«پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭ، ئاخىرقى 100ى قالدى! تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ ئاستىدىكى قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون نومۇرىغا دەرھال تېلېفون بېرىپ سېتىۋېلىڭ!» تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىدىكى بۇنداق مال سېتىش ئېلانلىرىنى دائىم كۆرىمىز.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالتاي يولىدا ئولتۇرۇشلۇق لى خانىم يۇقىرىقىدەك ساختا ئېلانغا ئالدىنىپ، 599 يۈەنگە بىر تېلېكامېرا سېتىۋالغان. ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «12315» قوماندانلىق مەركىزى تېلېۋىزىيە ئېلانىدىن مال سېتىۋالغاندا ئېھتىيات قىلىش، مال سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى، شۇ جايدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ياكى مەھسۇلاتنى نازارەت قىلىش تارماقلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ، چوقۇم مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشنى ئىستېمالچىلارنىڭ سەمىگە سالدى.
لى خانىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، 5-ئىيۇل، ئۇ ئېرى بىلەن شاڭخەي سىملىق تېلېۋىزىيە قانىلىدا: «پەقەت 599 يۈەنگىلا، ئىقتىدارى كۈچلۈك تېلېكامېرا سېتىۋالالايسىز، يەنە تېخى كۆك ياقۇت قويۇلغان ئەرلەر ئۈزۈكىدىن بىرى سوۋغا قىلىنىدۇ» دېگەن ئېلاننى كۆرگەن، ئىككىسى شۇ ھامان تېلېۋىزىيە ئېكرانى ئاستىدىكى قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ تېلېكامېرادىن بىرنى سېتىۋالغان ھەم قارشى تەرەپ تەمىنلىگەن بانكا ھېسابات نومۇرىغا پۇل سالغان. بىر ھەپتىدىن كېيىن، تېلېكامېرا يەتكۈزۈلگەن. ئەمما، تېلېكامېرا تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا كۆرسىتىلگىنى بىلەن ئوخشاش چىقمىغان، لى خانىم تېلېكامېرانىڭ چۈشەندۈرۈش كۆرسەتمىسى بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، بىر كېچە توك قاچىلىغان بولسىمۇ، تېلېكامېراسى ئېچىلمىغان.
لى خانىم: «بىز تېلېكامېرانى ئۈچ رېمونتخانىغا ئاپاردۇق، ئۇلار ئوخشاشلا بۇنىڭ يۇقىرى تېخنىكا بىلەن تەقلىد قىلىپ ياسالغان تېلېكامېرا ئىكەنلىكىنى، سىنغا ئېلىش ئىقتىدارى يوقلۇقىنى ئېيتتى، ئېرىم ئىككىمىز شۇ چاغدىلا ئالدانغانلىقىمىزنى بىلدۇق» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، لى خانىم تېلېكامېرا ساتقۇچى ئورۇنغا تېلېفون قىلىپ تېلېكامېرانى قايتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ھەم پوچتا ئادرېسى بويىچە تېلېكامېرانى قايتۇرۇپ سېلىۋەتكەن، قارشى تەرەپ ئالماشتۇرۇپ بېرىمىز، دېگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان.
لى خانىم نائىلاج گېزىتىمىزنىڭ قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئىلتىماس قىلغان.
1-ئاۋغۇست، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى «12315» قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى مېڭديې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېلېۋىزىيە ئېلانى ئارقىلىق مال سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرزى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى «12315» قوماندانلىق مەركىزى ئىستېمالچىلارنىڭ تېلېۋىزىيە ئېلانى ئارقىلىق سېتىۋالغان مال توغرىسىدا مەسلىھەت سوراش تېلېفونىدىن 180 نەچچىنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، پەقەت ئالتە دېلو تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، بۇلار ئاساسلىقى، سىپىرلىق ئېلېكتىر سايمانلىرىغا چېتىشلىق ئىشلار. تېلېۋىزىيە ئېلانى ئارقىلىق مال سېتىۋالغۇچى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا رايون ھالقىپ، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇشتەك ئامىللار ساقلانغاچقا، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قىيىن بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا، تېلېۋىزىيە ئېلانى ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشتا ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى «12315» قوماندانلىق مەركىزى ئىستېمالچىلارنىڭ تېلېۋىزىيە ئېلانى ئارقىلىق مال سېتىۋالغاندا ئەھۋالنى چوقۇم ئېنىقلاپ، شۇ جايدىكى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ياردەم سورىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سېتىۋالغان مال تالونىنى ئوبدان ساقلاپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلدى.
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى |