قويغىنى دەل مانا مۇشۇنداق رەھىمسىز تەقدىر ئوتىنىڭ تېشىدا كۆيگەن كۆيۈك بولدى. دېمەككى، روزاخۇناكا، دېھقان بولماقتىن روزى سايىت ئاتلىق شائىر بولماق قىيىن بولدى. دېھقان ئۆلمەي، روزى سايىت ئۆلدى، روزى سايىتنىڭ تەنلىرى ئۆلگەن بىلەن ئۇنىڭ شېئىرى دېھقانلارغا بايراق بولدى. سىزنىڭ روھىڭىز بۈيۈك مەڭگۈلۈك جەۋلانكار شېھىت شائىرلىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپلەرنىڭ شېھىتلىق مۇقامىدىكى جەننەت باغلىرىدا بولسا، تېنىڭىز سىز سۆيگەن ھەم كۆيگەن خوتەن تۇپرىقىدا. روزى سايىتنىڭ تەنلىرى تۇپراققا ئايلىنىپ شۇ تۇپراقنىڭ لېيىدا خوتەن خەلقى تام سالسا، بۇ تام خوتەن خەلقىگە ئەمەس، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە دالدا تام بولىدۇ. بۇ تۇپراقتا ئۈجمە دەرىخى ئۈنسە، بۇ ئۈجمىدىن پۈتكەن خوتەن شايىسى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە يېپىنچا بولىدۇ.
خەير خوش، روزاخۇن ئاكا، خاتىرجەم يېتىڭ، ئارقىڭىزدىن بىزمۇ بارىمىز، ھەممە گەپلەرنى خەت يۈزىدە دېيىشىپ بولالمىغاندىكىن، بارغاندا مۇڭدىشارمىز.
-
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ بايقىلىش جەريانى
/ شېرىن قۇربان
-10 ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە بولغان 500 يىل ئىچىدە پارس - تاجىك پوئېزىسى مۇنبىرىدە مىڭ شائىر ئۆتۈپ، بىر شېئىرىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەگەر بۇ شېئىرىيەت سىستېمىسىنى بىر چوڭ قەسىرگە ئوخشاتساق، تۆۋەندىكى بەش كاتتا شائىر مەزكۇر قەسىرنى تىك تۇتۇپ تۇرغان بەش چوڭ تۈۋرۈك بولۇپ قالىدۇ. دەۋر-زامان تەرىتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى (940-1025)، ئۆمەر ھەييام (1040-1123)، نىزامى گەنجىۋى (1141-1209)، شەيخ سەئىدى (1203-1292) ۋە ھاپىز شىرازى (1323-1388) لاردۇر. تالانتلىق، قابىلىيەتلىك ۋە ئىقتىدارلىق ئۆمەر ھەييام پەيلاسوپ، ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم نامى بىلەن ئاللىقاچان تونۇلغان بولسىمۇ، لېكن ئۇنىڭ شائىر ۋە رۇبائىيچى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمىگەن. بۇ خىل قاتماللىقنى بىرىنچى بولۇپ بۇزۇپ تاشلىغان كىشى ئەنگلىيىلىك ئالىم، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلار تەرجىمىشۇناسى ۋە تەتقىقاتچىسى ئىدۋارد فستجىرالد (1809-1883) دۇر. ئۆمەر ھەييام ۋاپاتىدىن تەخمىنەن 700 يىل كېيىن، يەنى 1857-يىلى ئىدۋارد فستجىرالد ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى تۇنجى قېتىم ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدى. لېكىن ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، تەرجىمان ئىدۋارد فستجىرالد ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى توپلىمىغا ئۆز نامىنى يازمىغان. 1860- يىلى ئەنگلىيىلىك ئاتاقلىق ئەدىبلەردىن روستېتى بىلەن سۋېن بورنى تەرجىمان نامى بولمىغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ نەشر قىلغان. مانا مۇشۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئىدۋارد فستجىرالد تەرجىمە قىلغان ئۆمەر ھەييام رۇئىيلىرى كاتتا بازارغا ئېرىشكەن، ئۆمەر ھەييامنىڭ نامىمۇ ئالەمگە تارىلىپ رەسمىي ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە،-1860 يىلىدىن 1925- يىلىغىچە جەمئىي 65 يىل ئىچىدە ئىدۋارد فستجىرالد تەرجىمە قىلغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ئىنىگلىزچە نۇسخىسىلا 139 قېتىم نەشر قىلىنغان. ئىنىگلىز تىلىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىكەن.
ئېلىمىز جۇڭگودا 1958-يىلى ئۆمەر ھەييام رۇبائىيشۇناسى ئىدۋارد فستجىرالد ۋاپاتىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاتاقلىق ئەدىب ۋە تەرجىمان گومۇرۇ ئەپەندىمۇ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنىڭ-4 قېتىملىق نەشرىگە ئاساسەن، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان ھەم ئۇنىڭغا تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۇزۇن مۇقەددىمە يېزىپ ئېلان قىلغان، 1983-يىلى 6-ئايدا ئىدۋارد فستجىرالىد ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى تەرجىمان خۇاڭ گوشى ئەپەندىنىڭ ئىنىگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغان «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى»نى نەشر قىلغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1929- يىل فستجىرالد تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك (يېڭى شەھەر مەنىسىدە) شەھىرىدە 8000 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان. دۇنيا كىتابچىلىق تارىخىدا ھەتتا كالام دەستۇرلار باھاسىنىڭمۇ 8000 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققانلىق توغرۇلۇق ئۇچۇر مەلۇمات ياكى يازما خاتىرە يوق. ئىراننىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئالىمى مەكتابى مىنۇنىڭ ستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، 1929-يىلىغا قەدەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئېلان قىلىنغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى تەتقىقاتى ئىلمىي ماقالىلىرى 1500 پارچىدىن ئاشقان. ئىراننىڭ ھازىرقى زامان يازغۇچىسى ۋە تەتقىقاتچىسى سەئىد نەفىسنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ھازىرغا قەدەر نەشر قىلىنغان ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ئىنىگلىزچە تەرجىمىسىدىن 32 خىل، فرانسۇزچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 16 خىل، گېرمانچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 12 خىل، ئوردۇچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 11 خىل، ئەرەبچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن سەككىز خىل، ئىتالىيانچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن بەش خىل، رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن تۆت خىل، تۈرۈكچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن تۆت خىل، دانىيىچە تەرجىمە نۇسخىسى ئىككى خىل، شۋېتسىيىچە تەرجىمە نۇسخىسى ئىككى خىل بار ئىكەن. بۇ بۇرۇنقى ستاتىستىكا ماتېرىيالى بولۇپ، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ناھايىتى كەمتۈك، ئالايلۇق، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى (ئىككى خىل)، ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى (مەرھۇم شائىر نۇر مۇھەممەت ئېركىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن ئاتاقلىق يازغۇچى مۇھەممەت ئوسمان ئەپەندىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى) ۋە ئۆزبېكچە تەرجىمە نۇسخىلىرى يوق ۋە باشقىلار.
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارىلىپ كەتكەنلىكى، تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ھەر بىر نۇسخىدا رۇبائىيلارنىڭ سانىنىڭ ئوخشىماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ سانى مەسىلىسى بىر قىزىق تالاش-تارتىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشىدىن قارىغاندا، ئۆمەر ھەييامنىڭ مۇبارەك نامى ئاستىدىكى رۇبائىيلار سانى كۆپ بولغاندا5000، ئاز بولغاندا 14 ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ سانلار تازا توغرا ئەمەس. ئۇنىڭغا خىلمۇ خىل ئامىللار، ھېسسىياتلار ۋە ساختىلىقلار ئارىلىشىپ كەتكەن سەلجۇق تۈرك سۇلالىسى دەۋرى (مىلادىنىڭ 1031-1157-يىللىرى) دە ياشىغان شائىر باھارىز تۈزگەن «دىلغا ھۇزۇر» توپلىمىغا ئۆمەر ھەييامنىڭ 559 رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن. بۇ 1463-يىللىرى تۈزۈلگەن رۇبائىي توپلىمى بولۇپ، ئەڭ قەدىمكى نۇسخا ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن باشقا، قەدىمكى نۇسخىلاردىمۇ رۇبائىيلار سانى 300-400 دىن نېرى ئۆتمەيدۇ. ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىدىمۇ 258 رۇبائىي بار ئىكەن. بۇ ئەڭ مۇكەممەل ساقلىنىۋاتقان نۇسخا ھېسابلىنىپ، 1460-يىلى ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىن تېپىلغانىكەن. روسىيىنىڭ ئاتاقلىق شەرقشۇناس ئالىمى ۋ. ژۇكوۋىسكىي 1897-يىلى «ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ كۆچمە رۇبائىيلىرى توغرىسىدا» ناملىق تەتقىقات ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەن دەپ100 دەك رۇبائىينى ھەييام رۇبائىيلىرى ئىچىدىن چىقىرىۋەتكەن. بۇنىڭغا قارىتا، ئىراننىڭ ھازىرقى زامان پروزا ئۇستىسى سادىق ھىدايەت (1903 -1951) ئوبزور ئېلان قىلىپ، ژۇكوۋىسكىي چاپىقىنى ئالىمەن دەپ، كۆزىنى قارىغۇ قىلدى، بۇ ھەييامنىڭ 80 دەك رۇبائىيسىنى ئوغرىلاپ، باشقىلارنىڭ دەپتىرىگە يازدى، دەپ كۆرسەتتى.
1925ـ يىلى گېرمان ئالىمى رۇگىن بېرلىندا «پەيلاسوپ ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى توغرىسىدا» دېگەن تەتقىقات ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ سانى 329 دەپ كۆرسەتكەن. 1927- يىلى دانىيە ئالىمي كېرسىدىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇبخانىسى، بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيى، پارىژ دۆلەت كۇتۇبخانىسى، بېرلىن كۇتۇبخانىسى، ھىندىستان كالكۇتتا كۇتۇپخانىسىدىكى قەدىمىي 16قول يازما نۇسخىسىنى بىر تەكشىلىكتە قويۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ سانىنى 121 گە چىقارغان. بۇ خىل ئىلغاش تاسقاشقا ئىران ئالىملىرى قەتئىي قارشى تۇرغان. چۈنكى بۇنىڭدا ئىراندىكى قەدىمكى نۇسخىلار نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. ئىران-ھەييامنىڭ ئانا يۇرتى. ھەييامنىڭ بارلىق رۇبائىيلىرى قەدىمكى پارستا بارلىققا كەلگەن. ئىراننى قايرىپ قويۇپ، ھەييام رۇبائىيلىرى ئۈستىدە گەپ قىلىش، ھەقىقەتەنمۇ غەلىتىلىك! 1964-تاجىكىستان دۈشەنبە ئىرفان نەشرىياتى ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى «سەد رۇبائىي» (100 رۇبائىي دېگەن مەنىدە) نامى بىلەن بىر بەتتە نەقىش ئىچىدە بىرلا رۇبائىي بولۇش شەكلى بىلەن ئالاھىدە چىرايلىق نەشر قىلىپ تارقاتتى. ئۇلارنىڭ شەرھىيلىشىچە، بۇ سەد (100) رۇبائىي ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەڭ سەرخىل رۇبائىيلىرى ئىكەن. ھازىر دۇنيادا، ئەنگلىيىلىك شەرقشۇناس، كامبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئارتور ئاربېررىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ۋە قارىشى ئۈستۈنلۈكتە تۇرماقتا. چۈنكى ئۇ ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئىككى قەدىمكى قول يازمىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىرى 1208- يىلىدىكى قول يازما، يەنە بىرى-1257-1260 يىلىدىكى قول يازما، ئالدىنقىسىدا 252 رۇبائىي، كېينكىسىدە 172 رۇبائىي، جەمئىي 524 رۇبائىي بار ئىكەن. بۇ ئىككى خىل قول يازما ھازىر كامبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇبخانىسىدا ساقلانغانىكەن. ئارتور ئاربېررى بۇ ئىككى قول يازمىنى ئىران ۋە لوندوندىن تېپىپ ئېلان قىلغانىكەن. ھازىرچە بۇنىڭغا بۆلەكچە پىكىر يوق ئىكەن. }-
