ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ياز پەسلىدە كالا سۈتى ئىچىشكە بولامدۇ-بولمامدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى: 2012-06-27 00:15 مەنبەسى: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
خەلق ئارىسىدا ياز پەسلىدە كالا سۈتى ئچىسە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ،ياز پەسلىدە كالا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبى قىش پەسلىدىكىدەك ياخشى ئ
  

خەلق ئارىسىدا «ياز پەسلىدە كالا سۈتى ئچىسە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ»، «ياز پەسلىدە كالا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبى قىش پەسلىدىكىدەك ياخشى ئەمەس» دىگەندەك سۆزلەر بار. ئۇنداقتا ياز پەسلىدە زادى كالا سۈتى ئىچىش كېرەكمۇ ياكى ئىچمەسلىك كېرەكمۇ؟

   جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادىمىيسى گۇاڭ ئەنمېن دوختۇرخانىسى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئوزۇقلۇق بۆلۈمىدىكى ۋراچ ۋاڭيى: «جۇڭگو تېبابىتىدە، كالا سۈتى تەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۆپكە ۋە ئاشقازانغا پايدىلىق،  ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ دەپ قارىلىدۇ. كالا سۈتى تەركىبىدە 70 پرسەنت ئەتراپىدە سۇ تەركىبى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاقسىل ۋە ماي ئوڭايلا ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ. شۇڭا، ھاۋا قاتتىق ئىسسىق كۈنلىرى، كالا سۈتى ئىستېمال قىلسا ئادەم تەرلەش سەۋەبلىك يوقاتقان سۇ تەركىبىنى تولۇقلىيالايدۇ، ئوزۇقلۇقلارنى تېخىمۇ كۆپ يەتكۈزەلەيدۇ، بۇ ياز پەسلىدىكى سالامەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشىغا كۆپ پايدىلىق» دەپ چۈشەندۈرگەن.

    بۇنىڭدىن سىرت، كالا سۈتى تەركىبىدە سالمونېللا باكتىرىيسىگە قارشى ئانتىتېللا،  يۇلۇن سنېرىيە ياللۇغى ۋىرۇسى ئانتېللاسى قاتارلىق كۆپ خىل ئىممۇنىتېتلىق سار ئاقسىل بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ مىكروپقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا، ياز پەسلىدە كالا سۈتى ئىچسە ئىسسقىنى ئاشۇرماستىن بەلكى، بەدەندىكى ئىسسقىنى قايتۇرىدۇ.

  بولۇپمۇ، نەپەسلىنىش سىستېمىسى ياكى ھەزىم قىلىش سىسستېمىسى جەھەتتە كېسەل بولۇپ تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن كىشىلەر، يەنە شېكەر سىيىش كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن كالا سۈتى ئىنتايىن ياخشى بولغان ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى.

  جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادىمىيسى ۋاڭجىڭ دوختۇرخانىسى مۇدىرى ياڭ گوخۇا:«خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن، ياز پەسلىدىكى كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى قىش پەسلىدىكىدىن ياخشى دىگەن ئېيتىلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسىي يوق، چۈنكى كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى پەسىلگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس بەلكى يەم-خەشەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە مۇناسىۋەتلىك» دەپ چۈشەندۈرگەن.

  ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك بولغىنى، گەرچە ياز پەسلىدە كالا سۈتى يەنىلا ئىنتايىن مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلۇق ئىچىملىكى بولسىمۇ، ئەمما ياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسىق بولغانلىقتىن ئادەم بەدىنى كۆپ مىقداردا سۇ تەركىبى يوقىتىپ، كالا سۈتى تەبىئىتى سوغۇق بولغانلىقتىن، يەنە مول ئاقسىل تەركىبى بار بولغانلىقتىن ھەمدە جۇڭيى تېبابىتىدىكى ئاتالمىش ئىسسىق ئۆتۈپ ئۆپكە ياللۇغلىنىش دىگەن كۆز قاراش بولغانلىقتىن، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئوڭايلا زەخمىلىنىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر كالا سۈتى ئىچسە بولۇپمۇ سوغۇق كالا سۈتى ئىچسە، ئوڭايلا ئاشقازان-ئۈچەي يولىدا بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ.

     شۇڭا تۆۋەندىكى كىشىلەر ياز پەسلىدە كالا سۈتى ئىچىشكە بەك ماس كەلمەيدۇ:

    1. ئاشقازىنى ئاجىز ئادەملەر

  يەنى ئاشقازىنىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار، ئوڭاي ئىچى سۈرىدىغان بىمارلار.

   2. بەدىنىدە ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولغانلار

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>