1. ئەگەر ھويلا ئۆيدە بولغىنىمىزدا تۇيۇقسىز يەر تەۋرەپ قالسا، دەرھال كاۋات، ئۈستەل ياكى ئىشكاپنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ، يوتقان-كۆرپە قاتارلىق يۇمشاق نەرسىلەر ئارقىلىق بېشىمىزنى قوغداپ تۇرۇپ، يەر تەۋرەش توختىغان ھامان، بىخەتەر جايغا بېرىۋېلىشىمىز كېرەك. يەر تەۋرەۋاتقاندا ئەگەر ئۆگزە بېسىپ چۈشسە، مۆكۈنىۋالغان كارۋات ياكى ئۈستەل ئاستىدىن ھەرگىز مىدىرلىماسلىق كېرەك، يەر تەۋرەش توختىغىچە ساقلاش ياكى قۇتقۇزۇشنى كۈتۈش زۆرۆر. 2. ئەگەر بىنا ئۆيدە بولغىنىمىزدە يەر تەۋرەپ قالسا، بىنادىن قېچىپ چىقىشنى ئويلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى ۋاقىت ھەرگىز يار بارمەيدۇ. ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل: ئۆگزىنى تىرەپ تۇرىدىغان ئىككى تام ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىك ئۆيگە كىرىۋېلىش، مەسىلەن ھاجەتخانا، ئاشخانا دېگەندەك. ئۈستەل، ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ ياكى ئۆينىڭ ئىچى تەرىپىدىكى تامنىڭ بۇلىڭىغا بېرىۋېلىپ بېشىنى قوغداپ تۇرسىمۇ بولىدۇ. ھەرگىزمۇ بالكون ياكى دەرىزە تۈۋىگە بېرىۋالماسلىق كېرەك. 3. ئەگەر دەرس ئاڭلاۋاتقاندا يەر تەۋرەپ قالسا، قورقۇپ كونتروللۇقنى يوقتىپ، دەرسخانىدا قالايمىقان يۈگرەپ قېچىپ چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنماسلىق كېرەك. ئىشىككە يېقىن ساۋاقداشلار تېز سۈرەتتە سىرىتقا چىقىۋالسا بولىدۇ، سىنىپ ئوتتۇرىدىكى ياكى ئىشىككە يىراق ساۋاقداشلار، دەررۇ ئۈستەل ئاستىغا كىرىۋېلىپ بېشىنى سومكىسى بىلەن ئورىۋالماقلىقى زۆرۆر. تام تەرەپتىكى ساۋاقداشلار تامغا چىڭ يېپىشىپ بېشىنى ئورىۋېلىشى زۆرۆر.
4. ئەگەر ئۆيدىن چىقىۋالغان بولسا، ھەرگىز يەر تەۋرەش توختىغان ھامان ئۆيگە كىرىپ نەرسە ئېلىشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك، چۈنكى تۇنجى قېتىم تەۋرەپ بولغاندىن كېيىنم قالدۇق يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقى يۇقىرىم قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ ئادەمگە خەۋىپى تېخىمۇ ئېغىر. 5. ئەگەر ئاممىۋى سورۇندا يەر تەۋرەپ قالسا، ھودۇقۇپ قالايمىقان يۈگۈرمەستىن، ئەڭ يېقىندىكى بىخەتەر جايغا بېرىۋېلىش كېرەك، مەسىلەن ئۈستەلنىڭ ئاستى، سەھنىنىڭ ئاستى قاتارلىق. 6. ئەگەر كوچىدىكى ۋاقىتتا يەر تەۋرىسە، ھەرگىزمۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىچىگە، ئېگىز بىنالارنىڭ ئاستىغا، ئېلان تاختىلىرىنىڭ ئاستىغا كىرىۋالماسلىق، تار كوچا ياكى كۆۋرۈك بېېشى قاتارلىق جايلاردا تۇرماسلىق كېرەك. 7. ئەگەر يەر تەۋرىگەندە ئۆرۈلگەن قۇرۇلۇشقا قاپسىلىپ قالسا، ئامال قىلىپ كۆكرىكىنىڭ يۇقارى تەرىپىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىپ لۆڭگە ياكى كىيىم بىلەن ئېغىز بۇرنىنى ئورىۋېلىپ، ئىس-تۈتەك، چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش كېرەك. سۇ ياكى يىمەكلىك تېپىشقا ئامال بولمايدۇ، بەدەن كۈچىنى ساقلاشقا دېققەت قىلىپ، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈش كېرەك. |