توردا ئىگىلىك تىكلىگەن بىر ئايال بىلەن سۆھبەت
يوللانغان ۋاقتى: 01:57 23-08-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان ،تور سودىسى ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيدىغان بىرئائىلە ئايالى ئېلىكتىر سايمانلىرنى راۋۇرۇس چۈشىنىدىغان ماھىر
مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان ،تور سودىسى ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيدىغان بىر ئائىلە ئايالى ئېلىكتىر سايمانلىرنى راۋۇرۇس چۈشىنىدىغان ماھىر مال ساتقۇچىغا ئايلاندى. ئۇ تاۋباۋدائىقتىسادىي جەھەتتىن نۇرغۇن پۇل تېپىپلا قالماستىن يەنە روھى جەھەتتىنمۇ بايلىققا ئرشتى. مۇخبىرلىرىمىز بۇ ئايالنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ باشتىن ئاخىرى رەسىمدىكى تەبەسسۇم چىرايى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئەمدى بىز ئۇنىڭ باي بولۇش جەريانىدىكى ھىكايىلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى:
مۇخبىر : سىز قاچاندىن بىرى تاۋباۋدا دۇككان ئچىشنى باشلىغان؟ دەسلىپىدىلا ئىلىكتىر سايمانلىرىنى سېتىشنى باشلىغانمۇ؟
جىيابىڭ: مەن بۇ دۇكاننى 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاچقان، رەسمىي تىجارەت باشلىغان ۋاقتىم 2007-يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرى چۈنكى ئۇ چاغدا مەن تىخى كومپىيوتىر سىتىۋالمىغان بولۇپ تورغا چىقىدىغان ۋاقتىم ناھايتى ئاز ئىدى، كىيىن كومپىيوتىر سىتىۋالغاندىن كىيىن توردا ۋاكالىتەن سىتىشنى باشلىدىم ، ئاساسلىقى ئاياللارنىڭ كىيىم-كىچىكى ئىدى.
مۇخبىر: سىز بۇرۇن ئۆيدە نىمە ئىش قىلاتتىڭىز ؟ نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز توردا دۇككان ئچىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟
جىيابىڭ:ئۆيدە باشقا ئشمۇ يوق شۇ ئۆيى ئشلىرىنى قىلاتتىم، بىكار بولسام كىتابخانىلارغا بىرىپ كىتاپ كۆرەتتىم، بىر كۈنى كىتاپخانىلارنى ئارلاۋىتىپ توردا سودا قىلىش ھەققىدىكى بىر كىتابنى كۆرۈپ قالدىم شۇنىڭ بىلەن توردا سودا قىلىش ئستىكى قوزغالدى. مۇخبىر:سىز باياتىن توردا ۋاكالىتەن سىتىش ئشلىرىنى قىلدىم دىگەنتىڭىز ،نىمە ئۈچۈن ئېلىكتىر سايمانلىرنى سىتىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟ جىيابىڭ: ۋاكالىتەن سېتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا ئالىدىغان پايدىسى ئېنتايىن ئاز، مەن جىقىراق پۇل تىپىشنى ئويلايتىم ، شۇڭا مەن يولدىشىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىلىكتىر سايمانلىرىنى سېتىشنى قارار قىلدۇق. چۈنكى يولدىشىم بىر شىركەتتە كومپىيوتىر ، تىلغون ، ئاپپىرات قاتارلىق ئلىكتىر سايمانلىرنى سىتىش بىلەن شۇغۇللىناتتى.
جىيابىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەسۋاپلارنى تەكشۈرمەكتە
مۇخبىر: توردا ئىلىكتىر سايمانلىرىنى سېتىشقا كۆنەلىدىڭىزمۇ ؟ قانداق كۆنەلىدىڭىز ؟
جىيابىڭ: دەسلەپدە مىنىڭ توردا مال سىتىش بېلىملىرىم ھەمدە ئىلىكتىر سايمانلىرىلىرىغا بولغان چۈشەنچەم كەمچىل بولغاچقا ناھايىتتى قېينالغان ئىدىم، كىيىن سىتىش مىقدارىنىڭ ئىشپ بىرىشىغا ئەگشىپ توردا بىلىمرىم ھەمدە ئىلىكتىر سايمانلىرىلىرىغا بولغان چۈشەنچەم چوڭقۇرلاشتى. ھازىر ماھىر بولۇپ كەتتىم.
مۇخبىر: سىزنىڭ ھازىر ئايلىق سىتىش مىقدارىڭىز قانچىلىك ؟ بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق مۇشۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى سىتىشنى ئويلىشىۋاتامسز؟جىيابىڭ: ھازىرقى مىنىڭ ئايلىق سىتىش مىقتارىم 40 تۈمەندىن ئاشىدۇ . مىنىڭچە بولغاندا ئىلىكتىر سايمانلىرى سىتىشتا بىرىنچىدىن سۈپەت ئاندىن مۇلازىمەت ، ئشەنچ ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا مەن مۇشۇ پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇپ كىلىۋاتىمەن ھەمدھ بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن مەھسۇلاتلىرىمنىڭ سىتىلىش مىقدارىنى تىخمۇ ئاشۇرىمەن. !
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى
|
------分隔线----------------------------