قەدىمىي ئەسەرلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر مەشھۇر دىئالوگ بار. خەن شەنزى شى دېدىن: " بۇ ھاياتىمدا بەزىلەر ماڭا قارا چاپلاپ، ئالدىسا، بەزىلەر ھاقارەتلەپ، مەسخىرە قىلدى. يەنە بەزىلەر مېنى كۆزگە ئىلمىدى، كەمسىتتى. مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟" دەپ سوراپتۇ. شى دې كۈلۈپ تۇرۇپ : " ئۇنىڭغا چىدا، يول قوي، ئۇنىڭدىن ساقلان، ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەت؛ ئۇنىڭغا سەۋر قىل، ھۆرمەت قىل، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. نەچچە يىل ئۆتكەندە ئاشۇلارغا قايتا قاراپ باققىن" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. بۇنداق دۇردانە جۈملىلەر نۇرغۇن ھايات ھېكمىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان. كەڭ قورساقلىق بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھايات پەلسەپىسىدۇر. سىز كۆكسى-قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كىشىنى ئەپۇ قىلىۋېتىڭ. ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ . ھاياتتا قىلغان ئون ئىشىڭىزنىڭ سەككىز-توققۇزى دېگۈدەك كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقمايدۇ. جاھاندا كەم-كۈتسىز ئىش بولمايدۇ. شۇنداقلا ھەممە ئادەمنىڭ كەتكۈزۈپ قويىدىغان ۋاقتى ۋە قىلالمايدىغان ئىشى بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. سىز دائىم ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەۋەرسىڭىز، ھاياتىڭىز ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىڭىز تۈزەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ سادىر بولىدۇ. شۇڭا سىز ھەر ۋاقىت تەبەسسۇم قىلىپ تۇرۇشنى ، ئۆز-ئۆزىڭىزگە كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. دۈشمەنلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ . رىقابەت كەسكىن بۇ دەۋردە قاچانلاردە بىرىنىڭ سىزگە دۈشمەن بولۇپ قالغانلىقنى بىلمەيلا قالىسىز. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك خىزمەت بېسىمى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان زاماندا بەزى كىشىلەرنىڭ سىز بىلەن ئوخشىمايدىغان پىكىردە بولۇشىدىن خالىي بولماق تەس. ئۇ بەلكىم كەينىڭىزدىن گەپ تاپقاندۇ، سىزگە قارا چاپلىغاندۇ ياكى سىزنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرگەندۇ. شۇنداق، گەرچە سىز بىر ياۋاش-يۇمشاق ئادەم بولسىڭىزمۇ ئاۋارىچىلىقلار بوسۇغىڭىزدىلا ئەگىپ يۈرىدۇ. بۇنداق چاغدا قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ دۈشمىنىڭىزگە ئوخشاش پىتنىخورلۇق قىلىشىڭىز كېرەكمۇ ياكى سىزنى ئورىغا ئىتتىرگەنلەرگە ئاداۋەت ساقلاپ ئۆتۈشىڭىز كېرەكمۇ؟ ياق، ئۇلارغا يەنىلا ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. غەزەبلەنسىڭىز باشقىلارنىڭ ئەمەس ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىسىز. مېنىڭچە سىز تېخى دۈشمىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، ئاشۇ رەزىللىكلەر سىزگە ھاياتتىكى گۈزەللىكلەرنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى ئۆگەتتى. سىزگە ھەقىقىي بەخىتنىڭ نېمىلىكىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇتتى. سىز يەنە دوستلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ . خۇشاللىق ئىزدەش سەپىرىدە ئېھتىمال ئەڭ يېقىن دوستلىرىڭىز سىزگە ئەڭ ئېغىر تالاپەت كەلتۈرگەندۇ. بىراق، دوستلىرىڭىز بۇلارنى مەقسەتسىز ياكى بىردەملىك ھەسەتخورلۇقتىن قىلىپ سالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا سىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىڭ. چۈنكى ئۇلار ئىلگىرى سىزگە ياردەم بەرگەن ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان. ھاياتىمىزدا ئەپۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ۋە ئادەم يوق. بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت سىزنىڭ شۇ ئىش ۋە ئادەمگە قانداق قارىشىڭىزدا. ھەممىمىز ئەپۇچانلىقنى ئۆگىنىۋالايلى. تۇرمۇش بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن چاغدا ئۇنىڭدىن يېڭى بىر رۇجەك ئېچىپ باقايلى. بەلكىم بۇ رۇجەكتىن تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن. |