مەنبە : ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى
-
2009-11-26
بىزگە قانداق قىزلار كېرەك؟ - [ئەدەبىي ماقالە-ئوبزورلار]
بىزگە قانداق قىزلار كېرەك؟
ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى
بىزگە قانداق قىزلار كېرەك؟ دىگەن بۇ سۇئال ئادەمنى سەل قىينايدۇ. چۈنكى نۇرغۇن ئادەم «مەن» دېگەن نوقتىدىن پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئۇلار ماڭا قانداق قىز كېرەك دىگەن سۇئالغا ئۇنچە قىينالماي جاۋاپ بېرەلەيدۇ. لېكىن بىز دېگەن سۇئال ئالدىدا تېڭىرقاپ قالىدۇ، چۈنكى شۇ «مەن» نىڭ قىممەت قارىىشى كۆپچىلىككە ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ ۋە ياكى«مەن» نىڭ قىممەت قارىشى بىلەن بىلەن باشقىلارنىڭ قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرقلەر بارمۇ؟ بۈگۈن بىز كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرى چەكسىز پارچىلىنىۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز، قىسقىغىنا بىر مەزگىل ئىچىدە قىممەت قاراشلىرىمىز نەچچە قېتىم ئۆزگىرىپ بولدى، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بىر ھېكايىسىدا ئېيتقاندەك « دۆلەت يېڭى قۇرولغاندا نامراتلىق مودا بولغان، ھۆكۈمەت بىر قىسىم بايلارنى باستۇرغان ئىدى، بۈگۈن يەنە شۇ ھۆكۈمەت باي بولۇڭ دەۋاتىدۇ. بىر كۈنلىرى زادى باي بولالمىغان بىر نەچچە نامراتنى ئەپچىقىپ ئاتامدۇ نىمە؟» شۇنداق، بۈگۈن ئايرىم ئۈچ خىل قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلپ ياشايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئۇچرىتىش تەس ئەمەس. مىسالى بوۋىسى بىر خىل قىممەت قارىشى ئىچىدە ياشىسا ،دادىسى يەنە بىر خىل قىممەت قارىشى ئىچىدە ياشايدۇ، ئۆزى يەنە بىر خىل قىممەت قارىشىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە، بەلكىم بىر نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان ئوغلى يەنە بىر خىل قىممەت قارىشىغا ئىگە بولۇپ چوڭ بولۇشى مۇمكىن. بىر ئۈستەللىك زىياپەتتە بىر نەچچە خىل قىممەت قارىشىنىڭ تەڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈرۈمچىدەك بىر چوڭ شەھەردە نورمال ھادىسىگە ئايلانغان. بەزىلەر بۇ مەسىلىنى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاقلىقى ياكى قىممەت قاراشلىرىنىڭ تەڭ گۈللىنىشى دەپ قارايدۇ. دېمەك مۇشۇ خىل ئوبىيكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىزدە «مەن» نوقتىسىدىن پىكىر قىلماق ئوڭاي،«بىز» نۇقتىسىدىن پىكىر قىلماق تەس. بىز دېگەن ھامان نۇرغۇن ياق دەپ ئۆكتە قوپۇۋاتقان سادالارنى ئاڭلايسىز. چۈنكى سىزنىڭ قىممەت قارىشىڭىز ئۇلارغا يېقىپ كېتىشى ناتايىن. ھەتتا ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قىممەت قاراشلىرىنىڭ زىددىيەتلىكلىكى. سىز بىر ئادەمنىڭ قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىدىن بىر نەچچە خىل قىممەت قارىشىنىڭ، ھەتتا ئۆزئارا زىددىيەلىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئەكس ساداسىنى تېپىپ ھەيران قالىسىز، بۇنداق زىددىيەتلىك قىممەت قاراشلىرى بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا قانداق مۇرەسسە بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغاندۇ دەپ چۆچۈمەي تۇرالمايسىز 12- ئاينىڭ 25–كۈنى روژدىستوۋ بايرىمى ئوينىسا ، كۆپ ئۆتمەي قۇربان ھېيت ئوينايدىغان، كەچكىچە روزى تۇتۇپ، ئىپتادىن كېيىن بىر مەيدان ئىچىپ قويىدىغانلار ھەم يوق ئەمەس.
بىز بىزگە قانداق قىزلار كېرەك دېگەن نۇقتىدىن پىكىر قىلغاندىمۇ دەرھال مانا مۇشۇنداق چۇۋالچاقلىقنىڭ دەردىنى تارتىمىز. ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە قانداق قىزلارنىڭ كېرەكلىكى ھەققىدە ھەرنىمىلەرنى دىيىشى، ئادەم بار يەردە بەزى ئەخلاقلىق، ئەدەپلىك گەپلەرنى دېسىمۇ يالغۇز يەردە باشقىچىراق گەپلەرنى دەپ سېلىشىمۇ مۈمكىن.
بەزىلەر قىزلارنىڭ ئوچۇق-يورۇق، ئۆزى بىلەن سورۇنلاردا تەڭ ئولتۇرۇپ، تەڭ ئىچىشىپ بېرەلەيدىغان ياكى قانداقتۇر ئىشلارنى مەردلىك بىلەن بىللە قىلالايدىغان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ياكى ماڭا شۇنداق قىزلار كېرەك دەپ ئويلايدۇ، ياكى ئالدىدىكى قىزلارنىڭ ئالدىدا شەيتانى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق قىممەت قارىشىنى بازارغا سالىدۇ. لېكىن شۇنداق قىزلارنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئادەم ئايالىنىڭ، قىزىنىڭ، سىڭلىسىنىڭ شۇنداق قىز بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلماسلىقى مۈمكىن. قىسقىسى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە قانداق قىز لازىملىقى ھەققىدە ئۆزىگە خاس قاراشلىرى بار بولۇشى مۈمكىن. ئانىنىڭ قىزىغا قويىدىغان تەلىپى بىلەن ئاتىنىڭ، ئاكىنىڭ، ئاچىنىڭ، ئۇستازنىڭ، جەمئىيەت ئەربابلىرىنىڭ تەلىپى ئوتتۇرىسدا، مۇناسىۋەتنىڭ قارمۇ-قارشى ئىككى قۇتۇپىدا تۇرۇۋاتقان ئەر-ئاياللارنىڭ ئوتتۇرسىدا مەلۇم پەرقلەرنىڭ بارلىقى ئېنىق.
ئۇنداقتا بىزگە زادى قانداق قىزلار كىرەك؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال قىز ياكى ئاياللارنىڭ ھاياتتا تۇتىدىغان ئورنىنى ئېنىقلىۋېلىپ، قىز-ئاياللارغا نىسبەتەن ئېنىق تەبىر بېرىشىمىز كىرەك.
بىزگە بىلىملىك قىز كېرەك. بىلىم بىلىش دېمەكتۇر، بىلىشنىڭ ماھىيتى دۇنيانى، دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى، ھەقنى، ھەقنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش دېمەكتۇر. بىلىملىك قىز ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا نېمىشقا كەلگەنلىكىنى، مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئەڭ توغرا ھەقىقەتنىڭ روھىغا يېقىن بىلەلىگۈچى دېگەنلىكتۇر.
