ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى قايسى؟
يوللانغان ۋاقتى: 20:47 09-09-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
سىزنىڭچە ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى قايسى؟ پروگرامما رىياسەتچىسى بۇ سوئالنى ھەرخىل ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەردىن سورىغاندا
سىزنىڭچە ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى قايسى؟
پروگرامما رىياسەتچىسى بۇ سوئالنى ھەرخىل ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەردىن سورىغاندا :
بىر كىچىك قىزچاق :« ئىككى ئايلىق مەزگىلنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى بۇ مەزگىلدە سىزنى ئاتا- ئانىڭىز كۆتۈرۈپلا باقىدۇ، ناھايىتى كۆپ ئادەملەرنىڭ كۆيۈنىشى بىلەن ئېتىبارىغا ئېرىشىسىز.»دېگەن.
بىر كىچىك ئوغۇل بالا :« ئۈچ ياش ئەڭ ياخشى مەزگىل.چۈنكى بۇ ياشتا بالىلر باغچىسىغا بارىدۇ،ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنى ئوينايدۇ، قىلىمەن دېگىنىنى قىلالايدۇ.»دېگەن.
بىر ئۆسمۇر بالا :«18 ياش .بۇ باسقۇچتا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ماشىنا ھەيدەششنى ئۆگىنىپ ،بارماقچى بولغان ھەر قانداق جايغا بىمالال بارغىلى بولىدۇ.»دەپ جاۋاب بەرگەن.
43 ياشلىق بىر ئەر : « 25 ياش .بۇ مەزگىلدە ئادەمدە ئالغا ئىنتىلىدىغان غايەت زور كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. مەن ھازىر ئاجىزلاپ قالدىم،ئېگىزرەك داۋانلارغا چىقالمايمەن. 15 يېشىمدا كېچىچە ئۇخلىمىساممۇ ھېچنېمە بولمايتتىم. ھازىر سائەت توققۇز بولا- بولمايلا ئۇيقۇغا كېتىمەن.» دېگەن.
ئۈچ ياشلىق بىر قىزچاق :« ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى 29 ياش. چۈنكى سىز بۇ مەزگىلدە بىمالال سوزۇلۇپ ياتالايسىز .نېمە ئىش قىلغۇڭىز كەلسە شۇنى قىلالايسىز » دېگەن. رىياسەتچى ئۇ قىزچاقتىن:«ئاپىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟» دەپ سورىغاندا ، ئۇ «29 ياشقا » دەپ جاۋاب بەرگەن.
بەزى كىشىلەر :40 ياش ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى. چۈنكى بۇ مەزگىلدە ئادەمنىڭ ئەقىل- پاراسىتى بىلەن كۈچ -قۇۋۋىتى تولۇق يېتىلىدۇ، دېيىشكەن.
45 ياشلىق بىر خانىم :«بالا تەربىيىلەشتىكى ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداپ بولدۇق. ئەمدى نەۋرىمىزنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىدىن ھوزۇرلىنىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى »دېگەن.
بىر ئەر :«65 ياش ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى. چۈنكى بۇ باسقۇچتا پىنسىيە تۇرمۇشىدىن بەھرىلەنگىلى بولىدۇ»دېگەن. ئاخىرىدا بۇ سوئال ياشانغان بىر ئايالدىن سورالغاندا ، ئۇ :« ھەر بىر ياش باسقۇچى سىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.شۇڭا سىز ھازىقى ياش باسقۇچىڭىزنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك » دەپ جاۋا ب بەرگەن.
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى
|
------分隔线----------------------------