بىزگە ئەخلاقلىق قىز كېرەك. ئەخلاق بىر كەڭ كاتىگورىيە، ئىنسانلار ئەگىشىۋاتقان قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئەخلاقتىمۇ پەرق بولىدۇ. ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا چوشقا گۆشى يىيىش چەكلەنگەن. بۇ ماھىيەتتە بىر ئەخلاق. لېكىن بىر خىرىستىئان ئۈچۈنچۇ؟ ماركىسىزمچى بىر خەنزۇ ئۈچۈنچۇ؟چوشقا گۆشى يېيىش ئەخلاقسىزلىق كاتىگورىيىسىگە تەۋە ئەمەس. دېمەك ئەخلاق پەرقلىق بولىدۇ. ئەخلاققا ئاساسەن كېلىپ چىققان تۇرمۇش قاراشلىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ئۇنداق قىزلىرىمىز قانداق ئەخلاققا ئىگە بولۇش كېرەك؟ شەرمىي- ھايا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆركلىرىدىن بىرى. شەرمىي ھايالىق بولۇشى كىرەك. نۇزۇگۇم، ئاماننىساخان، رىزۋانگۈل، سەنەم، لەيلى، شىرىن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۆز ئەركى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، مۇھەببەتنىڭ پاكلىقىنى ھاياتىدىن ئۈستۈن بىلىدىىغان، شۇ ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ قىممىتىگە ھەسسىلەپ قىممەت قوشۇدىغان باتۇر، ھەقىقەتنىڭ، ھەقنىڭ پەرۋانىسى بولۇشى كىرەك. بۇ خىل سۈپەتلەر قىزلىرىمىزنىڭ ئانىلىق ئۇلۇغلىقىنى، مەشۇقلۇق سۆيۈملۈكلىكىنى، ئىنسانلىق قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. تىرىشچان، پاكىز بولۇشى كىرەك. ياكى بىزگە شۇ سۈپەتلەرنى ھازىرلىغان قىزلار كېرەك.
بىزگە قانداق قىزلارنىڭ كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن قوللىنىشقا بولىدىغان يەنە بىر ياخشى ئۇسۇل بىزگە كېرەك ئەمەس قىزلارنىڭ قانداقلىقىنى ئايرىپ چىقىش. لېكىن بىز دېگەن ئۇقۇمنىڭ تايانچى چوقۇم بىر ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە، ھەقىقەتكە ئەڭ يېقىن ئەخلاق بولۇشى كىرەك. بىزگە كېرىكى كۆڭۈل ئېچىشىمىز ئۈچۈن ئارزۇلىنىدىغان قىزلار ئەمەس توي قىلىشىمىز، بالىللىرىمىزنىڭ، مىللەتنىڭ ئانىسى قىلىنىش ئۈچۈن ئارزۇلىنىدىغان قىزلاردۇر. بىز لاياقەتلىك ئانا، دىيانەتلىك مەشۇق، گۈزەل، پاكىز، مېھرىبان، بىلىملىك ئاچا-سىڭىل....لارغا مۇھتاج
-
2009-11-25
بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟ - [ئەدەبىي ماقالە-ئوبزورلار]
بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟
يالقۇن روزى
دادﯨلار ﻗﻪﻳﺴﻪرﻟﯩﻜﺘﻪ، ﭼﯩﺪام -ﺟﺎﺳﺎرەﺗﺘﻪ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﮬﯜﻧﻪردە، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻘﺘﺎ، ﺋﻪل - ﻳﯘرﺗﻘﺎ ﮬﯩﻤﻤﻪت ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ... ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮلاﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.
«ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە دۇﻧﻴﺎﻗﺎراﺷلار ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜك ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن دەۋردە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪت ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇۋاﻟﻐﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺋﯩﺴﺘﺮاﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻏﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك».
ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺑﺰاس ﺳﯚز ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ ﺟﺎلاﻟﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻣﻪزﻛﯘر ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔ 2004 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 2 - ﺳﺎﻧﯩﺪا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك؟» دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺧﯩﺘﺎﺑﻰ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯘ ﺧﯩﺘﺎب ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚز ﻧﯚۋﯨﺘﯩﺪە ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﻚ دادﯨلارﻏﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﺪۇ! ﻣﻪن ﺋﺎﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق دادﯨلار ﻛﯧﺮەك؟» دﯦﮕﻪن ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺟﯩﺪدﯨﻲﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
-
2009-11-25
بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟ - [ئەدەبىي ماقالە-ئوبزورلار]
بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟
ئىدرىس بارات
* ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرا ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪت ﻳﻪﺗﻜﯜزۈش، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﭙﻪرەﺳﻠﯩﻚ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩ... -
2009-11-25
بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟ - [ئەدەبىي ماقالە-ئوبزورلار]
بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟
ئابدۇقادىر جالالىدىن
«ﺋﺎﻧﺎ» - ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻏﺎﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻗﯘم ﺋﻪﻣﻪس. «ﺋﺎﻧﺎ» - ﺋ...